شى جىنپىڭ شەندۇڭ چىڭداۋ شەھىرىنىڭ بېيخەي كېمىسازلىق زاۋۇتىدىكى بىر يۈك پاراخوتىدا يۈزبەرگەن ئوت ئاپىتى ھادىسىسى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى
تۈرلۈك ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتىرىنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، تۈزەپ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنى قەتئىي توسۇش كېرەك
لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى سائەت 11دىن 15 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شەندۇڭ چىڭداۋ شەھىرىنىڭ بېيخەي كېمىسازلىق چەكلىك شىركىتىدە چەت ئەلنىڭ بىر يۈك پاراخوتى پورتتا توختاپ رېمونت قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئوت كېتىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش كۆرۈلدى.
ھادىسە يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: شەندۇڭ چىڭداۋ شەھىرىنىڭ بېيخەي كېمىسازلىق زاۋۇتىدىكى بىر يۈك پاراخوتىدا ئوت ئاپىتى يۈزبېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش كۆرۈلدى. ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇشنى چىڭ تۇتۇپ، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، تەسەللى بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى مۇۋاپىق ياخشى ئىشلەش ھەم ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، تۈرلۈك ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتىرىنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، تۈزەپ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنى قەتئىي توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغدىشى كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇشنى چىڭ تۇتۇپ، يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى سەپلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، تۈزەپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنى قەتئىي توسۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە لى چياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى ئەۋەتكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى نەق مەيدانغا بېرىپ يېتەكچىلىك قىلدى. شەندۇڭ ئۆلكىسى كۈچ تەشكىللەپ نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى. نۆۋەتتە، تۈرلۈك خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە.