شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېلگىيە پادىشاھى فىلىپ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 55 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن بېلگىيە ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇردى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مۇقىم تەرەققىي قىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىدا يارقىن نۇقتىلار ئارقا - ئارقىدىن نامايان بولۇپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. مەن جۇڭگو - بېلگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، پادىشاھ فىلىپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو - بېلگىيە ھەر تەرەپلىمە دوستانە ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.
فىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، بېلگىيە - جۇڭگو كەڭ دائىرىلىك، كۆپ خىل ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. رەئىس شى جىنپىڭ 2014 - يىلى بېلگىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، بۇ مەندە گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپ ئۆتكەن 55 يىل ئاساسىدا، داۋاملىق تۈردە ئوچۇق سۆھبەتنى ئالغا سىلجىتىدۇ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدۇ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بېلگىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن تەڭپۇڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۇنياۋى ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.