شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ مادىسېنىڭ ئىستونىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2026-10-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈللې مادىسېغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئىستونىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىستونىيە ئەنئەنىۋى دوست. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى. مەن جۇڭگو - ئىستونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ مادىسې بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، بۇ يىل ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالاقىنى كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشنى خالايمەن.