شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ نورۋېگىيە پادىشاھى خاكون − 8نىڭ تەختكە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2026-09-04 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نورۋېگىيەنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان پادىشاھى خاكون − 8گە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ تەختكە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - نورۋېگىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. نورۋېگىيە ئەڭ بۇرۇن يېڭى جۇڭگونى ئېتىراپ قىلغان ھەم يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 72 يىلدىن بۇيان، نورۋېگىيە خان جەمەتىنىڭ پائال تۈرتكىسىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى. مەن جۇڭگو - نورۋېگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، پادىشاھ خاكون − 8 بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - نورۋېگىيە دوستانە ئالاقىسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشنى خالايمەن.