تەبرىك خەت
خۇنەن داشۆ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، مەن بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، خىزمەتچى خادىملار ۋە كەڭ مەكتەپداشلارنى تەبرىكلەيمەن!
يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، خۇنەن داشۆنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شەرەپلىك ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مىڭ يىللىق بىلىم ئورنىنىڭ ئىلىم تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دادىل باشلامچى بولۇش» روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بىلىمنى چوقۇم دۆلەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ
2026 - يىلى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەت ئەۋەتىپ خۇنەن داشۆ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، خىزمەتچى خادىملار ۋە كەڭ مەكتەپداشلارنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، خۇنەن داشۆنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شەرەپلىك ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مىڭ يىللىق بىلىم ئورنىنىڭ ئىلىم تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دادىل باشلامچى بولۇش» روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بىلىمنى چوقۇم دۆلەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
خۇنەن داشۆ 1926 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە يۆلۇ بىلىم ئورنى مۇشۇ مەكتەپكە جايلاشقان. 100 يىلدىن بۇيان، مەكتەپ ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئۈچۈن زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈردى.