شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى، موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى

2026-09-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بىشكەك، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلاردۇ جۈەن، باۋ نومىن) شۇ جاي ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىشكەكتە 2026 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش مەزگىلىدە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل 5 - ئايدا، زۇڭتۇڭ پۇتىن جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، بىز ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە كەلگۈسى نۇقتىدىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. ئىككى دۆلەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل تارماقلار پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىمىز ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم، قەدىمىنىڭ تېخىمۇ پۇختا، ئىستىقبالىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆرۈنەرلىك كۆپەيمەكتە، لېكىن ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىشقا بولغان ئىنتىلىشى ئۆزگەرگىنى يوق. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون مۇقىملىقىنى قوغداش، رايون تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، تەشكىلاتنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىپ، تەشكىلاتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا كۈچ قوشۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىدىغان كۈچنى زورايتىشنى خالايدۇ.

پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: داۋالغۇپ تۇرغان مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا قوللاشتا چىڭ تۇردى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق تەرەققىياتى ئۇچقاندەك تېز بولدى، رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، سودا، ئېنېرگىيە، سانائەت، قاتناش، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇھىم خەلقئارا تەسىر كۈچكە ئىگە، جانلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك رايون ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلاندى، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو تەشكىلات ئىچىدىكى ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مېخانىزمى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئىچىدىكى ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللاپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بىشكەك، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارخاۋ ۋېيۋېي، جاڭ جىيې) شۇ جاي ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىشكەكتە 2026 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش مەزگىلىدە ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ ئون يىللىقى. بىزنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىمىزدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سۈپىتى سىجىل ئۆستى، دەرىجىسى سىجىل ئاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى «ئالتۇن ئون يىلى»نى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - ئۆزبېكىستان دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىش مەيدانىدا قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىشى كېرەك. جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چۆللىشىشنى تىزگىنلەش قاتارلىق ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش قىزغىن ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىشنى تېزلىتىپ، مائارىپ، نامرات نوپۇسنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقى مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە بىرلىكتە زەربە بېرىپ، بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەت تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، رايوننىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

مىرزىيويېف مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۈزلۈكسىز زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنياۋى خىرىسقا قەتئىي ئىشەنچ بىلەن تاقابىل تۇرغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا تولۇق ئىشەنچى بار. ئۆزبېكىستان بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقى بار، باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى ئۆزبېكىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق ئېچىپ بەردى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۆزبېكىستان تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي راۋاجلاندۇرىدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگەرسىمۇ بۇنىڭدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، سودا - سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، قاتناش، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئورتاق زەربە بېرىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئۆزبېكىستان تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى يۈكسەك ئېتىراپ قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن قول تۇتۇشۇپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بىشكەك، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارجاۋ يەن، خۇاڭ خې) شۇ جاي ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىشكەكتە 2026 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش مەزگىلىدە موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە تاغ - دەريالىرى تۇتاش، قوشنا دۆلەت بولۇپ، تىنچ بىللە تۇرۇش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش باشتىن - ئاخىر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى ئاساسىي ئېقىم ۋە ئاساسىي رەڭ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە جۇڭگو - موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، موڭغۇلىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ كۆپ ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو - موڭغۇلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ جۇڭگو - موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، قارشى تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيە تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سودا، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل قېزىلما بايلىق، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىق يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قېزىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئېشىش نۇقتىسىنى يارىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەشنى خالايدۇ. موڭغۇلىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپ يەنە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

كۈرىلسۇخې مۇنداق بىلدۈردى: موڭغۇلىيە بىلەن جۇڭگو دوستانە قوشنا دۆلەت، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ دوستانە ئۆتىدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى زور پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلدى. جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى باش فاڭجېن، موڭغۇلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، سودا - سېلىنما، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، كانچىلىق، يېشىل ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. موڭغۇلىيە تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭغا ئالاقىدار، شىزاڭغا ئالاقىدار، شياڭگاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، موڭغۇلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.