شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشقا يېتەكچىلىك قىلدى

2026-08-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

− مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە كۈنى ھەم ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى يولغا قويۇلۇش پەيتىدە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، 4 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى» رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشتىكى «قانۇن دەستۇرى» دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقى جاكارلاندى. بۇ قانۇن دەستۇرى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى روھ ۋە تۇتقا قىلغان، يۇقىرى سەۋىيەلىك قانۇنچىللىق ئارقىلىق سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى قوغداشتا مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، پاكىز، گۈزەل يەرشارى ماكانىنى ئورتاق قۇرۇشنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلىدۇ.

«ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ شۇنداق كۆرسەتتى.

قانۇن تاغ - دەريالارنى قوغدايدۇ، دەستۇر كېيىنكىلەرگە نەپ يەتكۈزىدۇ. تۈزۈم قۇرۇلۇشىدىن قانۇنچىللىق كاپالىتىگىچە، تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن يېشىل تەرەققىياتقىچە، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلىتىمىزدە ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش، ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى باسقۇچ باشلىنىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات قەدىمى بارغانسېرى مۇستەھكەملىنىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش دەۋر مېلودىيەسى سىجىل ياڭرىدى.

ئىدىيە نۇرى:

«يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشتا قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىش مۇھىم»

بىر قانۇن دەستۇرى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئابىدىلىك پەيتنىڭ بەلگىسى −

2026 - يىلى 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ خەلق سارىيى. 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى» ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدىن كېيىن دۆلىتىمىزنىڭ «قانۇن دەستۇرى» نامى بىلەن ئاتالغان ئىككىنچى قانۇنى بولۇپ قالدى.

يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ گۈزەل ماكاننى قوغداشتىكى سەمىمىي ئارزۇسىنى مۇجەسسەملەپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى تۇنجى قېتىم شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى قانۇنغا كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش كۈچىگە ئىگە قانۇن قائىدىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى قانۇنچىللىق يولىدا تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتتى.

ئىدىيە نۇرى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش يولىنى يورۇتتى.

شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئۈستىدە بوشاشماي ئىزدەنگەنلىكىنىڭ نەزەرىيە يۈكسەكلىكى ۋە ئەمەلىيەت جەۋھىرى، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم نەتىجىسى. بۇ مۇھىم ئىدىيە ئەمەلىيەتتىن كەلگەن ھەم ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بولۇپ، يېڭى دەۋردە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

چىڭخەيدە، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى شىن ۋېن پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىملىتىپ «خەلق ئىچى دەريا باشلىقى» بولۇپ، يىل بويى ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتىنى مىنىپ دېڭىز يۈزىدىن 4500 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى توتوخې دەرياسى بويىدا ئالدىراش يۈردى.

«توتوخې دەرياسى بىزنىڭ ئانا دەريايىمىز، ئۇنى قوغداش مېنىڭ زىممەمدىكى ئىش.» ئۇ مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيە - مۇھىتنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى بىرىنچى سەپتىكى بارلىق دەريا قوغدىغۇچىلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.

بۇ يىل دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. چىڭخەي دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمى ئارقىلىق دەريا - ئېقىنلارنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، ھەربىر دەريا ئېقىنى، ھەربىر كۆلنى مەخسۇس چارلاپ قوغدىغۇچى، مۇھاپىزەت قىلغۇچىغا ئىگە قىلدى. ھەربىر گۈزەل دەريا - كۆل گۈزەل مەنزىرىلەرنى بېيىتتى، تۇرمۇشنى جۇلالاندۇردى.

دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى دۆلىتىمىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى.

دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، خەلقنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تۈزۈم پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان نېگىزلىك خاراكتېرگە، ئومۇملۇق خاراكتېرىگە، مۇقىم بولۇش خاراكتېرىگە، ئۇزاق مەزگىللىك خاراكتېرگە ئىگە مەسىلە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى تېخىمۇ شۇنداق.

«يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشتا قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىش مۇھىم»؛

«ئەڭ قاتتىق تۈزۈم، ئەڭ پۇختا قانۇنچىللىقنى يولغا قويغاندىلا، ئاندىن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىشەنچلىك كاپالەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ»؛

«تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، تۈزۈم تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ، تۈزۈمنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈمنى قاتتىق چەكلىمە ۋە تېگىشكە بولمايدىغان يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك»؛

...

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا تۈزۈم ئارقىلىق ھوقۇقنى باشقۇرۇپ ئەمەلدارلارنى ئىدارە قىلىش، كۆك ئاسماننى قوغداپ يېشىللىقنى كۆپەيتىشتىن ئىبارەت قەتئىي ئىرادىنى جاكارلىدى.

«تۈزۈم» ئارقىلىق «ئىدارە قىلىش» ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاساس مۇستەھكەملەندى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى.

يېڭى دەۋردىن بۇيان، بىر قاتار تۈزۈم گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى قوغدىدى، «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر» ۋە «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى»دىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم ھۆججەت ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ پىروگرامما خاراكتېرلىك قۇرۇلمىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە تۈزۈم سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى.

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى نىشانلىق باھالاش - تەكشۈرۈش تۈزۈمى، ئېكولوگىيە - مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش جاۋابكارلىقىنى ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تۈزۈمى، بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتى تۈزۈمى قاتارلىق تۈزۈم - مېخانىزملار ئورنىتىلىپ ۋە يولغا قويۇلۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشقا «پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش» ۋە «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش» قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، كارخانا ئاساسىي گەۋدە بولغان، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى ۋە ئامما ئورتاق قاتنىشىدىغان مەسئۇلىيەت سىستېمىسى تېخىمۇ پۇختىلاندى ۋە تاكامۇللاشتۇرۇلدى.

2026 - يىلى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى باھالاش چارىسى»نى بېسىپ تارقاتتى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا بولغان تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، باھالاش ئارقىلىق ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش ۋە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلىدى.

«قانۇن» ئارقىلىق «ئىدارە قىلىش» ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كاپالەت كۈچەيتىلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى قانۇن چىقىرىش سالمىقى ئەڭ زور بولغان، قانۇن ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۆلچىمى ئەڭ قاتتىق بولغان، قانۇن - تۈزۈمنىڭ يولغا قويۇلۇش ئۈنۈمى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغان مەزگىلنى باشلىدى.

2018 - يىلىدىكى بىر قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر كارخانىنىڭ شۇ جايدىكى باجنى كۆپ تاپشۇرىدىغان كارخانا ئىكەنلىكىنى، لېكىن يەنە بۇلغىمىنىمۇ كۆپ قويۇپ بېرىدىغان كارخانا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ «بۇ ئىككى يىلدا مۇھىت قوغداش تارماقلىرى ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىپ قاتتىق تەكشۈرۈپ، چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى سوممىسى 27 مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولغان <تارىختىكى ئەڭ چوڭ مۇھىت قوغداش جەرىمانە تالونى>نى چىقاردى» دېگەنىدى.

بۇ كارخانا چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ خۇبېيدىكى شىشوۋ بۆلىكىگە جايلاشقان چۇيۈەن گۇرۇھى ئىدى. ئىلگىرىكى بۇلغىمىنى كۆپ قويۇپ بېرىدىغان كارخانىدىن بۈگۈنكى كۈندىكى يېشىل ئۈلگە بولۇشقىچە، بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەل كارخانىنىڭ 2016 - يىلى قانۇنغا خىلاپ ھالدا بۇلغىما قويۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن «زىيادە يۇقىرى باھالىق جەرىمانە تالونى»نى تاپشۇرۇۋالغانلىقى بولدى. كارخانا سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ بۇلغىنىشنى تۈزەپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، قەدەممۇ قەدەم يېشىل تەرەققىيات يولىغا قاراپ ماڭدى.

ئىدىيە ئىسلاھاتقا يېتەكچىلىك قىلدى، ئىسلاھات قانۇنچىللىقنى مۇكەممەللەشتۈردى. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى قانۇنچىللىق كەمتۈكلۈكىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاش ئارقىلىق، مۇھىت قوغداش تۈزۈم تورى بارغانسېرى زىچ توقۇلدى.

دۆلىتىمىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى ئورنىنى بېكىتتى؛ كۈن بويىچە ئۇدا جەرىمانە قويۇش، پېچەتلەش - تۇتۇپ قېلىش، ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇش - ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىش قاتارلىق قاتتىق تەدبىرلەرنى كىرگۈزۈپ، «تارىختىكى ئەڭ قاتتىق مۇھىت قوغداش قانۇنى»نى ئېلان قىلدى؛ دىققەتنى خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ئېكولوگىيە - مۇھىت مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق، قاتتىق تاشلاندۇق، شاۋقۇن، دېڭىز - ئوكيان قاتارلىقلارغا ئالاقىدار بولغان بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ساھەسىدىكى بىر تۈركۈم مەخسۇس قانۇننى تۈزدى ۋە ئۇنىڭغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى؛ ۋادى، رايون ئېكولوگىيە - مۇھىتىغا دائىر قانۇن چىقىرىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش قانۇنى، خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش قانۇنى، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قانۇنى، قارا تۇپراقنى قوغداش قانۇنى قاتارلىق قانۇنلارنى مەخسۇس تۈزدى...

يېڭى دەۋردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت ساھەسىگە دائىر قانۇن - تۈزۈملەر دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان، ئىلمىي، پۇختا بولغان ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى، لېكىن تۈزۈم تارقاق بولۇش، جىپسىلاشتۇرۇش راۋان بولماسلىق، ماسلىشىش يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ھېلىھەم مەۋجۇت.

قانۇن دەستۇرى تۈرلۈك قانۇنلارنىڭ يىغىندىسى، تۈزۈملەرنىڭ توپلىمى.

ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىدا پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا دائىر نەزەرىيە، تۈزۈم، ئەمەلىيەت نەتىجىلىرى قانۇن دەستۇرى شەكلىدە بېكىتىلدى، ئۇ، 30دىن ئارتۇق ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇنى، 100دىن ئارتۇق مەمۇرىي نىزام، 1000دىن ئارتۇق يەرلىك نىزام قاتارلىقلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە توپلىنىشى بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇنچىللىق ئۇلىنى مۇستەھكەملىدى.

− خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى نامايان قىلىندى، قانۇن دەستۇرىدا دىققەت ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيە - مۇھىت ئېھتىياجىغا جاۋاب قايتۇرۇلدى.

− ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى سىستېما قارىشى گەۋدىلەندۈرۈلدى، قانۇن دەستۇرىدا ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، سىستېمىلىقلىقى ھەم ئۇنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى بويىچە، پۈتۈن ئامىلنى قاپلىغان، پۈتۈن ۋادىنى قاپلىغان، پۈتۈن زەنجىرنى قاپلىغان ئېكولوگىيەنى قوغداش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇندى.

− يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات يولى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، قانۇن دەستۇرىدا يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات قىسمى ئىجادىي تەسىس قىلىنىپ، تەرەققىيات ئۇسۇلى بىلەن تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپقا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇندى.

«بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئېكولوگىيەنى قوغداشقىچە، يەنە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقىچە، ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىنىڭ مەزمۇنى سىستېمىلىق، ئەتراپلىق بولۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش ئۈچۈن <ئومۇمىي قائىدە> تۇرغۇزۇلدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى تۈزەش لوگىكىسىدا <ئامىلغا ئايرىش، ھالقىغا ئايرىش، تارماققا ئايرىش>تىن ئىبارەت پارچىلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشتىن <پۈتۈن جەريانلىق، پۈتۈن رايونلۇق، پۈتۈن ئامىللىق> سىستېمىلىق تۈزەشكە يۈزلەنگەن تارىخىي بۇرۇلۇشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى ۋۇخەن داشۆ مۇھىت قانۇنى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى چىن تيەنباۋ.

