شى جىنپىڭ
يولداشلار:
مەن مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «قارار» دېيىلىدۇ)نى تەييارلاشقا ئالاقىدار ئەھۋاللار ھەققىدە ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بېرىمەن.
1. ئومۇمىي يىغىننىڭ قارالمىلىرىنى بېكىتىش توغرىسىدىكى ئويلىنىش
پارتىيە قۇرۇلۇشى پارتىيەنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشىغا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا تاقىلىدۇ. بۇ يىل پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىشنى قارار قىلدى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي ئورنىنى ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقىنى كۆزدە تۇتۇپ، پەيتنى پەملەپ ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئەتراپلىق ئويلىشىپ چىقارغان زور تەدبىر.
بىرىنچى، بۇ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاش، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. تىنچلىقتىن قالايمىقانلىشىپ - گۈللىنىشتىن خارابلىشىپ كېتىدىغان تارىخىي دەۋرىيلىكتىن قانداق قۇتۇلۇش پارتىيەمىز ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ياخشى جاۋاب بېرىش شەرت بولغان تۈپ مەسىلە. بۇ ھەقتە، ئەينى يىللاردا يولداش ماۋ زېدۇڭ يەنئەندىكى گەمىدە «ھۆكۈمەتنى خەلققە نازارەت قىلدۇرۇش»تىن ئىبارەت بىرىنچى جاۋابنى بەرگەن، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتى داۋامىدا «ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش»تىن ئىبارەت ئىككىنچى جاۋابنى تېپىپ چىقتۇق. پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنىڭ پىچاق بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇشى، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئۆزىنى يېڭىلىشى، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قاتتىق ئېنىقلىمىسى بار. 100 نەچچە يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش تارىخىي مۇساپىسىدە، پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىشقا ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دادىللىق بىلەن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىپ، ئۆز كۈچىگە ۋە خەلقنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز قۇدرەت تاپتى، يۈز يىللىق چوڭ پارتىيە ھاياتىي كۈچكە، غەيرەت - جاسارەتكە تولدى.
ئۆز نۆۋىتىدە، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش − ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيەمىز قوشۇنىدا قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتىن كېيىن تۇغۇلغان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ نىسبىتى بارغانسېرى ئېشىپ، تەربىيەلەش، باشقۇرۇشقا يېڭى تەلەپلەرنى قويدى. پارتىيە قوشۇنىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى ياخشى، بىراق پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، پارتىيەنىڭ ساپلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان مەسىلە ۋە يوشۇرۇن خەۋپلەر يەنىلا ئاز ئەمەس، بولۇپمۇ ئىدىيە ساپ بولماسلىق، تەشكىل ساپ بولماسلىق، ئىستىل ساپ بولماسلىق مەسىلىلىرى تېخى تۈپتىن ھەل بولغىنى يوق، بەزى يېڭى مەسىلىلەر يەنە ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىلەر ۋە خىرىسلار ئالدىدا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىنى چىرىتىدىغان ۋىرۇسلارنى ئۈزلۈكسىز تازىلىغاندىلا، پارتىيەنىڭ ماھىيىتىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، خىسلىتىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، خاراكتېرىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى، قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى، بۇ، پۈتۈن پارتىيە يۈكسەك دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشقان، بىرلىككە كەلگەن، پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايى يۈكسەك دەرىجىدە مۇجەسسەملەنگەن ياخشى سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىرمەھەل كۆرۈلگەن پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىزلىشىش، مەۋھۇملىشىش، سۇسلىشىش، پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش قاتتىق بولماسلىق، ئەمەلىي بولماسلىق، كۈچلۈك بولماسلىق، پارتىيە ئىچىدىكى بەزى مەسىلىلەر كىشىنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىگە يېتىشتىن ئىبارەت كەسكىن رېئاللىققا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، قەتئىي ئېغىشماي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى سىجىل ھەل قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش كەڭ، بوش، يۇمشاق بولۇش ئەھۋالىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئۇزاقتىن بۇيان توسۇلمىغان بەزى ناتوغرا خاھىشلارنى توسۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان يوقىتىلمىغان بەزى جاھىل ئىللەتلەرنى تۈزەپ، پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا ساقلىنىۋاتقان ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگەتتى، پارتىيەمىز ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى ۋە كۈچەيدى. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتە يېڭى ھالقىش ئىشقا ئاشتى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنىڭ ئىزچىللىشىشى كۈچلۈك بولدى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىدىن ئىبارەت پولاتتەك ئىنتىزام سۈر - ھەيۋىسىنى كۆرسەتتى، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىدى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ سالمىقى مىسلىسىز، ئۈنۈمى ھەممىگە ئايان بولدى، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام، تۈزۈم سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىدە ھەرىكەت ۋە ئۈنۈم كۆرۈلدى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا مول تەجرىبىلەر توپلىنىپ، يۈز يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش يېڭى مەنزىلى ئېچىلدى، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايى يۈكسەك دەرىجىدە مۇجەسسەملەندى.
بۇ ياخشى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ قولغا كېلىشى ئاسانغا توختىمىدى، پۈتۈن پارتىيە ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشى، ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى شەرت. بۇ بىزدىن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قىممەتلىك تەجرىبىلىرىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى قوللىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكلەش ئىقتىدارى، ئاممىنى تەشكىللەش ئىقتىدارى، ئىجتىمائىي چاقىرىق ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مەڭگۈ خەلقنىڭ چىن ھىمايىسىگە ئېرىشىشىگە، باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئۈچىنچى، بۇ، پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئالدىنقىلار قىلىپ باقمىغان ئىجادىي ئىش. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كېلىپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ھاسىل قىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى مىسلى كۆرۈلمىگەن شەكىلدە داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئىلگىرىلەش يولىمىزدا كۆپ خىل خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىمىز. خەلقئارادىن قارىغاندا، دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز راۋاجلىنىۋاتىدۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىدە تېز بۆسۈش ھاسىل بولۇۋاتىدۇ، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسى چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتىدۇ، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىرىپ، تاشقى مۇھىتتا ئېنىقسىز، مۆلچەرلەش قىيىن ئامىللار كۆپىيىۋاتىدۇ. دۆلەت ئىچىدىن قارىغاندا، 40 نەچچە يىللىق ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولغان بولسىمۇ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى ھېلىھەم گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش ئويلىشىش، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ۋە كۈچەيتىش قاتارلىقلار بىرمۇنچە يېڭى تېمىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، شۇنداقلا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا. چىگىش، مۇرەككەپ ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەت ۋە ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپىسى ئالدىدا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشتا، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئۈچ جەزمەن»نى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ مۇنەۋۋەر ئالاھىدىلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەمىزنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز شەرت.
2. «قارار» ئارگىنالىنى تەييارلاش جەريانى توغرىسىدا
بۇ يىل 1 - ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسىنى قۇردى، مەن گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۈستۈمگە ئالدىم، يولداش ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، لى شى مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالدى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، شۇنىڭدەك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار جايلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى، گۇرۇپپىمىز مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىمىز 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ھۆججەت تەييارلاش خىزمىتىنى رەسمىي باشلىدۇق.
ھۆججەت تەييارلاش جەريانىدا، تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بەردۇق.
بىرىنچى، يېڭى دەۋر پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردۇق. يېڭى دەۋر پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى − يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى قىسمى، شۇنداقلا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىسى ۋە كوللېكتىپ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. «قارار» ئارگىنالىنى تەييارلاشتا، يېڭى دەۋر پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆججەت رامكىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇۋەپپەقىيەت ۋە تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش، ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى تەھلىل قىلىش، يېتەكچى ئىدىيە ۋە پىرىنسىپلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش جەھەتلەردە بۇ ئىدىيەنىڭ تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى تولۇق تەتبىقلاپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش - پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ توغرىلىرىنى ساقلاش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىشى، ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا راۋاجلىنىشىغا كۈچەپ تۈرتكە بولدۇق.
ئىككىنچى، بۇرچ ۋە ۋەزىپە ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇق. پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بويسۇنۇش - خىزمەت قىلىش ئەزەلدىن پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى بولۇپ كەلدى. «قارار» ئارگىنالىنى تەييارلاشتا، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى سەپەردىكى پارتىيەنىڭ بۇرچ - ۋەزىپىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش - پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش بىلەن قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىچكى باغلىنىشىنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پىلانلاپ ئوتتۇرىغا قويغان تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەشكە، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشقا دائىر ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ھەممىسىدە مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.
