رەئىس شى جىنپىڭ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغان چاغدىكى ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلەر چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە

2026-09-28 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ساۋ جيايۆ، فېڭ شىنرەن

9 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ تەكلىپى بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ كۈنتەرتىپى زىچ، مەزمۇنى مول بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەتلەش دوستانە كەيپىياتىدا جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە دۇنيا ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك، ئومۇمىي خاراكتېرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا سەمىمىي، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، نۇرغۇن چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلەرنى قالدۇردى.

1 - دەقىقە: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تۇنجى قېتىم ئايرودۇرۇمغا بېرىپ جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسىنى كۈتۈۋالدى

شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ۋاشىنگتوندىكى ئاندرېۋس ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېتىپ كەلگەندە، زۇڭتۇڭ تىرامپ ۋە رەپىقىسى مېلانىيا قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ئايرودۇرۇمغا بېرىپ زىيارەتكە كەلگەن جۇڭگو رەھبىرىنى كۈتۈۋېلىشى تارىختا تۇنجى قېتىملىق ئىش.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم تەكلىپ بىلەن ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يېرىم يىل ئىچىدە ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىش بولۇپ، تارىخىي، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. كۈز كۈنلىرىدىكى ئاندرېۋس ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، نەق مەيداندا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، ھەرقايسى ئارمىيە تۈرلىرىنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى رەتلىك تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، زىيارەتنىڭ ھەيۋەتلىك مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.

زۇڭتۇڭ تىرامپ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ، بىر قېتىملىق پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن زىيارەت. رەئىس شى جىنپىڭ ئۇلۇغ رەھبەر، بۇ، بىر ئۇلۇغ پەيت. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

2 - دەقىقە: زۇڭتۇڭ تىرامپ ئاقسارايدا رەئىس شى جىنپىڭ ئۈچۈن كاتتا قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، زۇڭتۇڭ تىرامپ ئاقسارايدا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: مەن بۇ قېتىم زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ تەكلىپى بىلەن ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇپ، دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن كەلدىم، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ئۈچۈن كەلدىم، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا «ئالاقىنى كۈچەيتىشى» «سەمىمىي ھەمكارلىشىشى» «تىنچ بىللە ئۆتۈشى» كېرەك، «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن ئامېرىكىنى قايتا ئۇلۇغۋارلىققا ئىگە قىلىش بىر - بىرىگە دەخلى قىلمايدۇ».

زۇڭتۇڭ تىرامپ مۇنداق بىلدۈردى: «مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ئاساسىدا ئۇلۇغ دوستلۇق ئورناتتۇق، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن» «رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئامېرىكا - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن».

جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈمىدى خەلقتە، كەلگۈسى ياشلاردا. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىدى: «كەلگۈسى بەش يىلدا، جۇڭگو تەرەپ 100 مىڭ ئامېرىكىلىق ياش - ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا بېرىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىدۇ» «مۈشۈكئېيىق <پىڭ پىڭ> بىلەن <فۇشۇاڭ> پات ئارىدا ئاتلانتا ھايۋاناتلار باغچىسىغا ماكانلىشىپ، ئامېرىكا خەلقى بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ».

دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىشىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ئاقساراينىڭ ئەتىرگۈل باغچىسىغا بېرىپ ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ھەربىي ئوركېستىر باشلىنىش بۇرغىسىنى چالدى، ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى ئارمىيە تۈرلىرىنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەنئەنىۋى سەپ تۈزۈش ۋە چالغۇ ماھارىتى كۆرسەتتى، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئاقساراي بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرىگە ھۆرمەت بىلدۈردى.

3 - دەقىقە: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئېللىپىس شەكىللىك ئىشخانىدا سەمىمىي ۋە دوستانە پىكىر ئالماشتۇردى

قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ئاقسارايدىكى ئېللىپىس شەكىللىك ئىشخانىغا يۆتكىلىپ، سەمىمىي ۋە دوستانە پىكىر ئالماشتۇردى. ئارقىدىن، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

بۇ يىل 5 - ئايدا، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى بىردەك قارار قىلدى. بۇ يېڭى ئورۇن بېكىتمىسى ئىككى دۆلەتنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش توغرا يولىغا قەدەم تاشلىشىدىكى مۇھىم بىر قەدەم.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز بۇ ئارزۇنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ھەمكارلىقنى ئاساس قىلىش، رىقابەت لايىقىدا بولۇش، ئىختىلاپلارنى تىزگىنلىگىلى بولۇش، تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولۇش نىشانىغا قاراپ تىرىشىپ، ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش توغرا يولىنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك.

زۇڭتۇڭ تىرامپ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى بىر قېتىملىق ئۇلۇغ زىيارەت. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو چوڭ دۆلەت، مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ياخشى دوست، قويۇق، چوڭقۇر ئالاقىنى ساقلاپ كېلىۋاتىمىز. بىزنىڭ رەھبەرلىكىمىزدە، ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى چوقۇم ياخشىلىنىدۇ.

