− رەئىس شى جىنپىڭ ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى 2026 - يىلى 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. سەپەر ئاخىرلىشىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بىللە بارغان مۇخبىرلارغا بۇ قېتىمقى زىيارەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: 9 - ئايدا، دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسى يۇقىرى پەللىگە چىقتى، قالتىس نامايان بولدى. ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق، جەنۇبىي ئاسىياغا زىيارەتكە بارغاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ يىراق تىنچ ئوكياننىڭ قارشى قىرغىقىغا بېرىپ، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن ئامېرىكا سەپىرىنى باشلىدى. بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارىدىن 11 يىل ئۆتۈپ ئامېرىكىدا يەنە بىر قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى بولۇپ، ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يېرىم يىل ئىچىدە ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئالاقىسىدىكى تارىخ يارىتىلدى. بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ كۈنتەرتىپى زىچ، مەزمۇنى مول بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان دوستانە كەيپىياتتا جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە دۇنيا ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك، ئومۇملۇق خاراكتېرىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا سەمىمىي، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئامېرىكا تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭغا ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە ھۆرمەت بىلدۈردى. زۇڭتۇڭ تىرامپ ۋە رەپىقىسى ئايرودۇرۇمغا بېرىپ كۈتۈۋالدى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى، نەق مەيداندا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، ھەرقايسى ئارمىيە تۈرلىرىنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتى رەتلىك تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، زىيارەتنىڭ ھەيۋەتلىك مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. ئەتىسى، زۇڭتۇڭ تىرامپ ئاقسارايدا رەئىس شى جىنپىڭ ئۈچۈن كاتتا قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى مۇھىم سۆز قىلدى، بىرلىكتە ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتى ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئاقساراي بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈشىنى كۆزدىن كەچۈردى. شۇ كۈنى كەچتە، زۇڭتۇڭ تىرامپ ۋە رەپىقىسى ئاقساراينىڭ شەرقىي زالىنى جۇڭگو قىزىلى بىلەن بېزەپ، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش دۆلەت زىياپىتى ئۆتكۈزدى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، پارلامېنتىنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى داڭلىق ئەربابلار بۇ جايغا جەم بولدى. كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەنگەن بۇ مېھمان كۈتۈش ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ئامېرىكا تەرەپنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنى تولۇق ھۆرمەتلەيدىغانلىقى ۋە جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى گەۋدىلىك نامايان قىلدى.
دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تاراتقۇلار دىققەتنى بۇ قېتىمقى زىيارەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، بەس - بەستە باش بەت باش ماقالىسى ئارقىلىق زىچ خەۋەر قىلىپ يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھالدا بۇ بىر قېتىملىق تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەت، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارىدى. ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەتتە، بۇ قېتىمقى زىيارەت ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بېيجىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ ئاكتىپ تەسىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەش، تىنچ بىللە ئۆتۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت ئاكتىپ سىگنالنى تارقىتىپ، ئىككى دۆلەتكە بەخت ياراتتى، دۇنياغا نەپ يەتكۈزدى.
بىرىنچى، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورۇن بېكىتمىسىنى كېڭەيتتى
ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى نېگىزلىك مۇقىملاشتۇرغۇچ. زۇڭتۇڭ تىرامپ يەنە بىر قېتىم ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئۈچ قېتىم ئۇچرىشىپ، بەش قېتىم تېلېفونلىشىپ، كۆپ قېتىم خەت ئالاقىسى قىلىپ، قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، بىر - بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغان چىقىشىپ ئۆتۈش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى، بۇ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك ئىستراتېگىيەلىك بايلىققا ئايلاندى. جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پاراخوت ئالغا ئىلگىرىلىگەن ھەربىر ئاچقۇچلۇق پەيتتە، دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسى يول باشلاپ يۆنىلىش بەلگىلىدى.
