شى جىنپىڭ ھىندونېزىيەدە كۈچلۈك يەر تەۋرىگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى پرابوۋوغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2026-08-19 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھىندونېزىيەدە كۈچلۈك يەر تەۋرىگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى پرابوۋوغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: دۆلىتىڭلاردا كۈچلۈك يەر تەۋرەپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش ۋە مال - مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىمەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن. ئىشىنىمەنكى، سىز رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھىندونېزىيە خەلقى چوقۇم ئاپەت ئۈستىدىن بالدۇر غەلىبە قىلىپ، يۇرت - ماكانىنى قايتا قۇرۇپ چىقالايدۇ.