تۈزەش يولى:

«ئەڭ قاتتىق تۈزۈم، ئەڭ پۇختا قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش»

بىر تېيىلىش تاختىسى «خۇابېيدىكى مەرۋايىت»نىڭ قايتا نۇر چېچىشىدىن ئىبارەت غايەت زور ئۆزگىرىشكە گۇۋاھ بولدى −

خېبېي شيۇڭئەندىكى بەيياڭديەندە تېيىلىش تاختىسى بىلەن دولقۇن تېيىلىشتىن ئىبارەت بىر تۈرلۈك يېڭى ئېقىمدىكى سۇ ئۈستى تەنھەرىكىتى ئەۋج ئالماقتا ئىدى. چەكسىز كەتكەن نېلۇپەر دېڭىزىنى كېسىپ ئۆتكەندە، تېيىلىش تاختىسىنىڭ ئاستى ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان سۈپسۈزۈك «سۇ ئاستى ئورمانلىقى» بولۇپ، قومۇشلار ئارىسىدىن پات - پات سۇ قۇشلىرى ئۇچۇپ چىقاتتى. بەيياڭديەننىڭ سۇ سۈپىتى ناچار 5 - تۈردىن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى ھەم 3 - تۈردە مۇقىم ساقلاندى، ياخشى ئېكولوگىيە - مۇھىت كۆك باش چۆمگەك ئۆردەك، رەڭدار ئىبىس قاتارلىق 296 خىل ياۋايى قۇشنى بۇ جايدا ماكانلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن ساياھەتچىنى ھېس قىلىپ داكا قىلىشقا جەلپ قىلدى.

ئۆزگىرىشنىڭ ئارقىسىدا تۈزۈم، قائىدە - نىزامنىڭ كۈچى بار. «بەيياڭديەننىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى تۈزەش ۋە قوغداش نىزامى» قاتارلىقلار ئېلان قىلىپ يولغا قويۇلۇپ، رايونلار ماسلىشىپ تۈزەش مېخانىزمى كۈچەيتىلدى، باشقۇرۇش قالايمىقان بولۇش بىر ياقىدىن باش چىقىرىشقا ئايلىنىپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىن، ئوڭ - سول قىرغاقتىكىلەر بىرلىكتە بۇلغىنىشنى تۈزەپ، خۇابېي سۇ ماكانىنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكىنى پۇقرالارغا قايتۇرۇپ بەردى.

«GDPغا قاراش»تىن «PM2.5كە قاراش»قىچە، «غەيرىي پۇراقتىن سەسكىنىپ چىراي ئۆزگىرىش»تىن «بۇلغىما چىقىرىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش»كىچە، ئەتراپىمىزدىكى كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراق خەلق ئاممىسى تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان زور خەلق تۇرمۇشىغا ئايلاندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھەم تېخىمۇ كۆپ ماددىي بايلىق ۋە مەنىۋى بايلىق يارىتىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ھەم تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيە - مۇھىت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈز مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ، تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان، كۆلىمى غايەت زور بولغان بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي باشلىدى. «ئاتموسفېراغا دائىر ئون تەدبىر» «سۇغا دائىر ئون تەدبىر» «تۇپراققا دائىر ئون تەدبىر»نى كەينى - كەينىدىن ئېلان قىلىپ، ئەتراپتىكى گەۋدىلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت مەسىلىلىرىدە مەركەزلىك ھالدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، پۇقرالارغا ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىدا ياخشى بولغان ئېكولوگىيە - مۇھىتتا چىڭ تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىت ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش قانۇن چىقىرىش مەقسىتىنىڭ بىرى قىلىندى، قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى جەھەتتە خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش قىسمى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلدى.

بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش قىسمى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى، قارا - سېسىق سۇ قاتارلىق ئەنئەنىۋى بۇلغىنىشنى تۈزەشكە چېتىلىپلا قالماي، يەنە ئۇزاق مەزگىللىك، يوشۇرۇن خەۋپى بولغان يېڭى بۇلغىمىلارنى تۈزەشكىچە ئۇزارتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا يورۇقلۇق بۇلغىمىسى، ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى بۇلغىمىسى قاتارلىق يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر كىرگۈزۈلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاممىنىڭ ئىنكاسى مەركەزلىك بولغان شاۋقۇن، ئاشخانىدىن چىققان بۇس، سېسىق پۇراق، غەيرىي پۇراق قاتارلىق باش قېتىنچىلىق ئىشلىرىغا قارىتا، قانۇن دەستۇرىدا «جەمئىيەت، تۇرمۇش شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش» مەخسۇس باب قىلىپ بەلگىلىمە چىقىرىلدى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش يەنىمۇ كۈچەيتىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئورۇن تاللاش قاتارلىق تەلەپلەر كۆپەيتىلىپ، بۇستىن بۇلغىنىشتا ئاخىرقى ئۇچتا تۈزەشتىن مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇندى.

گۈزەل شەھەر، شېئىرىي تۈسكە ئىگە يېزا - كەنت گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ ھەيۋەتلىك ئەمەلىيىتى بولۇپ، خۇاشيا زېمىنىدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنى سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ بەرپا قىلىش داۋامىدا تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى، ھاياتلىقنىڭ گۈزەللىكى، تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرمەكتە.

يېقىندا، لياۋنىڭ چاڭشەن تاقىم ئاراللىرىدىكى پەسىل قۇشلىرى ياشايدىغان ماكان دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرى قاتارىغا رەسمىي كىرگۈزۈلۈپ، ئىلگىرىكى قارىماققا تارقاق كۆرۈنىدىغان قوغدىلىدىغان رايون پەسىل قۇشلىرىنىڭ ئۇچۇش ئىزلىرىنى بويلاپ تۇتاشتۇرۇلۇپ بىر مۇكەممەل ھاياتلىق كارىدورىغا ئايلاندۇرۇلدى.

شۇ جاي قوغداش نەزەر دائىرىسىنى قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى بىرتۇتاش پىلانلاش، رايونلارنى ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئەندىزىگە كېڭەيتىپ، سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قىرغاق لىنىيەسىنى تۈزەش، بىرلىشىپ چارلاش - قوغداش ۋە رەقەملىك كۆزىتىپ ئۆلچەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى. دېڭىز بويىدىكى رايونلار يەنە باقمىچىلىقتىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش، تاشقىن ئېرىقىنى راۋانلاشتۇرۇش، شورلۇق سازلىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە دېڭىزنى بۇلغاشنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، مىراس جايلارنى قوغداش بىلەن دېڭىز قىرغىقى بەلبېغىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

ئېكولوگىيە بىرلىككە كەلگەن تەبىئىي سىستېما، ئۆزئارا تايىنىدىغان، زىچ باغلىنىشلىق بولغان ئورگانىك زەنجىر.

«سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك» «سىستېما قۇرۇلۇشى ۋە ئومۇملۇق نۇقتىسىدىن يېڭى تۈزەش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك»... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىغا ئەمەل قىلىپ، دۆلىتىمىز تاغ چوققىسىدىن دېڭىز - ئوكيانغىچە بولغان قوغداش، تۈزەش چوڭ ئەندىزىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى.

دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ دۆلەت باغچىسى سىستېمىسى بەرپا قىلىش جەريانىدا، ئومۇميۈزلۈك قوغداش، سىستېمىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش يولغا قويۇلدى؛ مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى چۆرىدىلىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىدىن 50 نەچچىسى ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ يولغا قويۇلۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ تېخىمۇ ياخشى قوغدالدى؛ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇش رايونىدا سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىقتىدارى مۇكەممەل، يىمىرىلمەس شىمالىي رايون يېشىل سېپىلى تىرىشىپ بەرپا قىلىندى...

قانۇن دەستۇرىنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش قىسمىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، قانۇندا ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، دەريا - كۆل، چۆللۈك قاتارلىق ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى قاتارلىق مۇھىم ۋادى، رايونلارنى قوغداش توغرىسىدا ئايرىم باب، پاراگراف تەسىس قىلىندى.

«قانۇن دەستۇرىنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش قىسمىدا ئوخشاش بولمىغان ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ تەبىئىي قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىنىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك تۈزەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، يەككە ئامىلنى قوغداشتىن پۈتۈن رايون ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداشقا ئۆتۈشكە تۈرتكە بولۇندى.» تيەنجىن داشۆ قانۇن شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى سۈن يوۋخەي مۇنداق دېدى: قاتتىق قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ قانۇنچىللىق ئىنتىلىشىنى نامايان قىلدى.

قانۇننى تۇتقا قىلىپ، قانۇنغا ئاساسەن تۈزەش. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جەزمەن باشتىن - ئاخىر ئەڭ قاتتىق تۈزۈم، ئەڭ پۇختا قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، دائىملىق تاشقى بېسىمنى ساقلاش كېرەك.» ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىش دەل بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاچقۇچلۇق بىر تەدبىر.