بۇ يىل 5 - ئايدا، زۇڭتۇڭ تىرامپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورۇن بېكىتمىسىنى ئورتاق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ھەمكارلىقنى ئاساس قىلىش، رىقابەت لايىقىدا بولۇش، ئىختىلاپلارنى تىزگىنلىگىلى بولۇش، تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولۇش نىشانىغا قاراپ تىرىشىشنى ئايدىڭلاشتۇردى. يېڭى ئورۇن بېكىتمىسى ھەم جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش رېئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈردى، ھەم ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا بولغان ئۈمىدىنى نامايان قىلدى، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش توغرا يولىغا قەدەم تاشلىشىدىكى مۇھىم بىر قەدەم. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، سۆزلىشىش، ھەمكارلىشىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىختىلاپ ۋە سۈركىلىشنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.
بۇ قېتىمقى زىيارەتتىكى مۇھىم سىياسىي نەتىجە شۇكى، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورۇن بېكىتمىسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ھۆرمەت قىلىش، ئادىل بولۇش، باراۋەر بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «ھۆرمەت قىلىش، ئادىل بولۇش، باراۋەر بولۇش ئاساسىدىكى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتى»نى بەرپا قىلىشقا قوشۇلۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى تېخىمۇ ئېنىق ئىستراتېگىيەلىك كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى. ھۆرمەت قىلىش بىر - بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، بىر - بىرىنىڭ تاللىغان ئىجتىمائىي تۈزۈمى ۋە تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىش، قارشى تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشتۇر. ئادىل بولۇش ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىپ، بىرى يېڭىلىپ بىرى يېڭىدىغان نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق، يەككە تەرەپنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكىنى قوغلاشماسلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. باراۋەر بولۇش ئىككى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى جەھەتتە باراۋەر بولۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن دەپ ئايرىماسلىق، زوراۋانلىق، مۇشتۇمزورلۇق قىلماسلىق، ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى باراۋەر ھەل قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەت ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان، چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە دەۋر ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش توغرا يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن ئامېرىكىنى قايتا ئۇلۇغۋارلىققا ئىگە قىلىش تامامەن بىر - بىرىگە دەخلى قىلمايدۇ، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرىدۇ، دۇنياغا بەخت يارىتىدۇ.
جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ئوخشاشمايدۇ، ئىختىلاپنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ناھايىتى نورمال ئەھۋال، بەزى ئىختىلاپلار يەنە ناھايىتى ئۆتكۈر، نۇرغۇن زىددىيەتمۇ ناھايىتى مۇرەككەپ. لېكىن ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش داۋامىدا ئىختىلاپ ۋە زىددىيەتلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىدە بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى سىياسىي دىپلوماتىيە يولىنىڭ ماسلاشتۇرۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا قوشۇلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئارمىيەلىرى دائىملىق سۆھبەتلىشىشنى ساقلىشى كېرەك، ئىقتىساد - سودا، مالىيە - پۇل مۇئامىلە، قانۇن ئىجراسى، ئادىمىيەت قاتارلىق ھەرقايسى تارماقلار ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ گۇماننى تۈگىتىشى، ئىختىلاپلارنى باشقۇرۇپ تىزگىنلىشى، ئۆزئارا ئىشەنچ توپلىشى زۆرۈر. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى پىرىنسىپال مەيدانىنى ئىزاھلاپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا تەرەپنى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت توغرا مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەن مەسىلىسىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى كاشىلىلارنى تۈگىتىشكە دەۋەت قىلدى.
ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: دەل رەئىس شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك، «تۇسىدېد توزىقى»دىن ھالقىپ ئۆتكىلى بولىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتى بىر جۈملە شوئار ئەمەس، بەلكى بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەيدىغان ھەرىكەت بولۇشى كېرەك. ھۆرمەت قىلىش، ئادىل بولۇش، باراۋەر بولۇشنى ھەقىقىي نامايان قىلغاندىلا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا چوقۇم سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك، ئوخشاش بولمىغان تۈزۈم، ئوخشاش بولمىغان يولدىكى ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ پىلانېتتا ئۇزاق مەزگىل تىنچ بىللە تۇرىدىغان چىقىشىپ ئۆتۈش توغرا يولىنى بىرلىكتە تېپىپ چىقالايدۇ.
