شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پېرۇ زۇڭتۇڭى تېڭسېن چىڭزى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پېرۇ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 55 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - پېرۇ مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى. ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى مۇستەھكەملەندى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. جۇڭگو تەرەپ پېرۇ تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېلىشىمنامىسى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى، ئىشىنىمەنكى، بۇ، جۇڭگو - پېرۇ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. مەن جۇڭگو - پېرۇ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ تېڭسېن چىڭزى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو - پېرۇ مۇناسىۋىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
تېڭسېن چىڭزى مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت دوستلۇق، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ۋە ھەمكارلىقنىڭ مۇستەھكەم رىشتىنى ئورتاق بەرپا قىلدى. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىدىن ئۈزلۈكسىز ئوزۇق ئېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى رامكىسىدا ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، كېڭەيدى. پېرۇ تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ ھەمدە جۇڭگو تەرەپ بىلەن سىياسىي سۆھبەت ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى خالايدۇ.