شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭتۇڭى زەردارى بىلەن جۇڭگو - پاكىستان ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بىرلەشمە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2026-11-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭتۇڭى زەردارى بىلەن جۇڭگو - پاكىستان ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بىرلەشمە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: پاكىستان ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ جۇڭگونىڭ شېنجوۋ ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ تۇنجى قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرىپ، جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ تۇنجى چەت ئەللىك ئالەم ئۇچقۇچىسى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ خۇشال بولدۇم، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، دۆلىتىڭلار ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ھەم ئالەم قاتنىشى خىزمەتچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلار. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 75 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇقى باشتىن - ئاخىر ئۇيۇل تاشتەك چىڭ، مۇستەھكەم بولدى. ئىككى دۆلەت ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشى جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنىڭ جانلىق نامايەندىسى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى مۇھىم نەتىجىسى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتى − تىنچلىق كېمىسى، دوستلۇق كېمىسى، ھەمكارلىق كېمىسى. جۇڭگو پاكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، تاشقى ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ پايدىلىنىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئالەم قاتنىشى خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاشقى ئالەم بوشلۇقىنى دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاشقى ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش نەتىجىلىرىدىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.

زەردارى مۇنداق بىلدۈردى: پاكىستان بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 75 يىل بولغان پەيتتە، پاكىستان بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت تارىخىي خاراكتېرلىك ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى، پاكىستاننىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى جۇڭگونىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا كىردى. مەن پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە قېرىنداشتەك جۇڭگو خەلقىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ قېتىمقى ھەمكارلىق جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكىسىنىڭ قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلدى، جۇڭگونىڭ تاشقى ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ پايدىلىنىشقا كۈچ چىقىرىشتىكى قەتئىي مەيدانىنى نامايان قىلدى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى نامايان قىلدى، بۇ جەزمەن پاكىستان - جۇڭگو دوستلۇقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.