شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 11 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «پەلەستىن خەلقىگە مەدەت بېرىش خەلقئارا كۈنى»نى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پەلەستىن مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ يادروسى. ھازىرقى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى يۆتكىۋەتمەسلىكى كېرەك. پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، ئاچقۇچ «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»دىن ئىبارەت توغرا يۆنىلىشنى نىشانلاپ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتا باشلىشىغا تۈرتكە بولۇش. «پەلەستىننى پەلەستىنلىكلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى ئىدارە قىلىش ۋە غەززەنى ئۇرۇشتىن كېيىن قايتا قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، پەلەستىنگە قارىتىلغان ھەرقانداق يەر ئىگىلەپ ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلىش قىلمىشىغا قارشى تۇرۇش كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت پەلەستىنگە مەدەت بېرىدىغان ئورتاق تونۇش ۋە ۋەدىنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، غەززەدە ئۇرۇشنى ئۇزاققىچە توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئادىللىق كىشىلەر قەلبىدە، ھەققانىيەت كەم بولسا بولمايدۇ. جۇڭگو ئىزچىل پەلەستىن خەلقىنىڭ مىللەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ھەققانىي ئىشلىرىنى قەتئىي قوللاپ كەلدى، داۋاملىق تۈردە خەلقئارا جەمئىيەتتىكى تىنچلىقنى قىزغىن سۆيىدىغان، ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرىدىغان بارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، خەلقئارا قانۇنچىللىقنى ئاساس قىلىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى نىشان قىلىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاققىچە ھەل قىلىنىشىغا ئەمەلىي تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ.