​پارتىيەنى قائىدە - نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنى پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي ئۇسۇل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى سىجىل يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2026-11-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى​

پارتىيەنى قائىدە - نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنى پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي ئۇسۇل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى سىجىل يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش كېرەك

​سەي چى مەملىكەتلىك پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى قائىدە - نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇملۇق ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلىدى ۋە ئالغا سىلجىتتى، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشى پۇختا، كۈچلۈك بولدى، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. يېڭى مۇساپىدە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋر پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى قائىدە - نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنى پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي ئۇسۇل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى چىڭ كۆزلەپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى سىجىل يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تۈزۈمنى سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تۈزۈمنى ئۆگىنىش ۋە تۈزۈم بويىچە تەربىيەلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزاملار بىلەن دۆلەتنىڭ قانۇن - نىزاملىرىنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تېخىمۇ كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

مەملىكەتلىك پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام خىزمىتى يىغىنى 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

سەي چى سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. بىز چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز ۋە ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

سەي چى مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنى تۈزۈم بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قائىدە - نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنى تۈزۈم بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قائىدە - نىزام بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نېمە ئۈچۈن پارتىيەنى قائىدە - نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرىمىز، پارتىيەنى قائىدە - نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشتا قانداق چىڭ تۇرىمىز قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى مۇھىم قوللانمىغا ئىگە قىلدى.

سەي چى مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى تۈزۈم بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قائىدە - نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلاندۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى قائىدە - نىزام بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى ئارقىلىق پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشنى دەل جايىدا، ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي - قېلىپلاشقان، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك بولغان پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام، تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام، تۈزۈمنىڭ قاتتىق چەكلىمىسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام، تۈزۈمنى ئۆگىنىش ۋە پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام، تۈزۈم بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزامنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزامنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى تەيفېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، لى گەنجيې، لى شۇلېي يىغىنغا قاتناشتى.

ئالاقىدار تارماقلار ۋە جايلاردىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، شەھەرلىك ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتى، مەركەز ئورگانلىرى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەز باشقۇرىدىغان پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى ۋە بىر قىسىم مەركەز كارخانىلىرى، ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.