ئۈچىنچى، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇردۇق. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى قاتتىق بولۇشتا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشتا ئىزچىل بولۇش، ئاخىرغىچە قاتتىق بولۇش شەرت. «قارار» ئارگىنالىنى تەييارلاشتا، پارتىيە قۇرۇلۇشىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئۆلچىمى قاتتىق بولۇش، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش قاتتىق بولۇش، ناچار ئىستىل ۋە چىرىكلىك ھادىسىلىرىنى تۈزەش تەدبىرلىرى قاتتىق بولۇش، پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتتىق بولۇش تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بارغانسېرى قاتتىق بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت كۈچلۈك سىگنالنى ئېنىق بەردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن ئوبدان كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەك قويۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم قاتتىق بولۇشنىڭ جايىدا بولۇشى، چەك قويۇشنىڭ جايىدا بولۇشىنى، ھەم پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.
تۆتىنچى، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈردۇق. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش پارتىيە ئىچىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشتا، ھازىرقى نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەش ئاساسىدا يېڭى ئەھۋاللارنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىش، يېڭى مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىش شەرت. «قارار» ئارگىنالىنى ئاچقۇچلۇق نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرگەن ھالدا پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇردۇق. پىكىر يولى ۋە تەدبىرلەرنى پىلانلاشتا قانداق مەسىلە بولسا شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش، قايسى مەسىلە گەۋدىلىك بولسا شۇ مەسىلىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى دەل جايىدا تېپىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ دەلىللەپ، قاراتمىلىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.
بەشىنچى، سىستېمىلىق قاراشنى كۈچەيتتۇق. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىش بىر سىستېمىلىق قۇرۇلۇش، شۇڭا پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشى ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى قاتارلىقلارنى ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى كۈچەپ تاكامۇللاشتۇرۇش شەرت. «قارار» ئارگىنالىنى تەييارلاشتا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىپ كۈچەش، تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنى جىپسىلاشتۇرۇپ يۈرۈشلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرى تۆۋەننى يېتەكلەش، نۇقتا بىلەن دائىرىنى بىرلەشتۈرۈش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرى - تۆۋەن تۇتاشتۇرۇلغان، سىستېما - بۆلەك بىرلەشتۈرۈلگەن، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئاشۇردۇق.
ھۆججەت تەييارلاش جەريانىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دېموكراتىيەنى تولۇق ئەۋج ئالدۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالدى. 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارالمىسى توغرىسىدا جايلار، تارماقلاردىن پىكىر ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 16 ئورۇنغا 23 نۇقتىلىق تېمىنى تەتقىق قىلىشنى ھاۋالە قىلدى. 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، مەن شاڭخەيدە رىياسەتچىلىك قىلىپ سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، بىر قىسىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدىم. 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، «قارار» ئارگىنالىنى پارتىيە ئىچىدە بەلگىلىك دائىرىدە تارقىتىپ پىكىر ئالدۇق، جۈملىدىن پارتىيە ئىچىدىكى قىسمەن پېشقەدەم يولداشلاردىن پىكىر ئالدۇق، يەنە دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىدىن مەخسۇس پىكىر ئالدۇق.
ھەرقايسى تەرەپلەر بىردەك مۇنداق قارىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىش مۇھىم ئىشىنى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىشنى قارار قىلغانلىقى پارتىيەمىزنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى يۈكسەك سەگەكلىكى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. «قارار» ئارگىنالىدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىلدى، بۇ جەزمەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ قالىدۇ، ئۇ يېڭى دەۋردە پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش - پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يارىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرقايسى تەرەپلەر نۇرغۇن ياخشى پىكىر - تەكلىپلەرنى بەردى، ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىمىز بىرمۇبىر مۇھاكىمە قىلىپ، قوبۇل قىلىشقا بولىدىغانلىرىنى ئىمكانقەدەر قوبۇل قىلدۇق.
«قارار» ئارگىنالىنى تەييارلاش مەزگىلىدە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 3 قېتىم، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى 2 قېتىم يىغىن ئېچىپ قاراپ چىقىپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان «قارار» ئارگىنالىنى شەكىللەندۈردى.
3. «قارار» ئارگىنالىنىڭ ئاساسىي رامكىسى ۋە ئاساسلىق مەزمۇنى توغرىسىدا
«قارار» ئارگىنالى باش سۆز ۋە ئاخىرقى سۆزدىن باشقا ئۈچ چوڭ بۆلەككە بۆلۈندى.
