جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

2026-11-01 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارىغا پىكىر ئېلىندى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

​شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى​

ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، لى شى قاتناشتى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى توغرىسىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش شەرت، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا ئالدى بىلەن پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش شەرت. قانچە ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنسېرى، خاتىرجەم كۈنلەر قانچە ئۇزاققا سوزۇلغانسېرى، مۇھىت قانچە مۇرەككەپلەشكەنسېرى، كۈلپەت ئېڭىنى شۇنچە كۈچەيتىپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ - خەتەرنى ئويلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، لى شى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىدا، گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېڭ جيەنباڭ، دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىس خې ۋېي، ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جياڭ زوجۈن، 3 - سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى لى ۋېي ئىلگىرى - كېيىن سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارىنىڭ ئارگىنالىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم بىردەك مۇنداق قارىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنىڭ يېڭى مەنزىلى ئېچىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى، پارتىيە ۋە خەلق پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ تارىخىي تەشەببۇسكارلىقىنى قولغا كەلتۈردى. كۆپچىلىك يەنە شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىش، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش، سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، خەلق نازارەتچىلىكى بىلەن پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىغا ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەشكە تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈپ باھالاش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇش، كادىرلارنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە بولغان چەكلىمە ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، يېڭى دەۋردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى كەڭ تەشۋىق قىلىش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ مۇھىم ھۆججەتلىرى ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم فاڭجېن - سىياسەتلىرى توغرىسىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى، بۇ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى، بولۇپمۇ سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. بۇ يىل 2 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىگە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلاردىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى توغرىسىدا مەخسۇس پىكىر ئېلىشنى ھاۋالە قىلدى. كۆپچىلىك بايا قىلغان سۆزىدە ناھايىتى ياخشى پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىز ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلىمىز. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە رەھمەت ئېيتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدە، ئاچقۇچى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتتۇق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى ۋە كۈچەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىشنىڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش نۇرغۇن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، پارتىيەنىڭ بۇرچ، ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، ھەقىقىي تۈردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى ياخشى ئىدارە قىلىش، كۈچلۈك قۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشتا پارتىيە ئىچىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى سىجىل ھەل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەھۋالىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەتنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تولۇق تەھلىل قىلىپ، يېڭى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك، ئەسقاتىدىغان چارە - تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، ئالدى بىلەن مەۋقەنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆز كۈچىگە قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ يەنە خەلقنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، خەلقنىڭ نازارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئاممىنىڭ تەنقىدىنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن سىستېما تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈش، ئومۇملۇقنى كۆزلەپ پىلانلاش، پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى دەۋر پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامىنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ، ئادەمنى باشقۇرۇش، ئىشنى باشقۇرۇش، ھوقۇقنى باشقۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش، ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. يۇقىرى تۆۋەننى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلاردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ، قاتتىق تۇتۇپ، تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يالغۇز قالغاندا، دەسلەپتە، كىچىك ئىشلاردا ئېھتىياتچان بولۇش، ئۆزىنى قەدىرلەش، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇش، ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ يېڭىچە پارتىيەلەر تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ئورتاق ئىدىيەۋى، سىياسىي ئاساسنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، پائال تەكلىپ بېرىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياخشى مەسلىھەتچىسى، ياخشى ياردەمچىسى، ياخشى خىزمەتدىشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يىن لى، شى تەيفېڭ، لى گەنجيې، لى شۇلېي، لى خۇڭجۇڭ، خې لىفېڭ، چېن ۋېنچىڭ، ليۇ جىنگو، ۋاڭ شياۋخۇڭ، جاڭ شېڭمىن، ۋۇ جېڭلۇڭ، مۇ خۇڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلاردىن يەنە شاۋ خۇڭ، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن ۋە جاڭ ئېندى، ئەن لىجيا، ۋۇ چېن قاتارلىقلار بار.