− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئۇلانچاپتا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي، خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، خۇ زېشى
چېگرادا كۈز مەنزىرىسى ئۆزگىچە تۈسكە، قويۇق ئورمانلار رەڭدار تۈسكە كىرگەنىدى، ئوت - چۆپلەر رەڭگارەڭ بولۇپ، كەڭ تۇپراق مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل ئىدى.
10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇلانچاپ شەھىرىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بۇ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجىنىڭ 4 - قېتىم ئىچكى موڭغۇلغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇشى.
بۇ يىل «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، كېلەر يىلى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. جۇڭخۇا زېمىنىدا ئاستا - ئاستا يېيىلغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار مەنزىرىسىدە، «ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بۇ چېگرا رايون مەنزىرە لىنىيەسى» بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ يارقىن تۈسكە كىردى.
ئۈچ يىل ئىلگىرى ئاشۇ قېتىم تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئېنىق ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىمى «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى موڭغۇل توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلەش»، «ئىككى توسۇق»، «ئىككى بازا»، «بىر كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى» قۇرۇشتا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش ئىدى.
بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە بولۇشنىڭ بىرىنچى بېكىتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنى «ئىككى توسۇق»نىڭ بىرى بولغان «دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى» بولدى.
10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاخار ئوڭ قانات ئالدى خوشۇنىدىكى خۇاڭچىخەي كۆلى بويىغا كەلدى.
بۇ 11 دەريا - ئېقىننىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئىچكى قۇرۇقلۇق يېپىق كۆلى بولۇپ، 20 - ئەسىرنىڭ 70 -، 80 - يىللىرىدىن كېيىن، كىلىماتى قۇرغاقلىشىپ، يامغۇر ئاز ياغقاچقا، خۇاڭچىخەي كۆلى بىرمەھەل قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. كۆپ يىل ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئارقىلىق، سۇ دائىرىسىنىڭ كۆلىمى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى ۋە كېڭەيدى.
كۆرگەزمە تاختىسىدىكى بىر گۇرۇپپا سېلىشتۇرما سۈرەتتىكىسى 20 يىل بۇرۇن قۇرۇپ كەتكەن كۆل قىنى بىلەن بۈگۈنكى كۈندىكى بىر پارچە بىپايان كۆپكۆك مەنزىرە ئىدى، بىر گۇرۇپپا تۈۋرۈكسىمان سۈرەتتىكىسى 20 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدىن ھازىرغىچە بولغان كۆل يۈزى كۆلىمىنىڭ ئۆزگىرىشى بولۇپ، ئۆزگىرىش ئىنتايىن روشەن ئىدى.
شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭغا قوغدىلىدىغان رايوننى تەڭشەپ ئايرىش، كۆلگە قۇيۇلىدىغان سۇ سىستېمىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، قوغدىلىدىغان رايوندىكى باقمىچىلىق ۋە يېزا ئىگىلىكىدە دائىرىلىك بۇلغىنىشىنى تۈزەش، ئوتلاققا قايتۇرۇش، ئورمان بىنا قىلىش، يېشىللىقنى تولۇقلاش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، خۇاڭچىخەي كۆلىنى تۈزەشتە باسقۇچلۇق ئۈنۈمنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا كۆل يۈزى كۆلىمىنىڭ 85 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشقانلىقىنى دوكلات قىلدى. «بولۇپمۇ بۇلتۇر 5 - ئايدا، بىز بېلىق توپىنىڭ قايتا پەيدا بولغانلىقىنى كۆزىتىپ ئۆلچىدۇق، بۇ، خۇاڭچىخەي كۆلى سۈيىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تازىلىنىش ئىقتىدارى ۋە سۇ ئېكولوگىيەلىك ئايلىنىش سىستېمىسى فۇنكسىيەسىنىڭ تەدرىجىي ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.»
«ھازىر بۇ كۆلنى چۆرىدەپ، يەنە ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار بارمۇ؟» دەپ سورىدى باش شۇجى شى جىنپىڭ.
«يادرولۇق رايون تولۇق باشقۇرۇلدى، تىزگىنلەندى، سۈنئىي كاشىلىلار ئازايتىلدى.»
تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىش ئارقىلىق بارلىق شەيئىلەر بېقىلىدۇ، بۇ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىدىكى دىيالېكتىكا. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «سۇلۇق يەرنى قوغداشتا مۇھىمى ئەسلىي ئېكولوگىيەسىنى ساقلاش. تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتكە ئۇيغۇنلىشىش، تەبىئەتنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك» «چېكىنگەن سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا قارىتا، تەبىئىي ئەسلىگە كېلىشىنى ئاساس، سۈنئىي ئارىلىشىشنى قوشۇمچە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.»
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي زېمىنىدىكى بۇ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى بىر ئايرىلماس سىستېما.
2021 - يىلى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك، بۇ يەرگە <قۇم> دېگەن سۆزنى قوشۇش كېرەك» دەپ، ئېكولوگىيەنى تۈزەشنىڭ سىستېما ئۆلچىمىنى تۈزۈپ بەردى.
ئۈچ يىل ئىلگىرىكى ياز، يىنشەن تېغى ئېتىكى، خېتاۋ تۈزلەڭلىكى، باش شۇجى شى جىنپىڭ باياننوردا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ئۇلانسۇخا كۆلىنى كۆردى، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلارنى كۆردى، ئورمانچىلىق مەيدانىغا كىردى، قۇملۇق يەردە ماڭدى، خېتاۋ سۇغىرىش رايونىدا سۇ ۋە ئۆستەڭلەرنى كۆرۈپ، «تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇق»نىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چىقتى، ئارقىدىن چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، تىرىشىپ ئون يىل ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىر مەيدان «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى قىلىش چاقىرىقى چىقاردى.
ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئۈنۈمى قانداق بولدى؟
يەنە بىر كۆرگەزمە تاختىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىچكى موڭغۇلدىكى «ئۈچ كۆل»نى تۈزەشنىڭ ئالدى - كەينىدىكى سېلىشتۇرما خەرىتە، يەنە كۆپچى قۇملۇقى، خورچىن قۇملۇق يېرى، بادەنجىلىن قۇملۇقى، ماۋۋۇسۇ قۇملۇق يېرى قاتارلىق «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنى تۈزەشكە دائىر سېلىشتۇرما خەرىتە بىر - بىرلەپ كۆرگەزمە قىلىنغانىدى.
ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداش كونكرېت سانلىق مەلۇماتلارنى بىر - بىرلەپ كۆرسەتتى: 2023 - يىلىدىن بۇيان جەمئىي تاماملانغان ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى 130 مىليون مو بولۇپ، بۇ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى بەش باسقۇچىدا 40 نەچچە يىلدا تاماملانغان مىقدارنىڭ %85ىگە باراۋەر؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يىل بويى سۇ يۈزى كۆلىمى بىر كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان كۆلدىن 428ى بار، كۆل رايونىدىكى قۇش تۈرلىرىنى 2021 - يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 94 خىلى كۆپەيدى، يوقىلىپ كەتكىنىگە كۆپ يىل بولغان يەرلىك بېلىق تۈرى داغنۇر كۆلى، خۇاڭچىخەي كۆلى قاتارلىق كۆللەردە قايتا پەيدا بولدى.
«ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەشتە ئەڭ مۇھىمى تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدە بويىچە قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى كۈچەيتىش. بۇ يىللاردىن بۇيان، سىلەر ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپسىلەر، بۇ تۈرلۈك خىزمەتنى قەتئىي بوشاشماي ئىشلىسەڭلەرلا ئۈنۈم ھاسىل قىلالايسىلەر» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ.
سىم - سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈنلۈك تۇتۇپ كۆل بويىغا كەلدى. قەدىمىنى توختىتىپ يىراققا نەزەر سالدى، كۆل يۈزى چەكسىز كەتكەن بولۇپ، كۆل بويىدا ئوت - چۆپ ۋە دەل - دەرەخلەر قويۇق ئۆسكەنىدى، قۇشلار پەرۋاز قىلىپ تۇراتتى. باش شۇجى دۇربۇن بىلەن ساھىلدا ماكانلاشقان قۇشلارنى كۆزەتتى: «قۇشلار كۆپ ئىكەن، بۇ جاينىڭ سۇ ئېكولوگىيەسى ياخشى ئەسلىگە كەپتۇ.»
«مەن ئىچكى موڭغۇلدىكى بىرقانچە مۇھىم كۆلنى تۈزەشكە قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. ئىچكى موڭغۇلدا بۇنداق كۆللەرنىڭ بولۇشى ئىنتايىن كەم ئۇچرايدۇ، بۇلارنى ھەقىقىي تۈردە قىممەتلىك بايلىق دەپ قاراپ ياخشى قوغداش كېرەك.»
سۇنى تىزگىنلەشتىن پۈتكۈل ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى تۈزەشكىچە توختىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق كۆرسەتتى: «قۇم تىزگىنلەشتە، سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلار بىرقەدەر ئېغىر، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يېشىللىقنى كۆپەيتىش، قۇملىشىشنى تىزگىنلەشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىڭلار كېرەك. ئوتلاقنى قوغداشتا، سىلەر بۇ جايدا چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن چارۋىنى چەكتىن ئاشۇرۇپ بېقىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىڭلار كېرەك.»
تەرەققىيات بىلەن قوغداشنىڭ دىيالېكتىك بىرلىكىدىن قارىغاندا، ئىدىيە ئۆزگەرسە جاھان كېڭىيىدۇ. «يېشىل تەرەققىيات يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك» «ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك».
قىسمەن دائىرە بىلەن ئومۇملۇق نۇقتىسىدىن ئىگىلەپ، ئۇلۇغۋار غايە ۋە نىشان تىكلىگەندىلا، ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئەتكە ئېرىشكىلى ۋە كەلگۈسىگە نەزەر سالغىلى بولىدۇ. «قىسقىسى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى قۇرۇلۇشىغا پۈتكۈل ئومۇمىيەتتىن قاراش كېرەك. بۇ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، ياخشى ئىشلەنسە پۈتكۈل دۆلەتكە پايدىلىق، سىلەرگىمۇ پايدىلىق.»
رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان دەۋر چوڭ دولقۇنى مەۋج ئۇردى، بىپايان ئوتلاقتا بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش بارلىققا كەلمەكتە. بۇ جايغا توپلانغان يېتەرلىك ۋە مول «شامال» ۋە «يورۇقلۇق» تۈگىمەس يېشىل توكقا ئۆزگىرىپ، ھېسابلاش كۈچىنى قوزغىتىدىغان «يېشىل موتور»غا ئايلانماقتا.
بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلانچاپ چاخار يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا كەلدى. «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، جۇڭگو بىر قىسىم ساھەلەردە تەڭ ئىلگىرىلىدى، ھەتتا باشلامچى بولدى، ھېسابلاش كۈچى كەسپى دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.»
كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن ئىچكى موڭغۇلنىڭ يېشىل ھېسابلاش كۈچى كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان بىر بۆلەك سىننى كۆردى.
دۆلەتنىڭ سەككىز چوڭ ھېسابلاش كۈچى تۈگۈنى ۋە ئون چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى توپىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىچكى موڭغۇل دۆلەتنىڭ «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، مەملىكەت بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن ھېسابلاش كۈچى تورى بەرپا قىلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شامال، يورۇقلۇق ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئەۋزەللىكىنى ھېسابلاش كۈچى ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېيغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، پۈتۈن مەملىكەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان يېشىل ھېسابلاش كۈچى كاپالەت بازىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلماقتا.
ئىچكى موڭغۇلدىكى بېيجىڭغا ئەڭ يېقىن شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلانچاپ ھەر يىلى ئون ئايغا يېقىن ۋاقىت تەبىئىي سوغۇقلۇق مەنبەسى بولۇپ، يېشىل توك يېتەرلىك، كىلىماتى سوغۇق، رايون ئورنى يېقىن، گېئولوگىيەسى مۇقىم، بېيجىڭغا بىۋاسىتە تۇتىشىدىغان نۇر كابېلدا سانلىق مەلۇمات يەتكۈزۈش ۋاقتى قىسقا، سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ساھە بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ... تۈرلۈك ئەۋزەللىكلەرنىڭ بىرىكىشى يايلاقتىكى بۇ كىچىك شەھەرنىڭ نامىنى مەملىكەت ئىچى - سىرتىدا تېزلا چىقاردى.
دەۋر ئېقىمىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇشتا نامايان بولغىنى ئەھۋالنى كۆزىتىپ ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك يىراقنى كۆرەرلىك بولدى.