ياز كۈنلىرىدىكى چىنلىڭدا تاغلار يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، ئوت - چۆپ ۋە دەل - دەرەخلەر بۈك - باراقسان ئۆسكەنىدى.

ئىلگىرى، چىنلىڭنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان داچىلار سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار ئارىسىدىكى «تاتۇق» ئىدى. 2018 - يىلى 7 - ئايدا، كەسكىن، كۈچلۈك بىر مەيدان مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلدى. مەخسۇس تۈزەش مەزگىلىدە، چىنلىڭنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شىئەن تەۋەسىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان جەمئىي 1194 داچا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە 1185ى قانۇن بويىچە چېقىۋېتىلدى، توققۇزى قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلىندى ھەم ئۆزگەرتىلىپ ئاممىۋى ئىشلارغا ئىشلىتىلدى؛ جەمئىي 4557 مو دۆلەت ئىلكىدىكى يەر قايتۇرۇۋېلىندى، 3257 مو كوللېكتىپ يەر قايتۇرۇپ بېرىلدى، چېقىۋېتىلگەن بارلىق رايونلارنىڭ ھەممىسىدە يېشىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تېرىلغۇ يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تاماملاندى.

2020 - يىلى ئەتىيازدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەنشىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، تۈزىتىش نەتىجىسىنى ئۆزى «تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىپ»، شۇ جايدىكى رەھبىرىي كادىرلارغا «چىنلىڭ ئېكولوگىيەسىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىكىنى ياخشى قىلىش»نى تاپىلىدى.

ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقى بۇ يىل 3 - ئايدا ئېلان قىلغان «چىنلىڭ رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا دائىر كۆك تاشلىق كىتاب (2025 - يىلى)»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2018 - يىلىدىن بۇيان، چىنلىڭ رايونىدا ئورمان ۋە سۇلۇق يەر قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كۆلىمى مۇقىم ئېشىپ،50تىن ئارتۇق مۇھىم ئېكولوگىيە بوشلۇقىدا ئەسلىگە كېلىش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن،60تىن ئارتۇق رايوننىڭ ئېكولوگىيە سۈپىتى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ياخشىلانغان.

گۇاڭدۇڭ ليەنجياڭ دەرياسى «قارا سىياھ دەريا» بولۇش بىلەن خوشلاشتى، ئۇلانسۇخا كۆلىنىڭ ئېكولوگىيە ئىقتىدارى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىپ، تۈرلۈك قۇشلارنىڭ باغچىسىغا ئايلاندى، چىليەنشەن تېغى قايتىدىن يېشىللىققا پۈركەندى... مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشى بىر قىسىم جايلارنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت «جاھىل كېسەللىك»لىرىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يەرلىكنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشتىكى قاتتىق تەدبىر، ئەمەلىي تەدبىر بولۇپ قالدى.

قانۇنچىللىق كۈچى ئارقىلىق نازارەت قىلىش ئۆتكۈر شەمشىرىنى پولاتتەك تاۋلاش كېرەك. قانۇن دەستۇرىدا ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى كىرگۈزۈلۈپ، ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش، تۈزىتىش قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا تەپسىلىي قانۇن بەلگىلىمىسى چىقىرىلدى، بۇ، نازارەت قىلىشنى قانۇنچىللىق يولىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تەرەققىيات يولى:

«ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يېڭى يولىدا مېڭىش»

بىر پارچە گۇۋاھنامىگە سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنىڭ بايلىققا ئايلىنىش يولى مۇجەسسەملەندى −

2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، جېجياڭ ئۆلكىسى كەيخۇا ناھىيەسىنىڭ چىخۇەي بازىرى شىمېن كەنتى ئاھالىسى فاڭ گوخۇا مەملىكەت بويىچە تۇنجى تاغ ئورمانلىقى پاي ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى قولىغا ئالدى، بۇ، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ «ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش»تىن «پاي ھوقۇقى پايدىسىنى تەقسىملەش» يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، ئورمانچىلارنىڭ يېشىل مۈلكىنى تېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ كۆزلىگىلى بولىدىغان پايدا كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

