شى جىنپىڭ توگو مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى فولېي بىلەن كۆرۈشتى

2026-10-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ساۋ جيايۆ) 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن توگو مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى فولېي بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئورۇن بېكىتمىسىنى يېڭى دەۋر جۇڭگو - توگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - توگو ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆزلىرى بىۋاسىتە ئورناتقان، ئۇلى چوڭقۇر، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملىنىپ كەلگەن. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ھەمكارلىق رىشتىسىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، خەلقنىڭ چۈشىنىشى، ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ جانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى. جۇڭگو بىلەن توگونىڭ دوستانە ھەمكارلىق ئىدىيەسى ماس كېلىدۇ، ئىستىقبالى پارلاق. ئىككى تەرەپ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە قەتئىي تۈردە بىر - بىرىنى قوللىشى كېرەك. تاموژنا بېجى ئالماسلىق تەدبىرى جۇڭگونىڭ ئافرىقىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش، تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىغا كۈچ قوشۇشىنى كۆزدە تۇتقان ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، توگونىڭ تاموژنا بېجى ئالماسلىق ۋە جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلار «يېشىل يولى» قاتارلىق تەدبىرلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، رايون سودىسى، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق تۈگۈنلۈك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز دۆلىتى ۋە رايونىنىڭ تېخىمۇ كۆپ خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو تەرەپ توگونىڭ خەلق پۇلىنى چېگرا ھالقىپ ئىشلىتىشنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، توگو تەرەپ بىلەن يېڭى ئېنېرگىيە، رەقەملەشتۈرۈش - ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، توگونىڭ سانائەتلەشتۈرۈش مۇساپىسىگە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن توگونىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى مەيدانى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، رايون تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئافرىقىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ئاكتىپ قاتنىشىشى توغرىسىدا تۆت تۈرلۈك پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ئافرىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئافرىقا خەلقى ئافرىقىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى، رايون ئىشلىرىدا يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئىككىنچى، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداش كېرەك، ھەرقايسى قاتناشقۇچى تەرەپلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىشى، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئۈچىنچى، تىنچلىق ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك، ئۇرۇش ۋە يەككە تەرەپلىك چەكلەش دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ھەقىقىي ھەل قىلالمايدۇ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، كەڭ دائىرىدە كېڭىشىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا يول قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى يولغا قويۇش كېرەك، ھەم نۆۋەتتىكى خەۋپسىزلىكنى كۆزدە تۇتۇش، ھەم ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتنى پىلانلاش كېرەك.

فولېي مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا قالتىس تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇلغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، جۇڭگونىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى ۋە مۇۋەپپەقىيەت شىفىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندىم. توگو بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخ جەريانىدا مۇستەھكەملەندى. كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. توگو تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇزاققىچە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى توگو - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. توگو تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك قىلىشنى خالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ توگوغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن سودا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. توگو تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئافرىقىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ئاكتىپ قاتنىشىشى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم پىرىنسىپنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدۇ، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، دۇنياۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشتا جارى قىلدۇرغان مۇھىم رولىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق قوغداپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.