ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2026-09-30 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، جەمئىيەت تىنچ، تەرتىپلىك بولغان ياخشى ۋەزىيەت تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، دۆلىتىمىز دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى تەڭ تۇتۇش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇنچىللىق تىرىكى، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، دۆلەت تېخىمۇ بىخەتەر، جەمئىيەت تېخىمۇ تەرتىپلىك، ئىدارە قىلىش تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، خەلق تېخىمۇ رازى بولۇش جەھەتلەرگە سىجىل كۈچەپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن ۋېنچىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى، يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر دۇنيانىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، «تىنچ - ئامان» بولۇش «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نىڭ روشەن بەلگىسىگە ئايلاندى، بۇ، نېگىزىدىن ئېيتقاندا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. بىز ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى تەڭ تۇتۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ شياۋخۇڭ خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، «تۆت تېخىمۇ» نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىدىيە ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئۇسۇل، ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، خىزمەت ئەندىزىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

يىغىندا، تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدىكى 60 ئۈلگىلىك شەھەر ۋە تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدىكى 160 ئۈلگىلىك ناھىيەگە ۋىۋىسكا تارقىتىلىپ نام بېرىلدى، تەقدىرلەنگەنلەر ۋەكىللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

جاڭ جۈن، يىڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.