ئىككىنچى، جۇڭگو - ئامېرىكا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى ئاچتى
ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆزئارا سىڭىشىشى، ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشى ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەت، ھەمكارلاشسا ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، توقۇنۇشسا ئىككىلا تەرەپكە زىيانلىق بولۇش تارىخىي ئىلھام، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش بىردىنبىر توغرا تاللاش. جۇڭگو - ئامېرىكا ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ئەندىزىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
زىيارەت ھارپىسىدا، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا ئۆمەكلىرى يېڭى بىر نۆۋەتلىك كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، يېڭى بىرلەشمە ئورۇنلاشتۇرۇش ھاسىل قىلدى، بۇ، سودا كېڭىشى ۋە سېلىنما كېڭىشى قۇرۇش ھەم ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىك خىزمەت گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىش، «30 مىليارد دوللار» باجنى باراۋەر تۆۋەنلىتىش، كۇئالالۇمپۇر ئىقتىساد - سودا كېڭىشى نەتىجىلىرىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇردى، بازار ئىشەنچىنى مۇقىملاشتۇردى، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ كەسىپ ساھەسى، پۇقرالار ھەتتا دۇنيا ئىقتىسادىغا پايدىلىق. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتى ئەگرى - توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن، بۈگۈنكى مۇقىم ۋەزىيەت تەستە قولغا كەلگەن. ئامېرىكا تەرەپتىكى بىر قىسىم كۈچلەر دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۇقۇمىنى كېڭەيتىۋېتىپ، ھە دېسىلا ئىقتىساد - سودا مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، ئامېرىكىدىكى جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرىنى بېسىپ، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەپ، بازار ئىجازىتىدە توسالغۇ پەيدا قىلىپ، «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش»كە قۇتراتقۇلۇق قىلدى، بۇ ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، پەقەت ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەت جۇغلانمىسىنى بارغانسېرى ئازايتىۋېتىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەمكارلىق قوش لىنىيەلىك يول، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم بولۇشى ھەم ھەمكارلىق تىزىملىكىنى ئۇزارتىشقا ئېھتىياجلىق ھەم مەسىلە تىزىملىكىنى قىسقارتىشقا ئېھتىياجلىق. ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىغا ئادىل مۇئامىلە قىلىپ، باراۋەر بولۇش، ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، سۆزلىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى چىقىش يولىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك.
جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ قانۇن ئىجراسى جەھەتتىكى ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كۈچلۈك قوغداپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ «بىخەتەرلىك كوئېففىتسېنتى»نى ئاشۇردى. فېنتانىلنىڭ قالايمىقان ئىشلىتىلىشى نۇرغۇن ئامېرىكا ئائىلىسىگە ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان ئازاب ئېلىپ كەلدى. گەرچە بۇ مەسىلىنى جۇڭگو كەلتۈرۈپ چىقارمىغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو تەرەپ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئومۇمىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، باشتىن - ئاخىر ئەڭ ياخشى مەقسەت بىلەن، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئامېرىكا تەرەپنىڭ فېنتانىل كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بەردى. بېيجىڭ ئۇچرىشىشىدىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ ئاسان زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيەلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇش تىزىملىكىنى يەنە بىر قېتىم يېڭىدىن كۆپەيتتى ھەم ئېكسپورتنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. ئامېرىكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە زەھەرگە چېتىشلىق نۇرغۇن دېلونى پاش قىلىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ سەمىمىيىتىنى نامايان قىلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىغا ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، دۆلەت ھالقىغان جىنايەتكە ئورتاق زەربە بېرىشنى ۋەزىپە قىلىپ يۈكلىدى.
ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: تىرىشىپ ئىشلىگەنلەر ھامان غەلىبە قازىنىدۇ، بوشاشماي ئالغا ئىلگىرىلىگەنلەر ھامان نىشانغا يېتىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلىشىش ئارقىلىق بىر قاتار چوڭ ئىش، ياخشى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ. جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەر قېتىملىق ئىلگىرىلەش خەلقئارا جەمئىيەتكە ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسى ئېلىپ كەلدى. ئىككى تەرەپتىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى مىخ قېقىش روھى بىلەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىش كىچىك بولسىمۇ قىلىپ، يامان ئىش كىچىك بولسىمۇ قىلماي، ئەمەلىي ھەمكارلىق داۋامىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىپ، ياخشى سۈپەتلىك رىقابەت داۋامىدا بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرۇپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئىستىقبالىنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك.
