شى جۇشىنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ قىلغان يازما سۆزىدىن چوڭ دۆلەتنىڭ كەڭ قورساقلىقى، مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ھېس قىلىش

2026-09-26 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خۇاڭ يۆ، ساۋ جيايۆ، چياۋ جىخۇڭ

تىنچ ئوكياننى ھالقىغان يەنە بىر قېتىملىق قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋاشىنگتونغا يېتىپ بېرىپ، ئامېرىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ۋاشىنگتوندىكى ئاندرېۋس ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېتىپ بارغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ۋە رەپىقىسى مېلانىيا قىزغىن كۈتۈۋالدى. بۇلتۇر 10 - ئايدا پۇساندا، بۇ يىل 5 - ئايدا بېيجىڭدا ئۇچراشقاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەنە بىر قېتىم يۈزتۇرا ئۇچراشتى.

دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى دۇنيا تارىخىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

رەئىس شى جىنپىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاندرېۋس ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېتىپ بارغاندا قىلغان يازما سۆزىدىن چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلەش، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى چوڭقۇر تەپەككۇرى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

بۇ يىل 5 - ئايدا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بېيجىڭ ئۇچرىشىشىدا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقى ئوخشاشلا ئۇلۇغ خەلق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن ئامېرىكىنى قايتا ئۇلۇغۋارلىققا ئىگە قىلىش تامامەن بىر - بىرىگە دەخلى قىلمايدۇ، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرىدۇ، دۇنياغا بەخت يارىتىدۇ».

بۇ قېتىمقى يازما سۆزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن ئامېرىكىنى قايتا ئۇلۇغۋارلىققا ئىگە قىلىش تامامەن بىر - بىرىگە دەخلى قىلمايدۇ، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرىدۇ، دۇنياغا بەخت يارىتىدۇ.»

تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بىرى يېڭىپ بىرى يېڭىلىدىغان، بىرى گۈللىنىپ بىرى خارابلىشىدىغان نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىش ئەمەس. ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئىتى خېلى بۇرۇنلا چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان، بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، «ھەمكارلىشىش بىردىنبىر توغرا تاللاش، ئورتاق پايدا ئالغاندىلا ئاندىن تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسىگە يۈزلەنگىلى بولىدۇ».

2026 - يىلى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆز تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق يىل. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت يېڭى تەرەققىيات ۋەزىپىسىگە يۈزلەندى، شۇڭا بىر - بىرىنىڭ تەرەققىياتىدىن پۇرسەت ئىزدىشى، مەنپەئەت كېسىشىش نۇقتىسىنى كېڭەيتىشى كېرەك.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن ئامېرىكىنى قايتا ئۇلۇغۋارلىققا ئىگە قىلىش تامامەن بىر - بىرىگە دەخلى قىلمايدۇ، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرىدۇ، دۇنياغا بەخت يارىتىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى كەڭ نەزەر دائىرىسى بىلەن قاراپ، ئىككى تەرەپنى توغرا ئىستراتېگىيەلىك تونۇش تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىدى.

بۇ يىل 5 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن بېيجىڭدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا قوشۇلدى، بۇ، سۆھبەتتىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئورتاق تونۇش.

بۇ قېتىمقى يازما سۆزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم «بىز جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، كەلگۈسىدىكى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلىشقا قوشۇلدۇق» دەپ توختالدى ھەم جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى تەرەپ بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ھەمكارلىقنى ئاساس قىلغان، رىقابەت لايىقىدا بولغان، ئىختىلاپلارنى تىزگىنلىگىلى بولىدىغان، تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان مۇقىم مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش توغرا يولىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. «مېنىڭ بۇنىڭغا ئىشەنچىم بار» دېدى.

بىز شۇنى كۆردۇقكى، بېيجىڭ ئۇچرىشىشىدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ئىككى تەرەپ سىياسىي دىپلوماتىيە، ئىقتىساد - سودا، قانۇن ئىجرا قىلىش، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەر ھەمدە قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، يەرلىك، سودا - سانائەت ساھەسى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، باراۋەر بولۇش، ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، پائال ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى.

بۇ مۇقىم ۋەزىيەت تەستە قولغا كەلدى، بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەش، ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشكە توغرا كېلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئۇنى تېخىمۇ كۆپ كونكرېت تەدبىر ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرغاندىلا، ئىككى دۆلەت ھەتتا دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.

يازما سۆزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۇنيا تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، دەۋر ئۆزگىرىۋاتىدۇ، لېكىن جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچ بىللە ئۆتۈشىدىكى تارىخىي لوگىكا ئۆزگەرمىدى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستانە ئالاقىلىشىش ياخشى ئارزۇسى ئۆزگەرمىدى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتكە بولغان ئومۇميۈزلۈك ئۈمىدى ئۆزگەرمىدى.

بۇ مۇھىم ھۆكۈملەر جۇڭگو تەرەپنىڭ ئامېرىكىغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر ئىزچىللىقنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈردى، ھەم كەڭ قورساقلىقى بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغانلىقىنى ئىپادىلىدى ھەم مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلدى. دۇنيا تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، دەۋر ئۆزگىرىۋاتىدۇ، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە تارىخقا، خەلققە، دۇنياغا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ كەلدى، ئامېرىكىغا قاراتقان سىياسىتىدە يۈكسەك ئىزچىللىقنى ۋە مۇقىملىقنى ساقلاپ كەلدى.

«زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» «ئامېرىكىنىڭ ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىپ، دوستلۇقنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن»... شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى چوقۇم مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق بوشلۇقى يەنىمۇ كېڭىيىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرىدۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)