يولداش جياڭ زېمىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

2026-08-19 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

(2026 - يىلى 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى)

شى جىنپىڭ

يولداشلار، دوستلار:

بۈگۈن، بىز داغدۇغىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، يولداش جياڭ زېمىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، ئۇنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسىنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، ئۇنىڭ ئالىيجاناب خىسلىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشقا رىغبەتلەندۈردۇق.

يولداش جياڭ زېمىن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئېتىراپ قىلغان يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەر، ئۇلۇغ ماركسىزمچى، ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، ھەربىي ئالىم، دىپلومات، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن كوممۇنىزم جەڭچىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ ئاتاقلىق رەھبىرى، پارتىيەنىڭ 3 - ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يادروسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى.

100 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە، يولداش جياڭ زېمىن جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ياڭجوۋ شەھىرىدىكى بىر ۋەتەنپەرۋەر زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ياشلىق، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىلا ھەقىقەتكە ئىنتىلىشكە ئىرادە باغلاپ، ۋەتەنپەرۋەر، تەرەققىيپەرۋەر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان، 1946 - يىلى 4 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، شۇنىڭدىن باشلاپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تۆھپە قوشقان.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، يولداش جياڭ زېمىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كارخانا، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىدا خىزمەت قىلغان، ھەربىر ئىش ئورنىدا مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، يالقۇنلۇق ھاياتىنى سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا بېغىشلىغان. ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، يولداش جياڭ زېمىن دۆلەت ئىمپورت - ئېكسپورتنى باشقۇرۇش كومىتېتى، دۆلەت چەت ئەل مەبلىغىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە باش كاتىپى بولغان، كېيىن يەنە ئېلېكتىرون سانائىتى مىنىستىرلىقىنىڭ 1 - مۇئاۋىن مىنىستىرى، مىنىستىرى بولۇپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش جەھەتتە نۇرغۇن يول ئېچىش خاراكتېرلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. پارتىيە 12 - قۇرۇلتىيىدا ئۇ مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.

1985 - يىلى، يولداش جياڭ زېمىن شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان. 1987 - يىلى، ئۇ پارتىيە 13 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان ھەم شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. بۇ مەزگىلدە، يولداش جياڭ زېمىن شاڭخەيدىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، دادىل ئىزدىنىپ، شاڭخەينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە رەھبەرلىك قىلىپ، پۇدۇڭنى ئېچىش - ئېچىۋېتىشكە كۈچ توپلاش ۋە پىلان تۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شاڭخەينىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. 1989 - يىلى ئەتىياز بىلەن ياز ئارىلىقىدا دۆلىتىمىزدە ئېغىر سىياسىي ۋەقە يۈزبەردى، يولداش جياڭ زېمىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا تەدبىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ ۋە ئىجرا قىلىپ، شاڭخەينىڭ مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغدىدى.

1989 - يىلى 6 - ئايدا، يولداش جياڭ زېمىن پارتىيە 13 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغان، شۇ يىلى 11 - ئايدا پارتىيە 13 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولۇشى قارار قىلىنىپ، يولداش جياڭ زېمىن يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ 3 - ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى شەكىللەندى.

پارتىيە 13 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن پارتىيە 16 - قۇرۇلتىيىغىچە بولغان 13 يىلدا، خەلقئارا ۋەزىيەت چىگىش، مۇرەككەپ بولدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇساپىسى قاينام - تاشقىنلىققا تولدى. يولداش جياڭ زېمىن پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە زىچ تايىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى.

پارتىيە 16 - قۇرۇلتىيىغا تەييارلىق كۆرۈش مەزگىلىدە، يولداش جياڭ زېمىن مەركىزىي كومىتېتتا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى يەنە ئۆتىمەسلىكنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان، 2004 - يىلى، ئۆزى ئۈستىگە ئالغان پارتىيە ۋە دۆلەت مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. رەھبەرلىك ئورنىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، يولداش جياڭ زېمىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ ۋە قوللاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي قوللىدى.

يولداشلار، دوستلار!

يولداش جياڭ زېمىننىڭ ھاياتى شانلىق ھايات، كۈرەشچان ھايات، ئۇ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە دۆلەتنى بېيىتىش - قۇدرەت تاپتۇرۇش، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىدى، ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلدى. ئۇ سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى قوغداش، ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى 21 - ئەسىرگە مۇۋەپپەقىيەتلىك سىلجىتىشقا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چىن قەلبتىن ھۆرمەتلىشىگە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ماختىشىغا ئېرىشتى!

