شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بىشكەك، 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئىشلىگەن «يېقىشلىق ‹سۆز›لەر —— شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»(كۆپ خىل تىل نۇسخىسى)نى كۆرسىتىشنى باشلاش پائالىيىتى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلدى. پىروگرامما شۇ كۈندىن باشلاپ قىرغىزىستان دۆلەت تېلېۋىزىيە - رادىيو شىركىتى قاتارلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاراتقۇلىرىدا كۆرسىتىلىدۇ.
«يېقىشلىق ‹سۆز›لەر —— شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»(كۆپ خىل تىل نۇسخىسى)دە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، ماقالىسى ۋە سۆھبىتىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن جۇڭگونىڭ قەدىمكى كىتابلىرى ۋە كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىكى ھېكمەتلىك جۈملىلەر كۆڭۈل قويۇپ تاللىنىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس سىياسىي ئەقىل - پاراسىتى، چوڭقۇر پەلسەپەۋى بىلىمى ۋە كەڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھېسسىياتى جانلىق نامايان قىلىنىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىكى كەڭ ئاممىنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئەقىل - پاراسىتىنى چۈشىنىشىگە بىر ئىدىيە كۆزنىكى ئېچىپ بېرىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى، جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلىشى، جۇڭگو روھىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ.