شى جىنپىڭ بىرۇنېي سۇلتانى خاسانئال بىلەن جۇڭگو - بىرۇنېي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2026-10-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرۇنېي سۇلتانى خاسانئال بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - بىرۇنېينىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملىنىپ كەلدى. ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە چوڭ - كىچىك دۆلەتلەر ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 35 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن بىرۇنېينىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. بۇلتۇر سۇلتان خاسانئال جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو - بىرۇنېي تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو - بىرۇنېي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سۇلتان خاسانئال بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - بىرۇنېي تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، رايوننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

خاسانئال مۇنداق بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 35 يىلدىن بۇيان، بىرۇنېي بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ كەلدى. 2025 - يىلى، ئىككى دۆلەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. مەن بىرۇنېي بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى رىشتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش، دۆلەت مۇداپىئەسى، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىككى دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.