يولداشلار، دوستلار!

70 نەچچە يىللىق ئىنقىلابىي ھاياتىدا، بولۇپمۇ پارتىيە 13 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە، يولداش جياڭ زېمىن ماركسىزمچى سىياسىيونلارغا خاس ئاجايىپ تالانتى، ئاچقۇچلۇق رولى، رەھبەرلىك سەنئىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، بىزنىڭ مەڭگۈ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان، بىزنىڭ مەڭگۈ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە ئىلھام بېرىدىغان ئالىيجاناب خىسلەتنى تىكلىدى.

− بىز يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم سىياسىي ئېتىقادىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. يولداش جياڭ زېمىن كوممۇنىزم غايىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمىدى، پارتىيە ۋە خەلققە چەكسىز سادىق بولدى، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلدى. ئۇ مۇنداق دېگەنىدى: «بىز كوممۇنىستلارنىڭ تۈپ سىياسىي ئېتىقادى سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزم، دۇنيا قارىشى ماركسىزملىق دىيالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزم، بۇنىڭدىن ھەرقانداق ۋاقىتتا قىلچە تەۋرىنىشكە بولمايدۇ.» ئۇ خەۋپلىك پەيتتە ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ پارتىيە ۋە ئارمىيەنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندا مۇنداق بىلدۈرگەنىدى: پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى لۇشيەن ۋە ئاساسىي سىياسەتلەرگە قارىتا، «ئىنتايىن ئېنىق قىلىپ مۇنداق ئىككى جۈملە سۆز قىلىمەن: بىرى، قەتئىي تەۋرەنمەسلىك، قىلچە تەۋرەنمەسلىك؛ يەنە بىرى، ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىش، ئىزچىل ئىجرا قىلىش». «پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن، مەن چوقۇم بارلىقىمنى، پۈتۈن ھاياتىمنى بېغىشلايمەن». 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ ئاخىرى، 90 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدىكى خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىش ۋە مەملىكەت ئىچىدە يۈزبەرگەن ئېغىر سىياسىي ۋەقەنىڭ زور سىنىقى ئالدىدا، ئۇ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركەزدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزەش، تەرتىپكە سېلىشنى قانات يايدۇرۇپ، دىپلوماتىيە كۈرىشى ئېلىپ بېرىپ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىززەت - ھۆرمىتى، خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىدى. ئۇ دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تەجرىبە - ساۋاقلارنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن قاتتىق بولۇش، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرغانسېرى، پارتىيە رەھبەرلىكىنى شۇنچە كۈچەيتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى شۇنچە ياخشى تۇتۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ پارتىيەمىزنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشى، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشى، توغرا كەيپىياتقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، رەھبەرلىك قىلىش سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، چىرىكلىشىش - ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي تېمىنى كۈچەپ ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى.

يېڭى مۇساپىدە، بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، كوممۇنىزمغا بولغان ئەقىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

− بىز يولداش جياڭ زېمىننىڭ سەمىمىي، چوڭقۇر خەلقچىل ھېسسىياتىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. يولداش جياڭ زېمىن باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تىنچ - ئامانلىقى، ھال - ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى ۋە خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىگەنىدى: «جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش پارتىيەمىزنىڭ بارلىق ئېكسپلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار پارتىيەسى بىلەن بولغان تۈپ پەرقى.» «ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا، خەلق ئاممىسى بىلەن ھەمنەپەس بولىدىغان، تەقدىرداش بولىدىغان مەيدانىمىزنى ئۆزگەرتسەك بولمايدۇ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئاساسىي مەقسىتىمىزنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ، ئاممىنىڭ ھەقىقىي قەھرىمان ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىدىغان تارىخىي ماتېرىيالىزملىق قارىشىمىزنى يوقىتىپ قويساق بولمايدۇ.» ئۇ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تۈپ مەقسەتنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بېرىپ، 1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون نوپۇسقا نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنى تەكىتلىدى. ئۇ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىن باشتىن - ئاخىر خەلقنى سۆيۈشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، خەلقنى بېيىتىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈشكە ماھىر بولۇپ، خەلققە پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقىنى ياخشى يېتەكلەش، ياخشى قوغداش، ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنىڭ يەتتە يىلدا 80 مىليون نامرات نوپۇسنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى يولغا قويۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىق سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى مەزگىلدە خەلق تۇرمۇشىدا كىيىنىش - تويۇنۇش يېتەرلىك بولماسلىقتىن ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىشقىچە بولغان تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

يېڭى مۇساپىدە، بىز ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتكارلىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىپ، خەلققە تايىنىپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشقا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

− بىز يولداش جياڭ زېمىننىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان يېڭىلىق يارىتىش روھىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. يولداش جياڭ زېمىن ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ۋە ئەمەلىيەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ھەمدە باشقا ھەرقايسى جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىگەنىدى: «يېڭىلىق يارىتىش بىر مىللەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى روھ، بىر دۆلەتنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشىدىكى پۈتمەس - تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، شۇنداقلا بىر پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلىشىدىكى مەنبە.» «چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى، بىز ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلارنى مەركەز قىلىپ، ماركسىزم نەزەرىيەسىنى تەتبىقلاشنى نەزەردە تۇتۇشىمىز، ئەمەلىي مەسىلىلەر ئۈستىدە نەزەرىيە جەھەتتە پىكىر يۈرگۈزۈشنى نەزەردە تۇتۇشىمىز، يېڭى ئەمەلىيەت ۋە يېڭى تەرەققىياتنى نەزەردە تۇتۇشىمىز كېرەك.» ئۇ پارتىيەنىڭ بارلىق نەزەرىيەسى ۋە خىزمىتىدە دەۋر خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈش، قانۇنىيەتنى ئىگىلەش، ئىجادچانلىققا باي بولۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى يارىتىپ، پارتىيەمىزنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگودىكى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى، جۇڭگودىكى ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى، جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سوتسىيالىزم دېگەن نېمە، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش كېرەك، دېگەن مەسىلىگە جاۋاب بېرىپ، قانداق پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى قانداق قۇرۇش كېرەك، دېگەن مەسىلىگە ئىجادىي جاۋاب بېرىپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋر شارائىتىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردى. ئۇ بىزنىڭ پارتىيەنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي پىروگراممىسىنى بېكىتىشىمىزگە رەھبەرلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئىسلاھات نىشانى ۋە ئاساسىي رامكىسىنى تۇرغۇزۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك ئورتاق راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم ۋە ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل تەقسىمات ئۇسۇلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تەقسىمات تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، سىياسىي تۈزۈلمە، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولدى. ئۇ «كىرگۈزۈش» بىلەن «سىرتقا چىقىرىش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرىشىمىزگە رەھبەرلىك قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

يېڭى مۇساپىدە، بىز ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ سوئالىغا، دۇنيانىڭ سوئالىغا، خەلقنىڭ سوئالىغا، دەۋرنىڭ سوئالىغا ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، ماركسىزمنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى باشتىن - ئاخىر ساقلىشىمىز كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئۈزۈلمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

− بىز يولداش جياڭ زېمىننىڭ يىراقنى كۆزلەپ پۇختا پىلان تۈزىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. يولداش جياڭ زېمىننىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇملۇقىنى چىقىش قىلىپ مەسىلىلەرنى كۆزىتىش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈشكە ماھىر بولۇپ، دۇنياغا يۈزلەنگەن، كەلگۈسى كۆزلەنگەن بىر قاتار مۇھىم قارار، مۇھىم تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىگەنىدى: «پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار چوقۇم ماركسىزملىق كەڭ نەزەر دائىرە بىلەن دۇنيانى كۆزىتىشى كېرەك. كەڭ نەزەر دائىرە دېگىنىمىز، بىرى تارىخىي چوڭقۇر نەزەرگە ئىگە بولۇش، يەنە بىرى دۇنياۋى ئومۇملۇق نەزەرىگە ئىگە بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.» «دۆلىتىمىز جەمئىيىتى ۋە بۈگۈنكى دۇنيادا يۈزبەرگەن مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنى توغرا تونۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش شارائىتى ۋە جەمئىيەت مۇھىتىدا يۈزبەرگەن مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنى توغرا تونۇپ، بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى ۋەزىپىسى، يېڭى تېمىسى، يېڭى خىرىسىنى توغرا تونۇپ، ئومۇمىي خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش كېرەك.» ئۇ 21 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى 20 يىلى دۆلىتىمىز جەزمەن چىڭ تۇتىدىغان ھەم زور نەتىجىلەرنى يارىتىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلى، دېگەن بۇ مۇھىم ھۆكۈمنى چىقىش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، 3 - قەدەمدىكى ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە پىلان تۈزدى؛ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىقنى ساقلاشتىن ئىبارەت ئاساسىي فاڭجېننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى داۋامىدىكى 12 چوڭ مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك بايان قىلدى؛ تەرەققىياتنى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى پۈتۈن زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ قۇرۇلۇش قىلىش، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى كۆزلەشكە يېتەكلىدى؛ بىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى پائال راۋاجلاندۇرۇشىمىزغا رەھبەرلىك قىلىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇردى؛ يېڭى مەزگىلدىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى تۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلىپ، جۇڭگوچە ھەربىي ئىشلار ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىنقىلابىيلىشىش، زامانىۋىلىشىش، مۇنتىزىملىشىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى؛ شياڭگاڭ، ئاۋمېننى ئوڭۇشلۇق قايتۇرۇپ كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىككى قىرغاقتىكى ئىككى تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان «92 - يىل ئورتاق تونۇشى»نى ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت زور كۈرەشنى كۈچلۈك قانات يايدۇردى؛ بىر قاتار دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

