شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭدىن ئايرىلدى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە چىققانلاردىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار بار.