باش شۇجى تەنتەنىلىك بىر بېلەت تاشلاپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ دېموكراتىيەنى ئەمەلدە كۆرسەتتى

2026-11-08 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ رايون ۋە يېزا ـ بازار ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىنىڭ بېلەت تاشلاش كۈنى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىچېڭ رايونى جۇڭنەنخەي سايلام رايونىدىكى خۇەيرېنتاڭ بېلەت تاشلاش پونكىتىدا رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش بېلىتى تاشلاشقا قاتناشتى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېلەت تاشلاش پونكىتىغا كېلىپ، سايلام ئىشلىرىغا ئالاقىدار چۈشەندۈرۈشنى تەپسىلىي ئاڭلاپ، سايلىغۇچىلىق گۇۋاھنامىسىنى خىزمەتچى خادىملارنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرۇپ، بىر ۋاراق سايلام بېلىتىنى ئېلىپ، سايلام بېلىتى تولدۇرۇش ئورنىدا سايلام بېلىتىنى ئەستايىدىل تولدۇرغاندىن كېيىن، بېلەت تاشلاش ساندۇقى ئالدىغا كېلىپ تەنتەنىلىك ھالدا ئۆزىنىڭ بىر بېلىتىنى تاشلىدى.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر قېتىملىق ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، پۇقرالار سايلاش ھوقۇقىنى ئەستايىدىل يۈرگۈزۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىم بېلەت تاشلاشقا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇش، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياخشى يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئاساسى، دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر كاتتا ئىش.»

خەلق دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ئۆز ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىقىدۇ، ئۇلار ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنى تەشكىللەيدۇ، خەلققە ۋاكالىتەن دۆلەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، بۇ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، شۇنداقلا دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى باشتىن ـ ئاخىر خەلقنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى.

خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك. دۆلىتىمىزدىكى بەش دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدە، ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. نۆۋەتتە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا، 1 مىلياردتىن ئارتۇق سايلىغۇچى ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ۋەكىلىنى بىۋاسىتە سايلاپ چىقىدۇ.

ھەربىر ۋاراق سايلام بېلىتىگە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى يۈكلەنگەن. دۆلەت رەھبىرىدىن ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغىچە، سايلامنىڭ كەڭ دائىرىلىكلىكى، مۇھىملىقى، چىنلىقى تولۇق نامايان بولدى.

2016 ـ يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىدا بېلەت تاشلاشقا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: سايلام خىزمىتىدە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تۈردە قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىپ، خەلقنىڭ سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ 2021 ـ يىلى بېلەت تاشلاشقا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: دېموكراتىك سايلام، دېموكراتىك كېڭىشىش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ بۇ يىل بېلەت تاشلاشقا قاتناشقاندا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق كۆرسەتتى: «پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، قەتئىي تۈردە قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش كېرەك».

ھەر قېتىم بېلەت تاشلاشقا قاتناشقاندا، باش شۇجى ھەممىسىدە سايلام خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ قېتىم ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سايلامنى پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، سايلام خىزمىتىدە يۆنىلىشنىڭ توغرا، ئىستىلنىڭ دۇرۇس، كەيپىياتنىڭ توغرا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، خەلق رازى بولىدىغان ۋەكىللەرنى سايلاپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

خەلق دېموكراتىيەسى سوتسىيالىزمنىڭ جېنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن ـ ئاخىر ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان شانلىق بايراق.

يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدىن ئىبارەت مۇھىم ئىدىيەنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق دېموكراتىيەسى تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشىغا تۈرتكە بولدى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى.

2021 ـ يىلى، پارتىيە تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى سىستېمىلىق، مۇپەسسەل بايان قىلدى؛

2024 ـ يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «بىز پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدىن ئىبارەت مۇھىم ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدۇق»؛

2026 ـ يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك»؛

...

نەزەرىيە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى، ئەمەلىيەت ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە مۇقەررەر يولى.

دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك: «بىز پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشنى پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسەت ـ تەدبىرلىرىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلىشىمىز، پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپ، ھەرقايسى قاتلام ـ دەرىجىلىك خىزمەتلىرىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلىشىمىز، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش خىزمىتىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلىشىمىز كېرەك.»

يېڭى مۇساپىدە، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى.

«تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» «پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ھەرقايسى ھالقىلىرىنىڭ ھەممىسىدە خەلقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدە چىڭ تۇرساق ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرساق، مۇقەررەر ھالدا بارلىق خەلقنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ ۋە قوزغىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغىلى، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى، خەلقنىڭ بەختىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)