شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ باش ۋالىيسى دادائىي ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى جۇڭگونىڭ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى رايونىدىكى ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى، ياخشى قېرىندىشى. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن بۇيان، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى نەتىجىلىرى مول بولدى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى سىجىل كېڭەيدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپلا قالماي، يەنە جۇڭگو بىلەن تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو بىلەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، باش ۋالىي دادائىي بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشنى خالايمەن.
دادائىي مۇنداق بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزدى. پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى جۇڭگو بىلەن بولغان ئۇزاق مەزگىللىك دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى زۇڭلىسى ماراپى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
ماراپى مۇنداق بىلدۈردى: پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان زور تۆھپىسىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى تەرەپ ئۇزاقتىن بۇيان چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.