يېڭى مۇساپىدە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇق ۋە دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت دىپلوماتىيە سىياسىتى ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

− بىز يولداش جياڭ زېمىننىڭ قەتئىي، كەسكىن بولغان قالتىس جاسارىتىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. يولداش جياڭ زېمىن مۇھىم تارىخىي پەيت ۋە ئاچقۇچلۇق پەيتتە دادىل كەسكىن تەدبىر بەلگىلەپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا سالماق تاقابىل تۇرۇپ، جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر ۋە توسالغۇلارنى قەتئىي يېڭىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق ئاچتى، ياخشى مۇھىت ياراتتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتكەنىدى: «زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن جەزمەن جاپا - مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىدىغان پولاتتەك ئىرادە، قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتى بولۇشى كېرەك.» «پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشلارنى ئايدىڭلاشتۇرغان ھامان كەسكىن تەدبىر بەلگىلەش،چاقماق تېزلىكىدە ھەرىكەتكە كېلىش كېرەك، ئەزمىلىك قىلىشقا، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ.» ئۇ كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە غايەت زور سىياسىي جاسارەت بىلەن بىزنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان زور يوشۇرۇن خەۋپنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان خەلقئارادىكى بىر قاتار تاسادىپىي ۋەقەلەرگە سالماق تاقابىل تۇرۇپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي ساھە ۋە تەبىئەت دۇنياسىدا كۆرۈلگەن قىيىنچىلىق ھەم خەۋپ - خەتەرلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىمىزغا، بولۇپمۇ ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇشىمىزغا، 1998 - يىلىدىكى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئارقا - ئارقىدىن سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، خىلمۇخىل كاشىلىلارنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پاراخوتىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

يېڭى مۇساپىدە، بىز كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قەيسەر كۈرەش قىلىش روھى، يۈكسەك كۈرەش قىلىش قابىلىيىتى بىلەن بوران - چاپقۇننىڭ، ھەتتا دەھشەتلىك بوران - چاپقۇننىڭ زور سىنىقىغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

يولداشلار، دوستلار!

يولداش جياڭ زېمىن ئىلگىرى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ مۇنداق دېگەنىدى: «يېڭى ئەسىردە، جۇڭگو خەلقى قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىنى بويلاپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە مۇكەممەللىشىدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ھەرقايسى رايونلارنىڭ ئورتاق ئىلگىرىلىشى ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە باي - قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئاساسىدا ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ!» بۈگۈنكى كۈندە، بىز چەكسىز پەخىرلەنگەن ھالدا شۇنداق دېيەلەيمىزكى، ئۇزاق مەزگىل تىرىشىش ئارقىلىق، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى گۈللەپ ياشنىدى، جۇڭگو زېمىنى تىنچ - ئىناق بولدى، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بولۇپ، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىش ئارزۇسى قەدەممۇقەدەم رېئاللىققا ئايلانماقتا.

«بەرپا قىلىپ بۇ مەنزىرىنى ياشلىقى - زېھنى بىلەن، پۈتتى دۇنيا ئىشىنى مىڭ مۇشەققەتلەر بىلەن.» بۇ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ مەردانە شېئىر ئارقىلىق كۈرەش قىلىشقا بەرگەن ئىزاھاتى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تېخىمۇ سەلتەنەتلىك گۈزەل سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشى كېرەك!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)