پۈتۈن كۈچ بىلەن ئادەم ئىزدەش ـ قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2026-10-25 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ شىزاڭ ناچۈ شەھىرىنىڭ باچىڭ ناھىيەسىدە 7.0 بال يەر تەۋرىگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئادەم ئىزدەش ـ قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 10 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى سائەت 22دىن 33 مىنۇت ئەتراپىدا، شىزاڭ ناچۈ شەھىرىنىڭ باچىڭ ناھىيەسىدە 7.0 بال يەر تەۋرەپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىش كۆرۈلدى.

يەر تەۋرەش يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: شىزاڭ ناچۈ شەھىرىنىڭ باچىڭ ناھىيەسىدە 7.0 بال يەر تەۋرەپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىش كۆرۈلدى. پۈتۈن كۈچ بىلەن ئادەم ئىزدەش ـ قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ـ داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپەت يۈزبەرگەن رايون دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونغا جايلاشقان بولۇپ، ھاۋاسى سوغۇق، يەر تەۋرەش ئەھۋالى ۋە ھاۋارايى ئۆزگىرىشىنى يېقىندىن كۆزىتىپ ئۆلچەپ، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىشنى ئىلمىي يولغا قويۇپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنى يۆتكەشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇزۇلغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى جىددىي رېمونت قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپەت ئەھۋالىنى چىڭ تۇتۇپ تەكشۈرۈپ، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ۋە يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ـ داۋالاشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشكىللەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىشنى ئازايتىش كېرەك. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈزبەرگەن رايون دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونغا جايلاشقان ھەم بۇ رايوندا قالدۇق يەر تەۋرەش كۆپ يۈزبېرىدۇ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، يەر تەۋرەش ئىدارىسى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە يەر تەۋرەش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن مۆلچەرلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە لى چياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى ئەۋەتكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى نەق مەيدانغا بېرىپ، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى، شىزاڭ كۈچ تەشكىللەپ خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇردى. نۆۋەتتە، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەر جىددىي، تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە.