جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تىنچ - ئامانلىق ئاساسىي رېڭىنى تېخىمۇ قېنىقلاشتۇرۇش

2026-09-29 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

—— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرى تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى سەھىپە پۈتۈشكە يېتەكلىدى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

تىنچ - ئامانلىق مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇل تېشى، يۈز مىليونلىغان ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

«تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇش ئىشلارنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشىغا مۇناسىۋەتلىك، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك.»

شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى دۆلەت تېخىمۇ بىخەتەر، جەمئىيەت تېخىمۇ تەرتىپلىك، ئىدارە قىلىش تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، خەلق تېخىمۇ رازى بولۇش جەھەتلەرگە سىجىل كۈچەپ، ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ ماڭدى. ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتى بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ خاتىرجەملىكى، بەختى گىرەلىشىپ بىر - بىرىنى جۇلالاندۇرۇۋاتقان گۈزەل مەنزىرە جۇڭگو زېمىنىدا تەدرىجىي نامايان بولماقتا.

تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن يول كۆرسىتىپ يۆنىلىشنى بەلگىلەپ بەردى

فۇجيەن جياڭجوۋ كوچىلىرىدا مۇنداق بىر ساقچىلار قوشۇنى بار، ئۇلارنىڭ سول بىلىكىدىكى «جاڭجوۋ 110» دېگەن خەتلەر چۈشۈرۈلگەن قىزىل يەڭ بەلگىسى شۇ جايدىكى پۇقرالار كۆرۈشنى خالايدىغان تىنچ - ئامانلىق بەلگىسى.

«پۇقرالارنىڭ بەختى، دۆلەتنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى قوغداشتا، خەلق گۇڭئەنى ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان.» يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجيەن ئۆلكىسى «جاڭجوۋ 110»نىڭ بارلىق ئەترەت ئەزالىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارغا سەمىمىي ئىلھام بەردى ھەم سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تىنچ - ئامانلىق ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاددىي ئىنتىلىشى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە «تىنچ - ئامانلىق خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى، ئامان - ئېسەنلىكىنىڭ ئاساسىي تەلىپى، ئىسلاھات - تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي ئالدىنقى شەرتى.»

يېڭى دەۋردىن بۇيان، پارتىيەمىز يۈز مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقتى، «تىنچ - ئامانلىق» دۆلىتىمىزنىڭ بىر يارقىن دۆلەت نام كارتىسىغا ئايلاندى.

ھازىر، دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى مۈشكۈل ۋە ئېغىر، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسى تېخىمۇ ئاشتى، «تىنچ - ئامانلىق»نىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ئۇقۇم دائىرىسى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە.

ۋەزىيەتنى كۆزىتەلىگەنلەر دانا، ۋەزىيەتكە ماسلىشالىغانلار ئاقىلدۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتا يىراقنى كۆزلەپ چوڭقۇر ئويلاندى، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.

مەركەز سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى، تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، ئاساسىي قاتلام ساقچىخانىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى... پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا قويۇپ پىلانلاش كېرەك» «ئىستېرېئولۇق جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، تىنچ - ئامانلىق قۇرۇلۇشىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك» «تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش، ئىجتىمائىيلىشىش، قانۇنچىللىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك»... بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلاردا ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنىپ، مۇھىم نۇقتا تۇتۇلۇپ، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن يۆنىلىش ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.

2025 - يىلى 2 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 19 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇش توغرىسىدا سىستېمىلىق بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.

تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدىن تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇشقىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار ئومۇمىيلىق، ئىستراتېگىيەلىك، ئۇللۇق مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر چۈشەندۈردى، پارتىيەمىزنىڭ تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى.

دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە، «ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇشتىكى مۇھىم قوللانما، جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى؛

دۆلەتنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇشنى تەكىتلەپ، «دۆلەت ھاكىمىيىتى خەۋپسىزلىكى، تۈزۈم خەۋپسىزلىكى، ئىدېئولوگىيە خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك» دەپ ئايدىڭلاشتۇردى؛

تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنىڭ دىيالېكتىك مۇناسىۋىتىنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، «ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت سىستېمىلىق تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىيات چىڭ داۋلى، خەۋپسىزلىكمۇ چىڭ داۋلى دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇشى كېرەك» دەپ تەلەپ قىلدى؛

...