كەيخۇا ناھىيەسى چيەنتاڭجياڭ دەرياسىنىڭ مەنبەسىگە جايلاشقان. 2018 - يىلىلا، شۇ جاي كوللېكتىپ ئورمان يېرىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقى ئىسلاھاتىنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىپ ئورمان يېرىگە ئىگە بولۇشنى بىرتۇتاش نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئارقىلىق، دېھقانلارنى «دەرەخ كېسىپ پۇلغا ئايلاندۇرۇش»تىن «ئورمان مۇھاپىزەت قىلىپ ئالتۇن سۈزۈش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

كىشىلەر تەبىئەتكە يۈز كېلەلىسە، تەبىئەتمۇ چوقۇم كىشىلەرنى ئۈمىدسىز قويمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى بېرىش تۈزۈمى ۋە ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە قوغدىغۇچىلار، تۆھپىكارلارنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك» «ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يېڭى يولىدا مېڭىش كېرەك».

ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىدا: دۆلەت ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۆپ خىللاشقان ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى كەسىپلەشتۈرۈش ۋە كەسىپلەرنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

كاربون يىغىش سودىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاغ ئورمانلىقىدىكى ئوت - چۆپ، دەل - دەرەخلەرنى مىقدارلاشتۇرغىلى بولىدىغان يېشىل مۈلۈككە ئايلاندۇرۇش؛ ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى قوغدايدىغان جايلار ۋە ئاممىنى ئېكولوگىيە پايدىسىغا ئېرىشتۈرۈش؛ ئورمان ئارىسى تېرىقچىلىقى، باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بويىچە ئەلا سۈپەتلىكلىرىنى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش... ھەرقايسى جايلار ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ھېسابلاش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت «قوش پايدا ئېلىش» يولىدا تەدرىجىي ماڭدى.

ئىچكى موڭغۇل كۆكخوت جۇڭخۇەن كەسىپلەر باغچىسىدا، 4 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان ئاقىل زاۋۇت ئوڭۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، زاۋۇتتا مېخانىك بىلەكلەر يورۇقلۇق ۋولت تاختىسىنى دەل جايىدا قۇراشتۇرۇۋاتاتتى.

2023 - يىلى 6 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇەن كەسىپلەر باغچىسىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يول ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىدا ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگىلا تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ، يېڭى ئېنېرگىيە، پاكىز ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېشىل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش كېرەك، دەپ تاپىلىدى.

ھېسسىياتلىق سۆزلەر، سەمىمىي ئۈمىد.

بۇ يىل 5 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، دۇنيا بويىچە تۇنجى يېڭى ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش ئاساس قىلىنغان ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق لىنىيە − چىڭخەي - خېنەن ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا جەمئىي يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 100 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى.

«غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش» دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيە. «قوش كاربون» نىشانىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان يېشىل توك شەرقىي قىسىم رايونلارنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە كۈچ قوشماقتا.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ «يېشىللىق مىقدارى» سىجىل ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە ھەر 10 مىڭ يۈەنلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يارىتىشقا سەرپ قىلىنىدىغان ئېنېرگىيە سەرپىياتى جەمئىي16.1 تۆۋەنلىدى.

«15 - بەش يىل» مەزگىلى كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى. «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپقا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، مەخسۇس بابتا كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتتا يۆنىلىشنى ئۆزگەرتمەسلىك، سالماقنى كېمەيتمەسلىكتىن ئىبارەت كۈچلۈك سىگنال تارقىتىلدى.

قانۇن چىقىرىش دەۋر تېمىسىغا جاۋاب قايتۇردى. ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىدا يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات قىسمى ئىجادىي تەسىس قىلىنىپ، مۇھىتقا دائىر ئەنئەنىۋى قانۇن چىقىرىشتا ئاخىرقى ئۇچتىكى بۇلغىنىشنى تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىش ئەندىزىسىدىن پەرقلەندۈرۈلۈپ، قانۇنچىللىق ئۆتكىلى ئالدىغا سۈرۈلۈپ، مەنبەدىن قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش شەكلىگە ئۆزگەرتىلدى. ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىنى يېشىللاشتۇرۇش، تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش، يۇقىرى سەۋىيەدە قوغداش ئۆزئارا بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن يېڭى مەنزىلگە يۈزلىنىشكە پايدىلىق.