4 - دەقىقە: رەئىس شى جىنپىڭ قارشى ئېلىش دۆلەت زىياپىتىدە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا خەلقىنىڭ دوستلۇق ھېكايىسىنى جانلىق بايان قىلدى

شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كەچتە، زۇڭتۇڭ تىرامپ ۋە رەپىقىسى ئاقساراينىڭ شەرقىي زالىنى جۇڭگو قىزىلى بىلەن بېزەپ، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش دۆلەت زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى ساھە زاتلىرىغا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستانە ئالاقىسى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى جانلىق بايان قىلدى.

200 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئامېرىكا مۇستەقىل بولغاندىن باشلاپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا سودا ئالاقىسىنى باشلىدى؛ 80 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئىككى دۆلەت خەلقى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ياپون مىلىتارىزم تاجاۋۇزچىلىرىغا زەربە بەردى؛ 50 نەچچە يىل ئىلگىرى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ تىكتاك توپ دىپلوماتىيەسى ئۇزاقتىن بۇيان تاقىلىپ قالغان ئالاقە دەرۋازىسىنى ئاچتى؛ 20 نەچچە يىل ئىلگىرى، سايكاۋىس ئىسىملىك ئامېرىكىلىق بىر كىشى جۇڭگولۇق قۇم تىزگىنلىگۈچى يىن يۈجېننىڭ كۆچەت تىكىشىگە ئىقتىسادىي ياردەم قىلدى...

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنى توختىماي ئۆركەشلەپ ئاقىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى پارلاق. بىز قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو - ئامېرىكا دوستلۇقىنىڭ گۈزەل گۈللىرىنى ئورتاق سۇغىرىشىمىز، جۇڭگو - ئامېرىكا دوستلۇقىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

زۇڭتۇڭ تىرامپ مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەدەنىيىتى بار، ئىككى دۆلەت خەلقى ئۇزاق مەزگىل دوستانە ئالاقىلىشىپ كەلدى. گەرچە بىر - بىرىمىزنىڭ تۈزۈمى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى.

5 - دەقىقە: ئاقسارايدا چاي ئىچكەچ سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئورۇن بېكىتمىسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىشقا قوشۇلدى

شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن زۇڭتۇڭ تىرامپ ۋە رەپىقىسى مېلانىيا بىلەن ئاقسارايدا چاي ئىچكەچ سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئورۇن بېكىتمىسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، «ھۆرمەت قىلىش، ئادىل بولۇش، باراۋەر بولۇش ئاساسىدىكى ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋەت»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا قوشۇلدى.

«جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، بۇ، تارىخىي چوڭ يۈزلىنىش. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يورۇقلۇققا تۇتىشىدىغان يول كۆپ ھاللاردا ئەگرى - توقاي بولىدۇ، ھامان تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار بولىدۇ، بۇمۇ شەيئىلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن.» رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن بىرلىكتە، تارىخقا مەسئۇل بولىدىغان جاسارەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا قېنىق، رەڭدار سەھىپىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشنى خالايمەن.

زۇڭتۇڭ تىرامپ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى بىر قېتىملىق مول ئىجابىي خاراكتېرلىك، ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەت بولدى. ئىككى تەرەپ ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ۋە مۇھىم خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، نۇرغۇن ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ، ھەر ئىككى دۆلەتكە پايدىلىق. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن داۋاملىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

6 - دەقىقە: ئامېرىكا دۆلەت ئارخىپخانىسىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ بىر - بىرىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىگە بولغان چۈشىنىشى ۋە ھۆرمىتىنى نامايان قىلدى

چاي ئىچكەچ سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ تىرامپ ۋە رەپىقىسى رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسىنى ئامېرىكا دۆلەت ئارخىپخانىسىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش 5 - ئايدا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ تىرامپنى تيەنتەننى ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتكە تەكلىپ قىلىشى بىلەن شەكلى ھەر خىل بولسىمۇ، ئوخشاش ئۈنۈمگە ئىگە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ بىر - بىرىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىگە بولغان چۈشىنىشى ۋە ھۆرمىتىنى نامايان قىلدى.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىككى دۆلەت، گەرچە ئىككى دۆلەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، ئىجتىمائىي تۈزۈمى، تەرەققىيات يولى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ئوخشاش. بىر - بىرىدىكى ئوخشىماسلىقنى ئېتىراپ قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقنى تېپىپ چىقىپ، ھەمكارلىق تىزىملىكىنى ئۇزارتىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ تىزگىنلىگەندىلا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشالايدۇ.

ھەربىر قالتىس دەقىقە پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارىتى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتتى، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش ئومۇمىيىتىنى قوغدىدى، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى ياراتتى ۋە پۈتۈپ چىقتى، بۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى)