ئامېرىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ
شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.
رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا قايتىپ كەلدى.