ئۈچىنچى، جۇڭگو - ئامېرىكا دوستلۇقىنىڭ يېڭى كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلدى
ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پۇختا كۈچ ۋە ئۇزاق مەزگىللىك قۇۋۋەت بىلەن تەمىنلىدى. دەل رەئىس شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈمىدى خەلقتە، ئاساسى خەلق ئىچىدە، كەلگۈسى ياشلاردا، ھاياتىي كۈچى يەرلىكتە. «تىكتاك توپ دىپلوماتىيەسى» جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ كۆپ يىل تاقىلىپ قالغان ئالاقە دەرۋازىسىنى ئاچتى، «گۇلىڭ رىشتىسى» ئەسىر ھالقىغان دوستلۇق رىشتىگە ۋارىسلىق قىلدى، ئىئوۋا ئىشتاتى يەرلىكلەر ھەمكارلىقىنىڭ تەسىرلىك داستانىغا گۇۋاھ بولدى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئالاقىسىدىكى تارام - تارام ئېقىنلار قوشۇلۇپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان ئېقىن سۇ مەنبەسى بولۇپ قالدى.
بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا خەلقلەر ئارا دوستلۇقىنىڭ شانلىق پەيتىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى: ئىككى دۆلەت خەلقى 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلغان، جۇڭگو ئارمىيەسى ۋە خەلقى نەچچە يۈز مىڭ ھاياتلىق بەدىلىگە نەچچە يۈز ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىنى قۇتقۇزغان. جۇڭگولۇق قۇم تىزگىنلىگۈچى يىن يۈجېن بىلەن ئامېرىكىلىق دوستى سايكاۋىس 20 نەچچە يىل ئۆتۈپ جۇڭگودا قايتا ئۇچراشتى، ئەينى يىلى قۇملۇققا تىككەن كۆچەتلەر ئورمانلىققا ئايلاندى. سەمىمىي سۆزلەر، تەسىرلىك ھېكايىلەر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى زاتلاردا كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى. زۇڭتۇڭ تىرامپمۇ سۆزىدە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتتىپاقداشلاردىن بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قول تۇتۇشۇپ 2 - دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي كەچۈرمىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى تۈمەن چاقىرىملىق مۇساپىدىن ھالقىدى، 100 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشتى، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنى داۋاملىق يېتىلدۈرۈپ، ئەۋلادلارغا ئۇزاق مەزگىللىك گۈللىنىش ۋە بىخەتەرلىك ئېلىپ كېلىشنى خالايمەن. «دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت خەلقنىڭ ئىناق ئۆتۈشىگە باغلىق»، خەلق ئاممىسى ئارىسىدىكى چۈشىنىش، ئىناق ئۆتۈش ئەڭ ئىللىق، ئەڭ كۈچلۈك مۇناسىۋەت بولۇپ، ئارازلىقلارنى، شاۋقۇنلارنى تۈگىتىپ، بىپايان تىنچ ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرالايدۇ.
جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، رەئىس شى جىنپىڭ بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەرنى جاكارلىدى. «بەش يىلدا ئامېرىكىدىكى 50 مىڭ ياش - ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىش» تەشەببۇسى نىشانىنى مۇددەتتىن ئىككى يېرىم يىل بۇرۇن تاماملاش ئاساسىدا، رەئىس شى جىنپىڭ كەلگۈسى بەش يىلدا جۇڭگو تەرەپنىڭ ئامېرىكىدىكى 100 مىڭ ياش - ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 50 مىڭدىن 100 مىڭغىچە، پەقەت ساننىڭ كۆپىيىشى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ياشلارنىڭ ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، جۇڭگو - ئامېرىكا دوستلۇقى ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى توپلاش ھەرىكىتىدۇر. ئامېرىكا خەلق ئاممىسىنىڭ ئەڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن خۇش خەۋەر شۇكى، مۈشۈكئېيىق «پىڭپىڭ» «فۇشۇاڭ» پات ئارىدا ئاتلانتا ھايۋاناتلار باغچىسىغا ماكانلىشىدۇ. مۈشۈكئېيىق دوستلۇق ئەلچىسى، ئامېرىكا خەلق ئاممىسىنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، ئىككى دۆلەتنىڭ مۈشۈكئېيىق ئارقىلىق باغلانغان رىشتى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن ھالقىدى. «پىڭپىڭ» بىلەن «فۇشۇاڭ»نىڭ يېتىپ بېرىشى جۇڭگو - ئامېرىكا دوستلۇقىغا يەنە ياخشى مەزمۇن قوشىدۇ. «ئەتىرگۈل دىپلوماتىيەسى» بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ يەنە بىر يارقىن نۇقتىسى. زۇڭتۇڭ تىرامپ 5 - ئايدا جۇڭنەنخەيدە زىيارەتتە بولغاندا، جۇڭگو ئەتىرگۈلىنى ماختاپ كەتكەنىدى. بىرنەچچە ئايدىن كېيىن، جۇڭگو ئەتىرگۈلى جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تىلەكلىرىنى ئېلىپ، دېڭىز - ئوكيانلاردىن ئۆتۈپ ئامېرىكىدىكى ئاقسارايغا يەتكۈزۈلۈپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ يېڭى سىمۋولىغا ئايلاندى.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، زۇڭتۇڭ تىرامپ ۋە رەپىقىسى رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسىنى ئامېرىكا دۆلەت ئارخىپخانىسىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلدى، بۇ، 5 - ئايدا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ تىرامپنى تيەنتەندە ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلىشى بىلەن شەكلى ھەر خىل بولسىمۇ، ئوخشاش ئۈنۈمگە ئىگە بولۇپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ بىر - بىرىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىگە بولغان چۈشىنىشى ۋە ھۆرمىتىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، جەمئىيەت تۈزۈمى ئوخشاش ئەمەس، لېكىن پەرقنىڭ بولۇشى مۇقەررەر قارشىلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، بەلكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كەڭ بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ.
يېقىملىق، مۇلايىم رەپىقىلەر دىپلوماتىيەسى بۇ زىيارەتكە ئەۋرىشىم كۈچ قوشتى. پىروفېسسور پېڭ لىيۈەن رەئىس شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغاندا، زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ رەپىقىسى مېلانىيانىڭ تەكلىپى بىلەن دۆلەتلىك ئاسىيا سەنئەت مۇزېيىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئامېرىكا ياش - ئۆسمۈرلىرى ئېيتقان خور «يەسىمەنگۈلى» قاتارلىق جۇڭگو ناخشىلىرىدىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنىپ، سەنئەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە مۇزىكىدىكى ئورتاقلىقنى ھېس قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قەلب ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى.
ۋاڭ يى مۇنداق بىلدۈردى: ئۆزئارا سەمىمىي مۇئامىلىدە بولغاندىلا، مەڭگۈلۈك دوستلاردىن بولغىلى بولىدۇ. جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشى ھەم دۆلەت باشلىقلىرى قاتلىمىنىڭ «قول ئېلىشىش»ىغا ئېھتىياجلىق ھەم ئادەتتىكى خەلق ئاممىسىنىڭ «قول تۇتۇشۇش»ىغا ئېھتىياجلىق. بىز ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، سىجىل تۈردە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن كۆۋرۈك سېلىپ يول ياساپ، ياشلار، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق دەرىخىنى تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، تېخىمۇ باراقسان ئۆستۈرىمىز.
تۆتىنچى، چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيىتىدىكى يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلدى
ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. مەيلى دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش بولسۇن ياكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش بولسۇن، ھەممىسى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ھەمتۈرتكە بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ: گەرچە جۇڭگو - ئامېرىكا ھەمكارلىقى دۇنيادىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت ھەمكارلاشمىسا، دۇنيادىكى نۇرغۇن مەسىلىنى ھەل قىلىش تەسكە توختايدۇ، دەپ كۆرسەتتى. زۇڭتۇڭ تىرامپ: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىشى دۇنيانىڭ كەلگۈسى نەچچە ئون يىللىق تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىدۇ، دەپ بىلدۈردى. بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشقا قوشۇلدى.
دېڭىز قولتۇقى ۋە ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل جىددىيلىشىشى دۇنياۋى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، جۇغراپىيەلىك ئەندىزە ۋە خەلقئارا تەرتىپكە زەربە بولدى. مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر قەتئىي تۈردە ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقىنى بەرپا قىلغۇچى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى، تەرەققىياتىنى قوللىغۇچىلاردىن بولىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا كۈچ قوشىدىغان بىر قاتار تەشەببۇس ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دائىرىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى ۋە پائال ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ: ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىكىنىڭ ھەممىسى ھۆرمەتكە ئېرىشىشى كېرەك، ھەرقايسى تەرەپلەرنى تىنچلىقتا چىڭ تۇرۇشنى تاللاشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ئىسلامئاباد چۈشىنىش ئەسلەتمىسىگە قايتىشىنى قوللاپ، سۆزلىشىش ۋە سۆھبەتلىشىشنى بالدۇرراق قايتا باشلاپ، ئاخىرىدا يادرو مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. خەلقئارا ئاممىۋى پىكىر جۇڭگو تەرەپنىڭ ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيدانىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگو تەرەپ مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى تەكىتلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ پەسىيىشى ئۈچۈن ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، دەپ قارىدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ساغلام، بىخەتەر، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشى ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك، ئۇ، جۇڭگو - ئامېرىكا ھەمكارلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار مەسىلىسى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار چوڭ دۆلىتى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ياخشى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ئىقتىدارى ۋە مەسئۇلىيىتى بار، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىياتىنىڭ باشتىن - ئاخىر ئادەم تەرىپىدىن تىزگىنلىنىشى، خەلققە بەخت يارىتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىر - بىرىدىن مۇداپىئەلەنمەي، ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىپ: جۇڭگو - ئامېرىكا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سۆھبىتى مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ خەۋپ - خەتىرى ۋە پايدىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى قالايمىقان ئىشلىتىش، يامان غەرەزدە ئىشلىتىشنىڭ ئورتاق ئالدىنى ئېلىش كېرەك، دەپ بېكىتتى.
بۇ يىل دۇڭجىڭ سوتى ئېچىلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوخشاشلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت، ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش، مىلىتارىزمنىڭ تىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.
جۇڭگو - ئامېرىكا بۇ يىل 4 - پەسىلدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى بىرەسمىي يىغىنى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئۆزئارا قوللاپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ھەمكارلىقى ۋە دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا سىجىل قۇۋۋەت قوشىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
ۋاڭ يى ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەتتە بولۇش جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش ئومۇمىيىتىنى قوغداپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىپ ۋە پۈتۈپ چىقىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. «بېيجىڭدا جەم بولۇش» تىن «ۋاشىنگتوندا ئۇچرىشىش»قىچە، رەئىس شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرە ۋە پۈتۈن دۇنياغا بەخت يارىتىدىغان كەڭ كۆڭلى - كۆكسى بىلەن، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەمكىن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان داھىيلىق سالاپىتى ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى ساھەدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ جۇڭگونى چۈشىنىش، جۇڭگونى ھېس قىلىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ئامېرىكا جەمئىيىتىگە دوستلۇق ئۇرۇقىنى چاچتى. قىسقىغىنا بىر ئاي ئىچىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئۈچ قېتىم زىيارەتكە چىقىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىغا ھەمتۈرتكە بولۇپ، دىپلوماتىيە ئومۇملۇقىنى پىلانلاپ، قەلبلەرنى جۇڭگو ئىدىيەسىگە تېخىمۇ مايىللاشتۇردى، چوڭ دۆلەت رولىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى، خەلقئارا تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇردى. بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت، تېخىمۇ قەتئىي كۈرەش ئىرادىسى بىلەن، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يارىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق خەلقئارا مۇھىت يارىتىشىمىز، تېخىمۇ پۇختا ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.