شى جىنپىڭ سىچۇەن داشۆدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى
ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن، قۇرۇلۇش پەنلىرى، تېببىي پەنلەرنىڭ گىرەلەشمە يۇغۇرۇلۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشتا تىرىشىپ ئاۋانگارتلاردىن بولۇش، ئۈلگە كۆرسىتىش كېرەك
جاۋاب خەت
سىچۇەن داشۆدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا:
ياخشىمۇ سىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدۇم. سىچۇەن داشۆ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 130 يىللىقى پەيتىدە، بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، كەڭ مەكتەپداشلارنى تەبرىكلەيمەن!
دۆلەتنى قەلبكە پۈكۈش، غەربىي قىسىمدا يىلتىز تارتىش، مائارىپنى گۈللەندۈرۈپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش − سىچۇەن داشۆنىڭ ياخشى ئەنئەنىسى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، سىلەرنىڭ قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن، قۇرۇلۇش پەنلىرى، تېببىي پەنلەرنىڭ گىرەلەشمە يۇغۇرۇلۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشتا تىرىشىپ ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ
2026 - يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سىچۇەن داشۆدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، سىچۇەن داشۆ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 130 يىللىقى پەيتىدە، بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، كەڭ مەكتەپداشلارنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەتنى قەلبكە پۈكۈش، غەربىي قىسىمدا يىلتىز تارتىش، مائارىپنى گۈللەندۈرۈپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش − سىچۇەن داشۆنىڭ ياخشى ئەنئەنىسى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، سىلەرنىڭ قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن، قۇرۇلۇش پەنلىرى، تېببىي پەنلەرنىڭ گىرەلەشمە يۇغۇرۇلۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشتا تىرىشىپ ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
سىچۇەن داشۆنىڭ ئاساسى 1896 - يىلى قۇرۇلغان سىچۇەن جۇڭشى شۆتاڭى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب رايونىدا ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان ئالىي مائارىپ ئاپپاراتى. يېقىندا، سىچۇەن داشۆدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، مەكتەپنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش نەتىجىلىرىنى دوكلات قىلىپ، ۋەتەننىڭ غەربىي قىسمىدا يىلتىز تارتىپ، قەتئىي تۈردە مائارىپنى گۈللەندۈرۈپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.