شى جىنپىڭ دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنىڭ بەش يىللىقى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبەت يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2026-09-28 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنىڭ بەش يىللىقى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبەت يىغىنى نيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تەرەققىيات ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك باش تېمىسى، شۇنداقلا خەلقنىڭ بەختىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچ. بەش يىل ئىلگىرى، مەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، بۇ، دەل خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنياۋى تەرەققىيات ئىشلىرىنى قايتا جانلاندۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىشكە كۈچ قوشۇش ئۈچۈن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بەش يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى كەڭ كۆلەمدە ئەمەلدە كۆرسىتىلدى، تەشەببۇس ھەمكارلىق تۈرى 120دىن ئارتۇق دۆلەتتە ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىپ، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى سەھىپىسى پۈتۈپ چىقىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولماقتا. ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانى گۈزەل ئارزۇسىنى ھېس قىلغىلى، مەنپەئەتلەنگىلى بولىدىغان رېئال مەنزىرىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.