شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان يولداشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى

2026-09-24 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

9 - قېتىملىق «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» يېتىپ كېلىش پەيتىدە

شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان يولداشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى

يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ كەڭ دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل قىلىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - قېتىملىق «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان يولداشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل، دۆلىتىمىزنىڭ يازلىق ئاشلىق ھوسۇلىدا يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، چىلگە شال ھوسۇلى مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى، كۈزلۈك ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتى، ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق - گۈزەل يېزا - كەنت بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ كەڭ دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل قىلىشى كېرەك.