يولداش جۇ رۇڭجى ۋاپات بولدى

2026-08-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ قايغۇلۇق خەۋىرى

يولداش جۇ رۇڭجى ۋاپات بولدى

يولداش جۇ رۇڭجىنىڭ ھاياتى ئىنقىلابىي ھايات، كۈرەشچان ھايات، شانلىق ھايات، جان ـ دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، كوممۇنىزم ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان ھايات.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى قايغۇلۇق ھالدا شۇنى جاكارلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، ئاتاقلىق پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 ـ نۆۋەتلىك، 15 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ سابىق زۇڭلىسى يولداش جۇ رۇڭجى كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 2026 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى سائەت 11دىن 6 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا 98 يېشىدا ۋاپات بولدى.

يولداش جۇ رۇڭجى، 1928 ـ يىلى 10 ـ ئايدا تۇغۇلغان، خۇنەن چاڭشادىن. 1948 ـ يىلى 12 ـ ئايدا ئىنقىلابىي خىزمەتكە قاتناشقان، 1949 ـ يىلى 10 ـ ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ئۇ ياش ـ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىلا ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئالغا بېسىشقا ئىنتىلىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا قەتئىي ئىرادە باغلىغان. 1947 ـ يىلىدىن 1951 ـ يىلىغىچە، چىڭخۇا داشۆنىڭ ئېلېكتىروماشىنا فاكۇلتېتى ئېلېكتىروماشىنا ياساش كەسپىدە ئوقۇغان ھەم «يېڭى دېموكراتىك ياشلار ئىتتىپاقى»غا قاتناشقان. 1951 ـ يىلىدىن 1952 ـ يىلىغىچە شەرقىي شىمال سانائەت بۇسى پىلان باشقارمىسى ئىشلەپچىقىرىش پىلانى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 1952 ـ يىلىدىن 1958 ـ يىلىغىچە، دۆلەت پىلان كومىتېتى يېقىلغۇ ـ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئىدارىسى، ئۇنىۋېرسال ئىدارىسىدە گۇرۇپپا باشلىقى، دۆلەت پىلان كومىتېتى مۇدىر ئىشخانىسىدا مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى، دۆلەت پىلان كومىتېتى ماشىنىسازلىق ئىدارىسى ئۇنىۋېرسال باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1958 ـ يىلىدىن 1969 ـ يىلىغىچە، دۆلەت پىلان كومىتېتى كادىرلار ئىشتىن سىرتقى مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، خەلق ئىگىلىكى ئۇنىۋېرسال ئىدارىسىنىڭ ئىنژېنېرى بولغان. 1970 ـ يىلىدىن 1975 ـ يىلىغىچە، دۆلەت پىلان كومىتېتىنىڭ «7 ـ ماي» كادىرلار مەكتىپىدە ئەمگەك قىلىشقا چۈشۈرۈلگەن. 1975 ـ يىلىدىن 1979 ـ يىلىغىچە، نېفىت سانائىتى مىنىستىرلىقى تۇرۇبا يولى ئىدارىسى ئېلېكتىر ئالاقىسى قۇرۇلۇشى شىركىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، كاندىدات مۇدىر ئىنژېنېر، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى سانائەت ئىقتىسادى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى بولغان. 1979 ـ يىلىدىن 1983 ـ يىلىغىچە، دۆلەت ئىقتىساد كومىتېتى يېقىلغۇ ـ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئىدارىسىدە باشقارما باشلىقى، ئۇنىۋېرسال ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تېخنىكا ئۆزگەرتىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1983 ـ يىلىدىن 1987 ـ يىلىغىچە، دۆلەت ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 1987 ـ يىلىدىن 1991 ـ يىلىغىچە، شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. ئۇ شاڭخەينىڭ سانائەت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، يېڭى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى قايتا تەشكىللەپ، خەلقئارا رىقابەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، سىرتقا يۈزلىنىش تىپىدىكى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا مېڭىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشنىڭ ماھىيەتلىك باشلىنىش باسقۇچىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شاڭخەينىڭ ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن يەنىمۇ پۇختا ئاساس سالغان. 1991 ـ يىلى يولداش جۇ رۇڭجى گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەن ئىشلەپچىقىرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەن ئىقتىساد ـ سودا ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولۇپ، ماشىنا ـ ئېلېكتىر، ئېنېرگىيە، تۆمۈريول قاتنىشى، مېتاللۇرگىيە ـ خىمىيە سانائىتى، يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولغان. 1992 ـ يىلى 10 ـ ئايدا، يولداش جۇ رۇڭجى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىقى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. 1993 ـ يىلى 6 ـ ئايدا، قوشۇمچە جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 14 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچەپ تۈرتكە بولغان. «ئۈچ بۇرجەكلىك قەرز»نى ئېنىقلاشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، مەۋقەنى ماھىيەتتىن تۈزەش، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇشقا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرغان. ماكرولۇق تەڭشەش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش پىكىر يولى، تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، تونۇشنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادتا زىيادە قىزىپ كېتىشنى ئۆزگەرتىش، پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلەش، «سىلىق قونۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن قالتىس ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. مالىيە ـ باج تەرتىپىنى كۈچەپ تەرتىپكە سېلىپ، مالىيە ـ ئىقتىساد ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، باج ئېلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مالىيە ـ باج ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، پۇل مۇئامىلىنى تەڭشەش ـ تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن. ئاشلىق باھاسى ۋە سېتىۋېلىش ـ سېتىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقان ئاشلىق سېتىۋېلىش ـ سېتىش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ، دېھقانلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى ئاساسىدا ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىلىرى ھۆددە ئېلىش، مۇۋاپىق كۆلەملىك تىجارەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى يولغا قويغان. 1997 ـ يىلى 9 ـ ئايدا، يولداش جۇ رۇڭجى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 15 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىقى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1998 ـ يىلى 3 ـ ئايدا، 9 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنىدا، ئۇ گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىلىقىغا تەيىنلەنگەن، كېيىن گوۋۇيۈەن پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈن ـ ھۆلچىلىك ئاپىتى ئالدىدا، ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مۇۋاپىق قىسىش ئاساسىدىكى مالىيە سىياسىتى، پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇشتىن ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا يۈزلىنىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تېز ئېشىشىنى ساقلىغان. كەسىپ قۇرۇلمىسى، رايون قۇرۇلمىسى ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك تەڭشەپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر، بولۇپمۇ ئۇچۇر كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تېز راۋاجلىنىشىغا پائال مەدەت بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرگەن. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلاردىكى نامراتلارنى يۆلەش ـ روناق تاپقۇزۇشنى كۈچەيتىپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئېكسپورتقا ئىلھام بېرىشكە دائىر سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، بازارنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە سۈپەت ئارقىلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، چەت ئەل مەبلىغىنى پائال جەلپ قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، شياڭگاڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزىنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىغان. ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، يەر، قېزىلما بايلىق قاتارلىق بايلىقلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نۇقتىلىق ۋادى، رايون قاتارلىقلاردىكى بۇلغىنىشنى تۈزىگەن. دۆلەت كارخانىلىرىدا ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، شەھەر ـ بازار ئاھالىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇرۇش، ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى زور كۈچ سەرپ قىلىپ ھەل قىلغان. ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى سىجىل ئۆزگەرتىپ، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتكەن. گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى بولغاندىن كېيىن، يولداش جۇ رۇڭجى يەنە ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ مەركەز مەخسۇس كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت پەن ـ تېخنىكا، مائارىپ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، گوۋۇيۈەن سەنشيا قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، گوۋۇيۈەن غەربىي قىسىم رايونلارنى ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى قوشۇمچە ئۆتەپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، پەن ـ تېخنىكا، مائارىپ، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەرگە نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان.

