
شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئاقسارايدا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن زۇڭتۇڭ تىرامپ ۋە رەپىقىسى مېلانىيا بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئاقسارايدا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ سۆز قىلماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئاقسارايدا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى. قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ئاقسارايدىكى ئېللىپىس شەكىللىك ئىشخانىغا يۆتكىلىپ، سەمىمىي ۋە دوستانە پىكىر ئالماشتۇردى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئاقسارايدا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى. سۈرەتتە: ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئاقسارايدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرىگە ھۆرمەت بىلدۈردى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (شېڭ جياپېڭ فوتوسى)

شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئاقسارايدا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى. قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ئاقسارايدىكى ئېللىپىس شەكىللىك ئىشخانىغا يۆتكىلىپ، سەمىمىي ۋە دوستانە پىكىر ئالماشتۇردى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ شىلۇڭ، خاۋ ۋېيۋېي) شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئاقسارايدا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى.
9 - ئايدىكى ۋاشىنگتوننىڭ كۈز مەنزىرىسى كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرى شامالدا جەۋلان قىلىپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئاقسارايغا يېتىپ كەلگەندە، زۇڭتۇڭ تىرامپ ۋە رەپىقىسى مېلانىيا ئاپتوموبىلدىن چۈشىدىغان جايدا قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى تىرامپ ۋە رەپىقىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئاقسارايغا كىردى. شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار دەپتىرىگە ئىلگىرى كېيىن ئىمزا قويدى.
ھەيۋەتلىك ھەربىي مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئوتتۇرا زالغا كەلدى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى.
دۆلەت شېئىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىلەن تىرامپ ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ئامېرىكا خەلقىگە سەمىمىي سالام يوللىدى، ئامېرىكا مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 250 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن بۇ قېتىم زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ تەكلىپى بىلەن ئامېرىكىغا زىيارەتكە كەلدىم، دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن كەلدىم، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ئۈچۈن كەلدىم، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم. بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخىي ئۆزگىرىش ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەت ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. زۇڭتۇڭ تىرامپ بۇ يىل جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، بىز جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدۇق، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. مەن زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پاراخوتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئالاقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ، سەمىمىي، چوڭقۇر، سىجىل سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قالغىلى، ئۆزئارا ئىشىنىشنى توپلىغىلى بولىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا سەمىمىي ھەمكارلىشىشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان، ھەمكارلىق بوشلۇقى ئىنتايىن كەڭ. گەرچە جۇڭگو - ئامېرىكا ھەمكارلىقى دۇنيادىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت ھەمكارلاشمىسا، دۇنيادىكى نۇرغۇن مەسىلىنى ھەل قىلىش تەسكە توختايدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار چوڭ دۆلىتى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ياخشى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ئىقتىدارى ۋە مەسئۇلىيىتى بار، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىياتىنىڭ باشتىن - ئاخىر ئادەم تەرىپىدىن تىزگىنلىنىپ، خەلققە بەخت يارىتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا تىنچ بىللە ئۆتۈشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەت ھەمكارلاشسا ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، توقۇنۇشسا ئىككىلا تەرەپكە زىيانلىق. ئىككى تەرەپ جەزمەن توقۇنۇشماسلىق، قارشىلاشماسلىق تۆۋەن چېكىنى ساقلىشى كېرەك. «تۇسىدېد توزىقى»دىن ھالقىپ ئۆتكىلى بولىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىلگىرى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ فاشىستلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا زەربە بەرگەن. بۇ بىر بۆلەك تارىخنى جۇڭگو خەلقى ئۇنتۇمايدۇ، ئامېرىكا خەلقىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى. جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈمىدى خەلقتە، كەلگۈسى ياشلاردا. كەلگۈسى بەش يىلدا، جۇڭگو تەرەپ 100 مىڭ ئامېرىكىلىق ياش - ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا كېلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. مۈشۈكئېيىق جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق ئەلچىسى. مۈشۈكئېيىق «پىڭ پىڭ» بىلەن «فۇشۇاڭ» پات ئارىدا ئاتلانتا ھايۋاناتلار باغچىسىغا ماكانلىشىپ، ئامېرىكا خەلقى بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن ئامېرىكىنى قايتا ئۇلۇغۋارلىققا ئىگە قىلىش بىر - بىرىگە دەخلى قىلمايدۇ، ئىككى تەرەپ خەلقچىللىق ھېسسىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.
تىرامپ شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىدا تارىخىي خاراكتېرلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ئاساسىدا ئۇلۇغ دوستلۇق ئورناتتىم، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. ئامېرىكا - جۇڭگو ئىككى دۆلەت نەچچە ئەسىر ئىلگىرىلا دېڭىز - ئوكيانلاردىن ھالقىپ، سودا، ئۆزئارا ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرغان. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى دەل ئامېرىكا مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 250 يىللىقىغا توغرا كەلدى، ئىككى تەرەپ داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، دۇنياغا تۆھپە قوشىدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن سودا، خەۋپسىزلىك، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، پەن - تېخنىكا قاتارلىق قارالمىلارنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، دۇنيانىڭ كەلگۈسى نەچچە ئون يىللىق تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىمىز. ئامېرىكا - جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئىلگىرى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، بىرلىكتە 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن، ئۇچار يولۋاس ئەترىتى قاتارلىق ھېكايىلەر ھازىرغىچە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئېنىق ئېسىدە. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئامېرىكا - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
تەبرىك سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن تىرامپ ۋە رەپىقىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىشىنى كۆردى، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى قارشى تەرەپنىڭ ھەمراھ خادىملىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ئېھتىرام بىلدۈردى. ئارقىدىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ئاق ساراينىڭ ئەتىرگۈل باغچىسىغا بېرىپ ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ھەربىي ئوركېستىر باشلىنىش بۇرغىسىنى چالدى، ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى ئارمىيە تۈرلىرىنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەنئەنىۋى سەپ تۈزۈش ۋە چالغۇ ماھارىتى كۆرسەتتى، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئاقساراي بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرىگە ھۆرمەت بىلدۈردى.
قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ئاقسارايدىكى ئېللىپىس شەكىللىك ئىشخانىغا يۆتكىلىپ، سەمىمىي ۋە دوستانە پىكىر ئالماشتۇردى.
سەي چى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.