1 - بۆلەك ئومۇمىي بايان بولۇپ، بۇنى 1 - قىسىم قىلدۇق. بۇ بۆلەكتە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكى ۋە ئومۇمىي تەلىپىنى بايان قىلدۇق، بۇ جەمئىي 5 جەھەتتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى، پارتىيەمىزنىڭ 100 نەچچە يىلدىن بۇيان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ئۈزلۈكسىز غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىگەنلىكىدىن ئىبارەت شانلىق مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتۇق. ئىككىنچى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى خۇلاسىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى بايان قىلدۇق. ئۈچىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى خىرىسنى تەھلىل قىلدۇق. تۆتىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بەشىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشتا ئەمەل قىلىدىغان 7 پىرىنسىپنى ئىزاھلىدۇق.
2 - بۆلەك خاس بايان بولۇپ، 2 - قىسىمدىن 8 - قىسىمغىچە بولغان مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ بۆلەكتە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە زور تەدبىرلەرنى ئورۇنلاشتۇردۇق. بۇنىڭ ئىچىدە، 2 - قىسىم «كوممۇنىستلارنىڭ پارتىيەۋىلىكىنى كۈچەيتىش» بولۇپ، بۇنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تۈپ ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق پارتىيەۋىلىكنى ئوزۇقلاندۇرۇش، ئەمەلىيەت داۋامىدا پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش، پارتىيەۋىلىكنى ئىنچىكە پەرقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت 5 جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرما قىلدۇق. 3 - قىسىم «دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش» بولۇپ، بۇنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئىچكى تەلىپى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش قائىدىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، «بىرىنچى باشلىق»نىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشى، ھوقۇق يۈرگۈزۈشىنى قېلىپلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت 4 جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرما قىلدۇق. 4 - قىسىم «مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىش» بولۇپ، بۇنىڭدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇشتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئادەم ئىشلىتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، ئادەمنى دەل جايىدا، ئىلمىي تاللاش - ئىشلىتىش، كادىرلارنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇشى ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولۇش، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىش، نەتىجە يارىتىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش، مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كادىرلارنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت 6 جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرما قىلدۇق. 5 - قىسىم «يۇقىرى - تۆۋەن تۇتاشتۇرۇلغان، ئىجراسى كۈچلۈك بولغان پۇختا تەشكىلىي سىستېما بەرپا قىلىش» بولۇپ، بۇنىڭدا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مەركىزىي كومىتېت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىش، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش، يېڭى گۈللىنىۋاتقان ساھەلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇش، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنى تۇتاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت 6 جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرما قىلدۇق. 6 - قىسىم «قىلچە بوشاشماي ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش» بولۇپ، بۇنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى كۈچلۈك تەدبىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىش، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىشىشى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىش، ئىنتىزامنىڭ تەربىيەلەش، چەك قويۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى ئۇنىۋېرسال جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت 5 جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرما قىلدۇق. 7 - قىسىم «چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان قىلىشنى قەتئىي ئېغىشماي بىر گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىش» بولۇپ، بۇنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاساسىي فاڭجېنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاش، ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە چەك قويۇش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، پاكلىقنى قەدىرلەپ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاش، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان قىلىشنى بىر گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت 4 جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرما قىلدۇق. 8 - قىسىم «پارتىيەنى تۈزۈم بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قائىدە - نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش» بولۇپ، بۇنىڭدا پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىرى، تۈپ تەدبىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام، تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۈزۈمنىڭ ئىجرا كۈچىنى ئاشۇرۇش، يوشۇرۇن قائىدىنى زور كۈچ بىلەن بۇزۇپ تاشلاشتىن ئىبارەت 3 جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرما قىلدۇق.
3 - بۆلەك پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ بۆلەكتە مۇشۇ ئىككى جەھەتتە ئايرىم - ئايرىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدۇق.
يولداشلار، «قارار»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش بۇ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى. كۆپچىلىك ئەستايىدىل مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىپ، ئىجابىي پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بېرىپ، بىرلىكتە بۇ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىننى ياخشى ئاچايلى، «قارار» ئارگىنالىغا ياخشى تۈزىتىش كىرگۈزەيلى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)