□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ياڭ يىجۈن، سۇ لياڭ
پۈتۈن دۇنيانىڭ نەزەرى مۇشۇ پەيتكە مەركەزلەشتى −
شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سائەت 17 دىن 35 مىنۇتلار ئۆتكەندە، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوننىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى ئاندرېۋس ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېتىپ كەلگەندە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بۇ يەردە كۈتۈپ تۇرغانىدى.
رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئايروپىلان شوتىسىدىن چۈشكەندە، زۇڭتۇڭ تىرامپ ۋە رەپىقىسى مېلانىيا قىزغىن سالاملاشتى. مۇراسىم ئەسكەرلىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپ تۈزۈپ تۇردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئۇزاق ۋاقىت سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئىككى ئۆسمۈر رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىگە گۈل تەقدىم قىلدى.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ئايرودۇرۇمغا بېرىپ زىيارەتكە كەلگەن جۇڭگو رەھبىرىنى كۈتۈۋېلىشى تارىختا تۇنجى قېتىملىق ئىش. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ئاقساراي بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرنەچچە كۈن بۇرۇن ئېلان قىلغاندا، نۇرغۇن تاراتقۇ خەۋەرلىرىدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ئايرودۇرۇمغا بېرىپ چەت ئەل رەھبىرىنى كۈتۈۋېلىشىنىڭ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
كۈز كۈنلىرىدىكى ئاندرېۋس ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. 21 پاي ھۆرمەت توپى بوشلۇقتا ياڭرىدى، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئۇچۇپ ئۆتۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى، بۇ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىگە بولغان يۇقىرى ئۆلچەملىك ھۆرمىتىنى نامايان قىلدى.
بۇ يىل 5 - ئايدا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بېيجىڭدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، «جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتى» بەرپا قىلىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ تەكلىپى بىلەن ئامېرىكىدا ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يېرىم يىل ئىچىدە ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى، شۇنداقلا بۇلتۇر 10 - ئايدا كورېيە پۇسان ئۇچرىشىشىدىن بۇيان ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ 3 - قېتىم كۆرۈشۈشى بولۇپ، تارىخىي، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
زۇڭتۇڭ تىرامپ ۋە رەپىقىسى رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسىنى ئاپتوموبىلغا چىققۇچە ئۇزىتىپ بارغاندا، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەنە قەدىمىنى توختىتىپ پاراڭلاشتى. نەق مەيداندىكى تاراتقۇ مۇخبىرلىرى بۇ ھەمتۈرتكە بولغان پەيتلەرنى بەس - بەستە خاتىرىلىدى.
زۇڭتۇڭ تىرامپ مۇنداق بىلدۈردى: ۋاشىنگتوندا رەئىس شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خانىمنى كۈتۈۋالغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن، بۇ بىر قېتىملىق پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن زىيارەت. رەئىس شى جىنپىڭ ئۇلۇغ رەھبەر، بۇ بىر ئۇلۇغ پەيت. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ چوقۇم مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا ئۈمىد بېغىشلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)