شى جىنپىڭ 2026 ـ يىللىق دۇنياۋى ئىدارە قىلىش مۇنبىرى (شيۇڭئەن)گە خەت ئەۋەتتى

2026-10-25 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 10 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2026 ـ يىللىق دۇنياۋى ئىدارە قىلىش مۇنبىرى(شيۇڭئەن)گە خەت ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى، خەۋپسىزلىك قىزىل رەقىمى، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى ئازايماستىن كۆپىيىۋاتىدۇ. مېنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمدىكى مەقسەت تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇشتىن ئىبارەت. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت دۇنياۋى ئىدارە قىلىش قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىشەنچ ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىگە قاراپ قەدەم تاشلاشنى خالايدۇ.

2026 ـ يىللىق دۇنياۋى ئىدارە قىلىش مۇنبىرى (شيۇڭئەن) شۇ كۈنى خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا باشلاندى، باش تېمىسى «ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىقنى قايتا بەرپا قىلىش: 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئىسلاھات ئارقىلىق دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» بولۇپ، جۇڭگو خەلق دىپلوماتىيە ئىلمىي جەمئىيىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.