شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 48 - نۆۋەتلىك دۇنيا ماھارەت مۇسابىقىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىدە تېز بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، دۇنيا ماھارەت تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. دۇنيا ماھارەت مۇسابىقىسى كەسىپ ئېھتىياجىغا زىچ ئۇدۇللىشىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ماھارىتىنى يۈكسەلدۈرۈش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى ئۈچۈن پايدىلىق سۇپا ھازىرلاپ بەردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىلەرنى، بولۇپمۇ ياشلارنى ماھارەت ئارقىلىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش يولىدا مېڭىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، يېتەكلەيدۇ. بىز ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ماھارەت ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى خالايمىز.
48 - نۆۋەتلىك دۇنيا ماھارەت مۇسابىقىسى شۇ كۈنى شاڭخەيدە باشلاندى، باش تېمىسى «ماھارەت ئارقىلىق دۇنيانى ئۆزگەرتىش، ماھارەت ئارقىلىق ئىستىقبالنى يورۇتۇش» بولۇپ، دۇنيا ماھارەت تەشكىلاتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بىلەن شاڭخەي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. مۇسابىقە مەزگىلىدە دۇنيا ماھارەت يىغىنى ۋە دۇنيا ماھارەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ.