كەڭ كۆلەمدە قوغداش، كەڭ كۆلەمدە ماسلىشىش ئەندىزىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ بۇ ئانا دەريانى بارغانسېرى گۈزەللەشتۈرۈش كېرەك

2026-11-04 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش، ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

كەڭ كۆلەمدە قوغداش، كەڭ كۆلەمدە ماسلىشىش ئەندىزىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ بۇ ئانا دەريانى بارغانسېرى گۈزەللەشتۈرۈش كېرەك


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش، ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ خۇاڭخې دەرياسىنى 80 يىل ئىدارە قىلىپ، تارىختىكى «ئۈچ يىلدا ئىككى قېتىم يار ئېلىپ كېتىش» ئەھۋالىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، يىل بويى تىنچ ئېقىش مۆجىزىسىنى يارىتىپ، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئىدارە قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك تەلەپنى پۇختا ئىگىلەپ، سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش، ئىككى قولدا كۈچەشتىن ئىبارەت سۇنى ئىدارە قىلىش پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە قوغداش، كەڭ كۆلەمدە ماسلىشىش ئەندىزىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، خۇاڭخې مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ بۇ ئانا دەريانى بارغانسېرى گۈزەللەشتۈرۈپ، مەڭگۈ جۇڭخۇا مىللىتىگە بەخت يارىتىدىغان، ئەۋلادلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان قىلىش كېرەك.

خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش، ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يىغىنى 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خېنەننىڭ جېڭجوۋدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ گوجۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، جەزمەن چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق ياخشى تۇتۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئىدارە قىلىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىپ، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، سۇ تورى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش تەڭشەش - تەقسىملەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سۇ ئېكولوگىيە مۇھىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، خۇاڭخې مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش، ئىدارە قىلىش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك.

يىغىندا پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ خۇاڭخې دەرياسىنى ئىدارە قىلغان 80 يىلدىكى ئالاقىدار ئەھۋال ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. چىڭخەي ئۆلكىسى، گەنسۇ ئۆلكىسى، خېنەن ئۆلكىسى، شەندۇڭ ئۆلكىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىندا سۆز قىلدى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.