ئاساسنى تۇتۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئاچتى، نېگىزنى تۇتۇپ باشقا ئىشلارنى يۈرۈشتۈردى. تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى سىجىل بېيىتتى، كېڭەيتتى ۋە ئۇزارتتى.

«تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك» تىنچ - ئامانلىق تېخىمۇ سىستېمىلىق، تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك «چوڭ تىنچ - ئامانلىق».

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئومۇمىي خەۋپسىزلىك ئومۇميۈزلۈك، بىر پۈتۈن، سىستېمىلىق خەۋپسىزلىك، تىنچ - ئامانلىق تەرەققىيات جەريانىدىكى تىنچ - ئامانلىق، ھەرىكەت ھالىتىدىكى تىنچ - ئامانلىق، ئېچىۋېتىش داۋامىدىكى تىنچ - ئامانلىق، قانۇنچىللىقتىكى تىنچ - ئامانلىق.»

سىياسىي، ھەربىي ئىشلار، دۆلەت زېمىنى، ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، پەن - تېخنىكا، تور... ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى 20 نۇقتىلىق ساھەنى قاپلىدى ھەم جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشىلىدۇ.

دەۋر ۋە ۋەزىيەتتىكى يېڭى ئۆزگىرىشنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئەنئەنىۋى ھاياتلىق ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىدىن دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى، ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكى، مەدەنىيەت بىخەتەرلىكى، جەمئىيەت بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

«تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك» تىنچ - ئامانلىق جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مول ئوزۇقلاندۇرۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

ئەنخۇي تۇڭچېڭنىڭ ليۇچىشياڭ كوچىسىدىكى قارا كاھىشلىق، كۆك خىشلىق ئۆيلەر ئارىسىدا قوشنىلارنىڭ ئىناق ئۆتۈش، بىر - بىرىگە يول قويۇش ھېكايىسىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ.

2024 - يىلى 10 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ مۇنداق سەمىمىي تاپىلىدى: «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر - بىرىگە يول قويۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئىناقلىقنى ئەلا بىلىدىغان ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ئىناق جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك».

«كېسەل بولۇشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش»قا ئەھمىيەت بېرىپ، «زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر مەنبەسى ئۆتكىلى، كۆزىتىش - ئۆلچەش ئۆتكىلى، باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى؛ خەلقنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا خەلقنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇش»نى ئايدىڭلاشتۇردى؛ ئەخلاق بىلەن قانۇننى تەڭ قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، «قانۇنغا بويسۇنغان، ئىنتىزامغا رىئايە قىلغانلارنى ئىلھاملاندۇرۇش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان، ئەخلاقىنى يوقاتقانلارنى بىر قەدەممۇ ئىلگىرى باسالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى...

قەدىمكىنى قوبۇل قىلىپ ھازىرقىنى ئوزۇقلاندۇردى، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، جۇڭخۇا قانۇنچىللىق مەدەنىيلىكىگە يېڭى دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنى قوشۇلۇپ، تىنچ - ئامانلىق قۇرۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى.

ئىدىيە نۇرى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىغا يېتەكچىلىك قىلدى. تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى يولغا قويۇلدى، ھەرىكەتتە كۆرسىتىلىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

مەركىزىي كومىتېت دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى تەسىس قىلىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ «دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسى (2021 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)» ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى تۈزۈلدى ۋە يولغا قويۇلدى، پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپا)نىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلدى... پارتىيەنىڭ تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش خىزمىتى، سىياسىي بىخەتەرلىك ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئورنىتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بايلىق بىلەن كۈچ بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇشنىڭ ئومۇمىي بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈلدى.

دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى، شياڭگاڭدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنى، چەت ئەلنىڭ چەكلىشىگە قارشى تۇرۇش قانۇنى، تور بىخەتەرلىكى قانۇنى، جىنايى ئىشلار قانۇنى، تەشكىللىك جىنايەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى، ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى قاتارلىق تىنچ - ئامانلىق قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار قانۇنلار تۈزۈپ چىقىلىپ ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇن - تۈزۈم سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنچىللىق ئۇل تېشى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر «يېرىم كېچىدىمۇ خاتىرجەم ۋە بىخەتەر سەيلە قىلغىلى بولىدىكەن» دەپ ھاياجانغا چۆممەكتە، يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نىڭ كەڭ كۆلەمدە ئەمەلدە كۆرسىتىلىشى قوشنىلارنى تېخىمۇ ئېجىل، مەھەللىنى تېخىمۇ ئىناق قىلماقتا، تىنچ - ئامان جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ «ئالتۇن رەڭلىك نام كارتىسى» دەل پۇقرالارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىدىكى ئەڭ پۇختا «ئىشەنچ»، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مەردانە قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى پۇختا كاپالەت.

ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ تىنچ - ئامانلىق ئۇل تېشى مۇستەھكەملەندى

مەخسۇس بابتا «دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇش» ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، «ئاممىۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش» «جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى... «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك، «تىنچ - ئامان»لىق قويۇق ئاساسىي رېڭىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىككە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك».

ئالدىن تەييارلىق كۆرۈپ، تۇيۇقسىز يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغان ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قوغداپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەۋپسىزلىكنى مۇستەھكەملەپ، خەۋپسىزلىك داۋامىدا تەرەققىياتنى پىلانلىغاندىلا، ئاندىن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.

سۇ كەلگۈچە توغان سېلىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىدى.

دۆلىتىمىزنىڭ بۇ يىللىق كىلىمات ۋەزىيىتى ئادەتتىن تاشقىرى مۇرەككەپ بولدى، بوران - چاپقۇن قانچە كۈچەيگەنسېرى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش شۇنچە نامايان بولدى.

«ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، كۆپ قېتىم مۇھىم يىغىنلارنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، بىر مەقسەتتە ماكانىمىزنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى قوغداشنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى ئورتاق مۇستەھكەملەشكە يېتەكچىلىك قىلدى.

خەۋپسىزلىك تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، تەرەققىيات خەۋپسىزلىكنىڭ كاپالىتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە.»

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە، نۇرغۇن خەۋپ - خەتەردىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىشكە بولمايدۇ، ئۆزىنى قاچۇرۇشقا بولمايدۇ، بىۋاسىتە يۈزلىنىپ تاقابىل تۇرۇشقا جۈرئەت قىلىپ، دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، نىشانلىق تەدبىر قوللىنىپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئىقتىدارى ھەم سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئاشلىق، ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە، ئۆي - زېمىن قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى بىخەتەرلىك ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك «قارا قۇ» «كۈل رەڭ كەركىدان» خەۋپ - خەتىرى ۋە خىرىسلىرىغا كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلىدى؛

چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇن ۋە قائىدە سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى مەنپەئىتىمىزنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى كۈچلۈك قوغدىدى؛

«تورنى ساپلاشتۇرۇش» قاتارلىق مەخسۇس ھەرىكەتلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشنى سىجىل كۈچەيتىپ، تور ماكانىنى تېخىمۇ ساپ، بىخەتەر قىلدى؛

بازار تەرتىپىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، كارخانىلارغا ئالاقىدار مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، كارخانىلارنى 31 مىليارد يۈەنگە يېقىن ئىقتىسادىي زىياندىن ساقلاپ قالدى؛

...

تىنچ شارائىتتا خەۋپ - خەتەرنى ئۇنتۇمىدى، مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاندا ھالاكەتنى ئۇنتۇمىدى، ئىدارە قىلىشتا مالىمانچىلىق يۈزبېرىش ئېھتىماللىقىنى ئۇنتۇمىدى. تەرەققىيات داۋامىدا خەۋپ - خەتەرنى مۇقىم تۈگىتىپ، خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىش داۋامىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، تىنچ - ئامان جۇڭگونىڭ مۇقىملىقى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تىرەك بولدى.

جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

يېشىل تاغلار بىلەن ئورالغان جايدا چاينىڭ خۇش ھىدى دىماققا ئۇرۇلدى.

چۇڭچىڭ ۋۇشى ناھىيەسىنىڭ پۇليەن بازىرى شىڭلۇ كەنتىدىكى بىر شىپاڭدا، پېنسىيەگە چىققان سوتچى لياۋ زىخۇەينىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن، لاۋيىڭ چاي دەرىخىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى توغرىسىدىكى بىر ماجىرا مۇۋاپىق ھەل قىلىندى. زىددىيەت - ماجىرالارنى شۇ جاينىڭ ئۆزىدە ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىناق، تەرتىپلىك بولۇشىنى قوغداش دەل يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نىڭ جانلىق تەسۋىرى.

دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، خەلقنى ئەمىن تاپتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئاساسىي قاتلامدا. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى دەل زىددىيەتنى يۈزبېرىشتىن بۇرۇن تۈگىتىش، خەۋپ - خەتەرنى كۆرۈلۈشتىن بۇرۇن تۈگىتىش.»

فېڭشىجياڭ دەرياسىنىڭ كىچىك ئېقىنلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا قاراپ ئاقتى، جېجياڭ جۇجىدىكى فېڭچياۋ بازىرىدا بارلىققا كەلگەن «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» 60 نەچچە يىلنى بېسىپ ئۆتۈپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ، دەۋر نۇرىنى جۇلالاندۇردى.

2023 - يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ فېڭچياۋ بازىرىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «يېڭى دەۋردىكى <فېڭچياۋ تەجرىبىسى>دە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق ئاممىسىغا زىچ تايىنىپ، مەسىلىنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىش، بىخ ھالىتىدە تۈگىتىش كېرەك.»

ئاساسىي قاتلامنى ياخشى ئىدارە قىلىش يېڭى سەھىپىسى پۈتۈلدى، يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» ھەممە جايدا چېچەكلەپ مېۋە بەردى.

ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە نۆۋەتتە تولۇق قاپلانغان ناھىيە دەرىجىلىك ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىدىن 2849ى، يېزا دەرىجىلىك ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىدىن 38 مىڭ 500ى قۇرۇلۇپ، ئامما زىددىيەت - ماجىرالارنى ھەل قىلىشتا «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىرلا جايغا بارىدىغان» بولدى؛

خەلق سوتى كەنت ئاھالە كومىتېتى، مەھەللە ئاھالە كومىتېتى، خەلق مۇرەسسە كومىتېتى قاتارلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئورۇنلىرى بىلەن توردا ئۇدۇللىشىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىپ، بىرلىشىپ تۈزەپ، زور مىقداردىكى زىددىيەت - ماجىرالارنى شۇ جاينىڭ ئۆزىدە ھەل قىلدى؛

...

ئەخلاق بىلەن قانۇن يۇغۇرۇلۇپ، جەمئىيەت تىنچ، كىشىلەر ياخشى ئىش قىلىشقا ئىنتىلىدىغان ئىدارە قىلىش يېڭى سەھىپىسى پۈتۈپ چىقىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن بىر قولدا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى تۇتۇش كېرەك» «قانۇنچىللىق بىلەن سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇشنىڭ قىممەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك».

قانۇن ئارقىلىق جاھان تىنچلاندۇرۇلىدۇ، ئەخلاق قەلبلەرنى ئىللىتىدۇ. قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىر - بىرىنى جۇلالاندۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولۇشى ھەم تەرتىپلىك بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدا بايراق روشەن ھالدا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىشكە ئىلھام بېرىلىپ، قەھرىمانلار قان ئاققۇزسىمۇ ياش ئاققۇزماسلىق ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى؛ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 20 - ماددىسى «ئويغىتىلىپ»، يوللۇق قوغدىنىش تېخىمۇ ھەققانىيلىققا ئىگە قىلىندى؛ «زىيادە ئېغىر تويلۇق» قاتارلىق كونا قائىدە - يوسۇن، ناچار ئادەتلەر تۈزىتىلىپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى يېتىلدۈرۈلۈپ، زىددىيەت يوشۇرۇن خەۋپى ئازايتىلدى؛ ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، قەرز ئېلىپ ۋاقتىدا قايتۇرمىغانلار جازالىنىپ، سەمىمىي بولۇشتىن ئىبارەت گۈزەل ئەخلاق ئەۋج ئالدۇرۇلدى.

سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈلۈپ، قانۇننىڭ چەكلىشى بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىش ماس كۈچەيدىغان قىلىنىپ، قانۇنچىللىق كۈچى ئارقىلىق تىنچ - ئامانلىق تۆۋەن چېكى قوغدىلىپ، ئەخلاق كۈچى ئارقىلىق جەمئىيەت ئورتاق تونۇشى مۇجەسسەملىنىپ، تىنچ - ئامان جۇڭگونىڭ ئىللىق ئاساسىي رېڭى ئورتاق پۈتۈپ چىقىلدى.

ئاساسىي قاتلام كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، ئاساسىي قاتلام تىنچ بولسا جاھان تىنچ بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، يېڭى دەۋردىكى تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيىتىنى ئىدارە قىلىش ئۇلىنى كۈچلۈك پۇختىلاپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى خەلقنى كۆزلەيدۇ، شۇنداقلا خەلققە تايىنىدۇ

قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك مەركەزلىك تور يىغىش ھەرىكىتىدە، گۇڭئەن ئورگانلىرى تۈرلۈك جىنايەت شايكىسىدىن 1000دىن ئارتۇقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يوقىتىپ، 8200دىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى؛ 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بىر قىسىم سوت مەھكىمىلىرى قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق 12 دېلوغا مەركەزلىك ھۆكۈم ئېلان قىلدى؛ 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنىگىچە، تەپتىش ئورگانلىرى قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق 151 دېلودىكى 900 كىشىنى ئەيىبلىدى... بۇ يىل 7 - ئايدىن بۇيان، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش غەلىبە خەۋەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن تارقالدى.

«تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى خەلقنى كۆزلەيدۇ، شۇنداقلا خەلققە تايىنىدۇ. خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغداش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر بايانىدا تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ خەلقنى كۆزلەش ئەسلىي مەقسىتى جاكارلاندى.

ھەممىدە خەلقنى كۆزلەپ، ھەممە ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغدىدى −

«مېييى قولغا چۈشتى!» بۇ يىل 3 - ئايدا، قىسقا ھەم قەلبلەرنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر خەۋەر ئالداپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ ئائىلىسىگە دىققەت قىلىپ كەلگەن سانسىزلىغان كىشىلەرگە ھەققانىيەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى.

خەلق ئاممىسى نېمىدىن قاتتىق نەپرەتلەنسە، تىنچ - ئامانلىق قۇرۇلۇشىدا شۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «تىنچ - ئامانلىق پۇقرالارنىڭ كىيىنىش - تويۇنۇشى ھەل قىلىنغاندىن كېيىنكى بىرىنچى ئېھتىياجى، بۇ ئىنتايىن مۇھىم خەلق تۇرمۇشى، شۇنداقلا ئەڭ ئاساسىي تەرەققىيات مۇھىتى.»

بىرمىنىڭ شىمالىدىكى «تۆت چوڭ جەمەت» جىنايەت گۇرۇھىنى يوقىتىشتىن پۇقرالارنىڭ يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشقىچە، يەنە «ياشانغانلار، بالىلار» قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىشكىچە، ئۈزلۈكسىز پۇختا، زىچ توقۇلغان قانۇن تورى جىنايەتچى ئۇنسۇرلارغا يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالدۇرمىدى، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدىدى.

يېقىندا ئېلان قىلىنغان «دۇنيا ئاممىۋى بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچى دوكلاتى (2025 - يىلىدىن 2026 - يىلىغىچە)»دا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچى 84.62 نومۇرغا ئېرىشىپ، 1 - ئورۇندا تۇرغان. بۇ سانلىق مەلۇمات «جۇڭگوچە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى»نى يەنە بىر قېتىم تور سۇپىسىدىكى قىزىق تېمىغا ئايلاندۇردى.

دۇنيادىكى جىنايى ئىشلار جىنايىتى نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى، قاتىللىق دېلولىرىنىڭ يۈزبېرىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئەڭ بىخەتەر دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولدى. بۇ ئۈچ «ئەڭ» پۇقرالارنىڭ مۇقىم بەختىگە تىرەك بولدى.

ئادىللىق، ھەققانىيلىق خەلقنىڭ ئارزۇسى.

خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇشنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا سىجىل كۈچ چىقىرىلىپ، تەپتىش قىلىش بويىچە ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسىنىڭ دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، شەھەر - يېزىلارنى قاپلىغان ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىپ، سىياسىي - قانۇن ساھەسى ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش - قانۇن يۈرگۈزۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى سىجىل ئۆستۈرۈلۈپ، «تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەربىر قانۇن - تۈزۈم، ھەربىر قانۇن ئىجرا قىلىش قارارى، ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش» قەدىمى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

ئۆكۈنمەي ئۆزىنى بېغىشلاپ، ۋەتەننىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى قوغدىدى.

