رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ دەۋر مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممىگە ئېلىشىنى تەشەببۇس قىلدى

2026-09-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى يەن فۇجىڭ، ۋۇ يۆ

«كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن دەۋر ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇپ، خەلقئارا تەرتىپنى تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.»

شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ ھىندىستان يېڭى دېھلىدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 18 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ 1 - باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش دەل كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ 20 يىللىقىغا توغرا كەلدى. 20 يىلدىن بۇيان، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلىنىپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

«يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشىدىكى ئۈلگىگە ئايلاندى» «دۇنيانى مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى» «<چوڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى>نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى» ... رەئىس شى جىنپىڭ «ئۆزىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش» «جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش» «نەتىجە مول بولۇش»تىن ئىبارەت ئۈچ ئاچقۇچلۇق سۆزنى ئىشلىتىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ 20 يىللىق تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى خۇلاسىلىدى.

ئىلگىرىكى چاغلارنى ئەسلەپ، تارىخ ئېقىمىنى ئىگىلەش؛ ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش.

بۈگۈنكى كۈندە، نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ يېرىمىغا يېقىننى ئىگىلەيدىغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى دۇنيانىڭ تەخمىنەن30 ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنى ئىگىلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا50تىن ئارتۇق تۆھپە قوشۇپ، ئىسمى - جىسمىغا لايىق يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى 1 - چاسا سەپكە ئايلاندى. دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ دادىل زىممىگە ئېلىپ، دەۋر مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممىگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارت كۈچ بولۇشى كېرەك.

كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى «ئىجادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاۋانگارتلاردىن بولۇشى» «تىنچلىق، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان ئاۋانگارتلاردىن بولۇشى» «مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئاۋانگارتلاردىن بولۇشى» «دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىدىغان ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدىغان ئاۋانگارتلاردىن بولۇشى» كېرەك.

«تۆت ئاۋانگارت» كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتە جارى قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك 1 - چاسا سەپلىك رولىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئېنىق يولىنى سۈرەتلەپ بەردى.

دەۋر ئاۋانگارتلىرى يېڭىلىق يارىتىش دولقۇنى ئېقىنىنىڭ بېشىدا مەزمۇت تۇرۇشى كېرەك.

2018 - يىلى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا - سانائەت مۇنبىرىدە، رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ: «كەلگۈسى 10 يىل، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كونا - يېڭى قۇۋۋىتى ئالمىشىدىغان ئاچقۇچلۇق 10 يىل» دەپ كۆرسەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋەكىللىكىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى دۇنياۋى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ھالىتى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى چوڭقۇر قايتا بەرپا قىلماقتا. بۇ قېتىم، رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى، ھەم كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشكە كۈچ قوشۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېڭى يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى پەللىگە قاراپ ئۆرلەپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز يېڭى قۇۋۋەت توپلايدۇ.

دەۋر ئاۋانگارتلىرى داۋالغۇپ تۇرغان دۇنيادا تىنچلىقنى قوغدىشى كېرەك.

2014 - يىلى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى فورتالېزا ئۇچرىشىشىدا، رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ «ھەم دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق لەڭگىرى بولۇشى، ھەم خەلقئارا تىنچلىق قالقىنى بولۇشى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. خەلقئارا ئەندىزە يارىتىشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتە بارغانسېرى مۇھىم رولىنى جارىي قىلدۇرماقتا. بۇ قېتىم رەئىس شى جىنپىڭ: «ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك» «ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئالاھىدە تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى ھەم ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر تۆت تۈرلۈك تەشەببۇسنى قايتا تەكىتلەپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

دەۋر ئاۋانگارتلىرى مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

كۆپ خىل مەدەنىيلىك دۇنيانىڭ خىسلىتى. چوڭقۇر تارىخ، شانلىق مەدەنىيەت مۇجەسسەملەنگەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشنىڭ ئۈلگىسى بولۇشى كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: «پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك». خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى دەۋر ئاۋانگارتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن - ئاخىر مەدەنىيلىكنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ توپلىشى كېرەك.

دەۋر ئاۋانگارتلىرى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش داۋامىدا مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىشى كېرەك.

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ كوللېكتىپ قەد كۆتۈرۈشىدىن ئىبارەت دەۋر ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۆز ھوقۇقىنى ئاشۇرۇش، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق ئارزۇنى نامايان قىلدى. دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىغا بىر يىل بولغان پەيتتە، رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ «خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ»، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ قىياپەت بىلەن دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشۇشىنى پائال تەشەببۇس قىلدى.

دەۋرنىڭ بوران - چاپقۇنى قانچە كۈچلۈك بولسا، ئېقىننىڭ بېشىدا شۇنچە مەزمۇت تۇرۇش، دادىل باشلامچى بولۇش كېرەك. 2027 - يىللىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ «جۇڭگو يىلى»نى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئىلگىرىلەپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ ئۈچىنچى «ئالتۇن 10 يىلى»نى باشلىغاندا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پاراخوت چوقۇم دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)