شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى ۋە رەپىقىسى بىلەن بىرلىكتە مىسىر چوڭ مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

2026-09-04 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، قاھىرە، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلاردېڭ يۈشەن،خەن لياڭ) شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى ۋە رەپىقىسى يىتىسارنىڭ ھەمراھلىقىدا مىسىر چوڭ مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

گىسا ئېگىزلىكىدە، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان پىرامىدا توپى بىلەن ھەيۋەتلىك مىسىر چوڭ مۇزېيى بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇرىدۇ.

شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن مۇزېيغا يېتىپ بارغاندا، سېسى ۋە رەپىقىسى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى بىرلىكتە كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ، رامېسىس - 2نىڭ ھەيكىلى ئالدىدا بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشتى، مۇزېي ۋە قەدىمكى مىسىر تارىخى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى لىفىت بىلەن يۇقىرىغا چىقىپ، نەپىس، ھەيۋەتلىك تاش ئويما ھەيكەللەر، ئويما يېزىقلىق تۈۋرۈك تاشلار، ئىبادەتخانىنىڭ ئۇچلۇق تورۇسلىرىدىن زور قىزىقىش بىلەن زوق ئالدى، ئاندىن مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسى ئالدىدىكى دېرىزىدىن يىراقتىكى پىرامىدا توپىغا نەزەر سالدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى تۇتانكامۇن كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ، فىرئەۋىن تەختى، ئالتۇن نىقاب، خان جەمەتى جەڭ ھارۋىسى قاتارلىق قىممەتلىك مۇزېي ساقلانما بۇيۇملىرىنى كۆردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مىسىر ئوخشاشلا مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت ۋە دۇنيا مىراسلىرى چوڭ دۆلىتى، ئىككى چوڭ مەدەنىيلىك زامان - ماكان ھالقىپ، سىجىل قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ چىقتى. ئىككى تەرەپ باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، سۆھبەتلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت مەدەنىيلىك قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەرنىڭ سىغدۇرۇشچان بولۇش - بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ئالماشتۇرۇش - ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيلىك كۈچىنى توپلىشى كېرەك.

سېسى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇلتۇر مىسىر چوڭ مۇزېيى ئېچىلغاندا خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ھەم مۇنداق بىلدۈردى: قەدىمكى مىسىر مەدەنىيلىكى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بىردەك ئىگە بولغان «سىغدۇرۇشچان بولۇپ ھەممىنى قوبۇل قىلىش، كۆپ خىللىق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش» ئالاھىدىلىكى رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى ئىدىيەسى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە ماس كېلىدۇ. مىسىر تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانى تېخىمۇ ئىناقلىققا، سىغدۇرۇشچانلىققا ئىگە قىلىشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.