جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىنى ئۈچ نۇقتىدىن چۈشىنىش

2026-09-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شاۋ يىبو، فېڭ شىنرەن، شيۇڭ ماۋلىڭ

شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن ئاقسارايدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ ئارزۇنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ھەمكارلىقنى ئاساس قىلىش، رىقابەت لايىقىدا بولۇش، ئىختىلاپلارنى تىزگىنلىگىلى بولۇش، تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولۇش نىشانىغا قاراپ تىرىشىپ، ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش توغرا يولىنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك.

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ رېئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈردى، شۇنداقلا كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدنى نامايان قىلدى. 5 - ئايدا بېيجىڭ ئۇچرىشىشىدا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشنى بىردەك قارار قىلغاندىن، بۇ قېتىمقى ۋاشىنگتون ئۇچرىشىشىدا ئۇنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىشقىچە، تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ بۇ يېڭى ئورۇن بېكىتمىسى ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە ئۈزلۈكسىز تولۇقلاندى.

بىز ئۈچ نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشەنسەك بولىدۇ.

( 1 ) تارىخ

بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى كېلىشىۋالغاندەكلا تارىخقا نەزەر سالدى.

رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ تىرامپ ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىلگىرى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ فاشىستلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا زەربە بەرگەن. بۇ بىر بۆلەك تارىخنى جۇڭگو خەلقى ئۇنتۇمايدۇ، ئامېرىكا خەلقىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى. شۇ كۈنى كەچتىكى قارشى ئېلىش زىياپىتىدە، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە 200 نەچچە يىلدىن بۇيانقى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستانە ئالاقىلىشىش تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

زۇڭتۇڭ تىرامپ قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغاندىمۇ ئۇچار يولۋاس ئەترىتى قاتارلىق ھېكايىلەرنى ھازىرغىچە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئېسىدە چىڭ ساقلاۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

تارىخ رېئاللىقنىڭ مەنبەسى. «تىنچلىق ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىش» ئەسلىمىسى مۇجەسسەملەنگەن ئۇچار يولۋاس ئەترىتى، تۆگە لوككىسى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 100 يىل ھالقىغان «گۇلىڭغا بولغان مۇھەببەت رىشتى»گىچە... رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى ئېسىل داستانلارنى كۆپ قېتىم بايان قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ تارىختىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ ئېلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىغا ئىلھام بەردى.

دەل رەئىس شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك، «ئىككى دۆلەت ھەمراھلاردىن بولۇش، دوستلاردىن بولۇش تارىخنىڭ ئىلھامى، شۇنداقلا رېئاللىقنىڭ ئېھتىياجى.» دۇنيا تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، دەۋر ئۆزگىرىۋاتىدۇ، لېكىن جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچ بىللە ئۆتۈشىدىكى تارىخىي لوگىكا ئۆزگەرمىدى.

تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھازىرنى ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ.

( 2 ) دەۋر

«بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخىي ئۆزگىرىش ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەت ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشنىڭ دۇنيا كوردىناتى، دەۋر كوردىناتىنى كۆرسىتىپ بەردى.

يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەت قانداق قىلىپ توغرا چىقىشىپ ئۆتۈش جەزمەن ياخشى جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك دەۋر تېمىسى.

ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى تەرەپ جەزمەن توقۇنۇشماسلىق، قارشىلاشماسلىق تۆۋەن چېكىنى ساقلىشى كېرەك، شۇنداقلا ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ بۇ پىلانېتتىكى چىقىشىپ ئۆتۈش توغرا يولىنى چوقۇم تاپالايدۇ.

«پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش» «سەمىمىي ھەمكارلىق» «تىنچ بىللە تۇرۇش»... رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، ئەمەلىي ھەرىكەت يولىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ئىقتىساد - سودا ساھەسىدە، ئىككى تەرەپ بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ھەمكارلىق تىزىملىكىنى ئۇزارتىشى، مەسىلە تىزىملىكىنى قىسقارتىشى كېرەك؛ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوخشاشلا تېخنىكا چوڭ دۆلىتى، سۆھبەتنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى قالايمىقان ئىشلىتىش، يامان غەرەزدە ئىشلىتىشنىڭ ئورتاق ئالدىنى ئېلىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇشى كېرەك؛ مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى ئالدىدا، ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك...

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا رىقابەتنى يوشۇرمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن رىقابەت ياخشى سۈپەتلىك بولۇشى، چېكى بولۇشى، ئۆزئارا بەسلىشىدىغان يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى بولۇشى، بىرى يېڭىپ بىرى يېڭىلىدىغان ئېلىشىش بولماسلىقى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ كەڭ ساھەلەردە ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشى ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا مۇقىملىق، ئېنىقلىق بېغىشلايدۇ.

( 3 ) خەلق

قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىم ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇش مەقسىتىنى ئېيتتى − «دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن كەلدىم، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ئۈچۈن كەلدىم، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم».

2023 - يىلى رەئىس شى جىنپىڭ سان - فىرانسىسكودا «كەلگۈسى بەش يىلدا ئامېرىكىدىكى 50 مىڭ ياش - ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا كېلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىش» تەشەببۇسىنى جاكارلىدى. بۇ نىشان مۇددەتتىن ئىككى يېرىم يىل بۇرۇن تاماملاندى. بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق جاكارلىدى: كەلگۈسى بەش يىلدا، جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىدىكى 100 مىڭ ياش - ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا كېلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىدۇ.

«بەش يىلدا 50 مىڭ»دىن «بەش يىلدا 100 مىڭ»غىچە، كۆپەيگەن سان جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ياشلىق باھارى ئۇرۇقىنى چاچتى.

دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاچقۇچى خەلقنىڭ ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىدە. خەلق ئارىسىدا بىر ئۈلۈش چۈشىنىش كۆپەيسە، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە بىر ئۈلۈش ئاساس كۆپىيىدۇ؛ خەلق ئىچىدىكى ئالاقىدە بىر ئۈلۈش قىزغىنلىق كۆپەيسە، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە بىر ئۈلۈش ئەۋرىشىملىك ئاشىدۇ.

ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىشتىن بىۋاسىتە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننى كۆپەيتىش تەكلىپى بېرىشكىچە، يەنە مۈشۈكئېيىق «پىڭ پىڭ» «فۇ شۇاڭ»نىڭ پات ئارىدا ئاتلانتا ھايۋاناتلار باغچىسىغا ماكانلىشىشىغىچە... ھەربىر كونكرېت ھەرىكەت خەلق رىشتىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلق رايى ئاساسىنى چوڭقۇر پۇختىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ.

بېيجىڭدىن ۋاشىنگتونغىچە، يېڭى ئورۇن بېكىتمىسىنى بېكىتىشتىن ئۇنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشقىچە، كىشىلەر ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پاراخوتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)