بۇلتۇر 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا، ھېسابلاش كۈچى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىشنى تەكىتلىدى. بۇ يىل 4 - ئايدىكى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا «ئالتە تور»نى پىلانلاپ قۇرۇشنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«15 - بەش يىل» باشلاندى، «ھېسابلاش كۈچى تورى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئالتە تور» قۇرۇلۇشى زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئومۇملۇقىغا كىرگۈزۈلدى. يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، مەملىكەت بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن ھېسابلاش كۈچى تورى قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھېسابلاش كۈچى، ھېسابلاش ئۇسۇلى، سانلىق مەلۇمات قاتارلىقلار بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى كۈچەيتىشنى ئېنىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
كۆرگەزمە زالىدىكى قۇم مودېلدا، ئۇلانچاپ ھېسابلاش كۈچى كەسپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىۋاسىتە كۆرسىتىلگەنىدى، ھېسابلاش كۈچى مەركىزى تۈرلىرى قەد كۆتۈرگەن، سانلىق مەلۇمات ئاپپاراتى ئۆيلىرى چوڭ ھەم كۆركەم بولۇپ، ھېسابلاش كۈچى كەسپى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، مۇلازىمەت كەسپى يېتەكچى قىلىنغان كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەنىدى.
«تەرەققىيات سۈرئىتى ناھايىتى تېز بوپتۇ، كەلگۈسىدە ئىنتايىن زور يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋە ئۇلانچاپنىڭ يېشىل ھېسابلاش كۈچى كەسپىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: «كەسىپ زەنجىرىنى پائال ئۇزارتىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھېسابلاش كۈچى ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئۈزلۈكسىز ئايلاندۇرۇش كېرەك».
ئېنېرگىيە تېجەش، سۇ تېجەش مۇھىم نۇقتا. ھېسابلاش كۈچى مەركىزى تۈرىنىڭ تەكشىلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇش خەرىتىسىدىكى مەنبە، تور، يۈك كۆتۈرۈش، ساقلاش مودېلى، بىر گەۋدە بويىچە توپلاشتۇرۇلغان سوۋۇتۇش پونكىتى مودېلى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى مودېلىنى باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر - بىرلەپ كۆزدىن كەچۈردى، ھېسابلاش كۈچى مەركىزىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ۋە سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى قاتارلىق ئەھۋاللىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى ئارىلاپ سورىدى.
پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ بايلىق شارائىتى ئوخشىمايدۇ، پەقەت شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگەتكەندىلا، ئاندىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ سىجىل كۈچەش نۇقتىسىنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ. بۇنىڭدا سىنىلىدىغىنى تەرەققىيات قارىشى، شۇنداقلا سىياسىي نەتىجە قارىشى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ھازىر يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، جۈملىدىن ھازىرقى بىرقانچە چوڭ باشلامچى كەسىپ توغرىسىدا ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغىنىم يەنىلا تەرتىپسىز تەرەققىي قىلىش، داغدۇغا بىلەن ئىش باشلاپ، ئاخىرىدا نەتىجىسىز تارقىلىپ كېتىش، بۇنداق بولغاندا ئاكتىپلىققا تېخىمۇ تەسىر يېتىدۇ. يەنە <ئىچكى تالىشىش> مەسىلىسى، قارىغۇلارچە رىقابەتلىشىش، ئۆز شارائىتىغا قارىماي تەرەققىي قىلىشمۇ بار.»
كەسىپ تەرەققىياتىدا ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق. ئۇلانچاپ يېشىل ھېسابلاش كۈچى كەسپىنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش جەريانىدا، ئوقۇش تارىخى مائارىپى بىلەن جەمئىيەتتىكى تەربىيەلەش بىر - بىرىنى تولۇقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشقان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى.
كۆرگەزمە زالىدىكى غەيرەت - شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرغان سىيمالار ئىچىدە ھېسابلاش كۈچى مەركىزىنىڭ تۈر مەسئۇللىرى، تېخنىك خادىملار، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى خىزمەتچى خادىملار بار، «80 - يىللاردا تۇغۇلغان» «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» «2000 - يىللاردا تۇغۇلغان»لار بار، ئۇلار ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن بولۇپ، گۈللىنىپ ياشناۋاتقان بىر تۈرلۈك ئىشقا بىرلىكتە ئۆزىنى بېغىشلىدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى: «ئۇلۇغۋار نىشان بولۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى سەۋرچانلىق ۋە ئىرادە بولۇشى كېرەك. خۇددى قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرىگە ئوخشاش، بىز ھازىر يېڭى ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلاندۇق، سىلەر يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتىكى بىر يۆنىلىش ئارمىيەسى، سىلەرنىڭ تۆھپە قوشقانلىقىڭلارنى تەبرىكلەيمەن، شۇنداقلا سىلەرنىڭ يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!»
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئىچكى موڭغۇل ئۇلانچاپ، 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)