لى چياڭ ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېزغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىسپانىيەدە يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز سوڭدىشىپ رېلىستىن چىقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ − 6گە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىسپانىيەنىڭ تولېدو ئۆلكىسىدە بەختكە قارشى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز سوڭدىشىپ رېلىستىن چىقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈزبېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.
شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېزغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.