چۇڭچىڭ تەپتىش ئورگىنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتى كوللېكتىپى بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن قانۇنچىللىق كۆك ئاسمىنى تىرىكى بولدى؛ ئايال زەھەر تاشلاتقۇزۇش ساقچىسى ۋاڭ مياۋلى قۇرۇق قول ئېلىشىپ پىچاقنى تارتىۋېلىپ قاتىللىق قىلىشنى توستى؛ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ قوغدىغۇچىسى لوساڭ جاشى يوشۇرۇن ئېقىم مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان مەخپىي ئۇرۇش سېپىدە تاڭ سەھەرگىچە چىڭ تۇردى... تىنچ - ئامانلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ھەربىر سىيما بىر تەرەپنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى قوغدىدى، ھەممە ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغدىدى.

ھەممىدە خەلققە تايىنىپ، تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى −

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت خىزمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولغان، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، ھەممە كىشى بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك.»

شەھەر كوچىلىرىدا، ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەر، تېز يەتكۈزگۈچىلەر، پىدائىيلار مەھەللىلەردىكى «ئەڭ ئاخىرقى 100 مېتىر»نى كېسىپ ئۆتۈپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تۈزەشتىكى «كۆچمە قاراۋۇل»لارغا ئايلاندى.

كەڭ يېزا - كەنتلەردە، ئامما ئۆزى باشقۇرۇش تەشكىلاتلىرى ۋە كەنت قائىدىسى، خەلق ئەھدىنامىسى بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك باش قېتىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى، زور مىقداردىكى ماجىرالار ئاقىلانە سۆزلىشىش داۋامىدا ماھىيەتلىك ھەل قىلىندى.

خېنەن جېڭجوۋدىكى ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەر يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نازارەتچىسى بولۇپ، «دۇكانسىز، كىنىشكىسىز ساختا ۋەيمەي ئىشلەپچىقارغۇچى»لارنى نازارەت قىلدى؛ بېيجىڭ «چاۋياڭدىكى ئامما» «شىچېڭدىكى چوڭ ئانا» قاتارلىق پىدائىيلار قوشۇنى ھەرقايسى مەھەللە(كەنت)لەردە پائال ھەرىكەتكە كەلدى؛ جېجياڭ جياشىڭدا تېز يەتكۈزگۈچى بىنورمال ئەۋەتىلگەن يوللانمىنى بايقاپ، ئالدامچىلىق ھەرىكىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك توسۇپ قالدى...

ئەڭ جىددىي پەيتتە، بىر جۈپ قول ھەمىشە ھاياتلىق ئۈمىدىگە پۇختا تىرەك بولدى.

2022 - يىلى 9 - ئايدىن ھازىرغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي - قانۇن كومىتېتى ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئەزىمەتلەرنىڭ پەسىللىك تىزىملىكىنى 14 قېتىم ئېلان قىلدى، 800دىن ئارتۇق ئەزىمەت ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەقدىرلەندى ۋە مۇكاپاتلاندى. ئاددىي ھەم چاقناپ تۇرغان ئىسىملار ئارقىلىق ئاددىي قەھرىمانلار خاتىرىلىنىپ، جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئالغا باسىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان، تىنچ - ئامانلىقنى ئورتاق قوغدايدىغان ئېسىل پەزىلىتى ئىزاھلاندى.

بېلىقچىلار چېگرا سىرتىنىڭ مەخپىيەتلىك ئوغرىلاش قۇرۇلمىسىنى سۈزۈۋېلىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوكلات قىلدى، كارخانا خىزمەتچىلىرى گۇمانلىق يىپ ئۇچىنى بايقىغان ھامان ۋاقتىدا ئىنكاس قىلدى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تور جاسۇسلۇق توزىقىنى پەرقلەندۈرۈپ پائال پاش قىلدى...

بارغانسېرى كۆپ ئادەتتىكى كىشى تىنچلىقتىن «مەنپەئەتلەنگۈچى»دىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن «قوغدىغۇچى»غا ئايلانماقتا، يۈز مىليونلىغان خەلق ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئۇلۇغۋار پىلاندىن گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇردى.

تىنچ - گۈللەنگەن ۋەزىيەت خەلقنىڭ ئارزۇسى. دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىندى.

«ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىشتا، تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكىلا بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.»

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇش مۇقەررەركى «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نىڭ يېڭى مەنزىلگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىككى چوڭ مۆجىزىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

(مۇخبىرلار ياڭ ۋېيخەن، لو شا، فېڭ جياشۇن، چى چى، لى مىڭخۇي)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)