يولداش جۇ رۇڭجى گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى بولغان مەزگىلدە، دۆلىتىمىز پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسىدىن سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگە ئۆتۈشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتاتتى. يولداش جياڭ زېمىن يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئۇ مالىيە ـ باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، باج سېلىقىنى ئادىللاشتۇرۇش ۋە باج تۈزۈمىنى ئاددىيلاشتۇرۇش يادرو قىلىنغان مۇھىم باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى مۇۋاپىق ئايرىش ئاساسىدىكى باج ئايرىش تۈزۈمى مالىيە تۈزۈلمىسىنى يولغا قويۇپ، يېزا باج ـ ھەق ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلغان. ئۇ پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەركىزىي بانكىنىڭ فۇنكسىيەسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سودا بانكىسى، تاشقى پېرېۋوت تۈزۈمى، ئاكسىيە قەرەللىك مال بازىرى قاتارلىقلارغا دائىر ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېچىۋېتىلگەن، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان، قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان پۇل مۇئامىلە بازىرى سىستېمىسىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولغان. ئۇ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى قىلىپ، «مۈلۈك ھوقۇقى ئېنىق بولۇش، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئايدىڭ بولۇش، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش، باشقۇرۇش ئىلمىي بولۇش» تەلىپى بويىچە، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن تەڭشەپ ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، ئىش ئورنىدىن قالغانلار ۋە ئىشسىزلارنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تۈرلۈك چارە ـ تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن. ئۇ تۇرالغۇ ئۆي تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۇرالغۇ ئۆي تەقسىماتىدا پۇللاشتۇرۇشنى تەدرىجىي يولغا قويۇپ، ئەرزان ـ قولاي ئۆيلەرنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان كۆپ قاتلاملىق شەھەر ـ بازار تۇرالغۇ ئۆي تەمىنات سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەن. ئۇ ئاشلىق ئوبوروت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئېشىنچا ئاشلىقىنى قوغداش باھاسى بويىچە چەك قويماي سېتىۋېلىش، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش ـ سېتىش كارخانىلىرى ئوڭ باھادا سېتىش، ئاشلىق سېتىۋېلىش مەبلىغىنى يېپىق ھالەتتە يۈرۈشتۈرۈشنى يولغا قويۇپ، ئاساسلىق ئاشلىق سېتىش رايونلىرىدا ئاشلىق سېتىۋېلىش بازىرى ۋە باھاسىنى تەدرىجىي قويۇۋەتكەن. ئۇ يەنە ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈلمىسى، تېببىي دورا ـ سەھىيە تۈزۈلمىسى، مەبلەغ سېلىش ـ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى قاتارلىق بىر قاتار زور ئىسلاھاتلارنى رىياسەتچىلىك قىلىپ يولغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئاساسىي رامكىسىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولغان، دۆلىتىمىز دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش توغرىسىدىكى جاپالىق سۆھبەتنى رىياسەتچىلىك قىلىپ تاماملاپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇققا قاراپ كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. يولداش جۇ رۇڭجى خەلق ئاممىسىغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ھەم مۇنداق تەكىتلىگەن: ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ئۆزىنىڭ خەلقنىڭ خىزمەتكارى ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، راست گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، باشقىلارنى رەنجىتىپ قويۇشتىن قورقماي، ئالاھىدە بولۇۋالماي، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق ئارقىلىق تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسى ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

2003 ـ يىلى 3 ـ ئايدا، يولداش جۇ رۇڭجى گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى يەنە ئۆتىمەيدىغان بولدى. رەھبەرلىك ئورنىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئۇ يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى قەتئىي ھىمايە قىلدى ۋە قوللىدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى قەتئىي ھىمايە قىلدى ۋە قوللىدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلدى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي قوللىدى.

يولداش جۇ رۇڭجىنىڭ ھاياتى ئىنقىلابىي ھايات، كۈرەشچان ھايات، شانلىق ھايات، جان ـ دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، كوممۇنىزم ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان ھايات. ئۇنىڭ ۋاپاتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن زور يوقىتىش. بىز قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىنقىلابىي روھى، ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋە ئېسىل ئىستىلىدىن ئۆگىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

يولداش جۇ رۇڭجى مەڭگۈ ھايات!