ياخشى ئېكولوگىيە - مۇھىت دۇنيا خەلقىنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر يېشىل تەرەققىياتتىكى قەتئىي تۈردە ھەرىكەتتە كۆرسەتكۈچى، مۇھىم تۆھپە قوشقۇچى بولۇپ كەلدى.

2025 - يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىدا سىنلىق سۆز قىلغاندا، جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش نىشانىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى.

«2035 - يىلىغا بارغاندا، جۇڭگو پۈتكۈل ئىقتىساد دائىرىسىدە پارنىك گازى قويۇپ بېرىش ساپ مىقدارىنى چوققا قىممەتتىن7تىن10كىچە تۆۋەنلىتىدۇ» «تاشقاتمىسىز ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالى ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى30تىن كۆپرەككە يەتكۈزىدۇ» «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى يېڭىدىن سېتىلىدىغان ئاپتوموبىل ئاساسىي ئېقىمىغا ئايلاندۇرىدۇ» «كىلىماتقا ئۇيغۇنلىشىدىغان جەمئىيەتنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىدۇ»... بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش سالمىقى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى، ساھەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، كىلىماتنىڭ ئەۋرىشىملىكى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر گۇرۇپپا سىستېما خاراكتېرلىك نىشان خەلقئارا جەمئىيەتتە پائال ئىنكاس قوزغىدى.

چوڭ دۆلەتتە چوڭ ئەندىزە بولىدۇ، چوڭ دۆلەتتە چوڭ مەسئۇلىيەتچانلىق بولىدۇ. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن جۇڭگو ھەرىكەت قىلماقتا.

ماۋرىتانىيەدە، جۇڭگو ياردەم بېرىپ قۇرغان چارۋىچىلىق تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزى بۇ تۇپراقتا يىلتىز تارتقان بولۇپ، ھەممىلا يەرنى سېرىق قۇم قاپلىغان جايدا تۇتاش كەتكەن يېڭى يېشىللىق بارلىققا كەلدى. شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش قىياپىتى ئۆزگەردى، شۇنداقلا مۇھىت قوغداش بىلەن چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ زىددىيەتلىك ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتتى.

ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا، جۇڭگو ياردەم بەرگەن «ئافرىقا يورۇقلۇق بەلبېغى» تۈرى چاد، بۇرۇندى قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى توك يوق نەچچە ئون مىڭ نامرات ئائىلىدە چىراغلارنى ياندۇرۇپ، ئافرىقىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىغا ياردەم بەردى.

«شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى پۈتۈن دۇنياغا بېرىلگەن قىممەتلىك سوۋغا.» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى ئېرىك سولخېيم چىن قەلبىدىن شۇنداق ماختىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئىدىيەنىڭ ئەقىل - پاراسەت نۇرى ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىدىكى سۆز - ئىبارىلەردە چاقناپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ دۇنياۋى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشنى يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.

قانۇن دەستۇرىدا خەلقئارا ماددىلار مەخسۇس بەلگىلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەردە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا بەلگىلىمىلەر چىقىرىلدى.

«قانۇن دەستۇرىدا مەۋقە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە قويۇلۇپلا قالماي، يەنە مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە ئارقىلىق، <پارىژ كېلىشىمى> قاتارلىق شەرتنامىلەردە بەلگىلەنگەن خەلقئارا قانۇن مەجبۇرىيىتى دۆلەت ئىچى قانۇنى قائىدىسىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىنىپ، دۇنيانىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى تۈزىشى ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسى تەقدىم قىلىندى» دېدى ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقى قانۇن - نىزام ۋە ئۆلچەم مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاۋ كې.

قانۇنچىللىق قەلەم، تاغ - دەريالار قەغەز قىلىندى. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىنىڭ قوغدىشىدا، ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، بىز مۇقەررەر گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىمىز.

(مۇخبىرلار چى جۇڭشى، گاۋ جىڭ، خۇاڭ ياۋ، ۋېي خۇڭيى)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)