شى جىنپىڭ يېڭى دېھلىغا يېتىپ باردى

2026-09-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 18 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭدىن يېڭى دېھلىغا يۈرۈپ كەتتى

شى جىنپىڭ يېڭى دېھلىغا يېتىپ باردى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، يېڭى دېھلى، 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرسۇ لياڭ) شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن يېڭى دېھلىغا يېتىپ باردى، ھىندىستان زۇڭلىسى مودىنىڭ تەكلىپى بىلەن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 18 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ.

شى جىنپىڭ يېڭى دېھلى پالام ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېتىپ بارغاندا، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قىزغىن كۈتۈۋالدى. مۇراسىم ئەسكەرلىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

جۇڭگونىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شۈ فېيخۇڭمۇ ئايروپورتقا بېرىپ كۈتۈۋالدى.

شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن ئايروپورتتىن چۈشمەكچى بولغان مېھمانسارايغا بېرىش يولىدا، شۇ جايدىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلار ۋە جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانىلار ۋەكىللىرى جۇڭگو ۋە ھىندىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن يېڭى دېھلىغا يېتىپ باردى، ھىندىستان زۇڭلىسى مودىنىڭ تەكلىپى بىلەن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 18 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ.

شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە چىققانلاردىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار بار.