شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېن شىن، ۋۇ يۆ) 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا خىزمەت زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى پارمېلىن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىۋېيتسارىيە جۇڭگونىڭ ياۋروپادىكى مۇھىم ھەمراھى، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا باشتىن - ئاخىر ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ كەلدى. يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق تەتۈر ئېقىمى ئەۋج ئالغان بۈگۈنكى كۈندە، ئەركىن سودا ھەمكارلىقى جۇڭگو - شىۋېيتسارىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ يارقىن نام كارتىسىغا ئايلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇشتىكى سىياسىي جاسارىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، ئىككى تەرەپنىڭ ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئالاھىدە يېتەكچىلىك رولىنى نامايان قىلدى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئورتاق يۈكسىلىدۇ، بېكىنمىچىلىك ھەممىنى چېكىندۈرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ شىۋېيتسارىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەمكارلىق رىشتىنى چىڭىتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىرلىكتە جۇڭگو − ياۋروپا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى ۋە دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا قىممەتلىك ئىشەنچ ۋە تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق قوشۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن شىۋېيتسارىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دادىل باشلامچى بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق «باراۋەر بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش، ئورتاق پايدا ئېلىش»تىن ئىبارەت جۇڭگو - شىۋېيتسارىيە ھەمكارلىقى روھىنى ئىزاھلاپ، ئوخشاش بولمىغان چوڭ - كىچىك دۆلەتلەر، ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشىدىكى ئۆرنەك بولۇپ قالدى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە سىياسەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇشىنى ھەر تەرەپلىمە كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى پۇختا كېڭەيتىۋاتىدۇ، جۇڭگو بازىرىنى دۇنيانىڭ بازىرى، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان بازار قىلىپ بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش پىلانىنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان ئەمەلىي مەنزىرىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل ئېنېرگىيە ساقلاش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان، مەنپەئەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى يۈكسەلدۈرۈپ ياخشى ئىشلارغا ئىشلىتىش، ئىنسانلارغا بەخت يارىتىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىۋېيتسارىيە ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو − ياۋروپا ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىدە مۇھىم، ئۈلگىلىك رول ئويناپ كەلدى، شىۋېيتسارىيە تەرەپ ئۆزىگە خاس تەسىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو − ياۋروپا سودىسىنىڭ يۈكسىلىپ تەڭپۇڭ، پۇختا تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا پائال رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو - شىۋېيتسارىيە ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ تەرەپچىلىكنى قوللاش مەيدانى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئىدىيەسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىش ۋە ئۆزئارا قوللاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
پارمېلىن مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى جۇڭگونى ئەڭ بۇرۇن ئېتىراپ قىلغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىۋېيتسارىيە بۇنىڭدىن ئىزچىل چوڭقۇر پەخىرلىنىپ كەلدى، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھەم ھاياتىي كۈچكە باي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى باشلىدى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، قويۇق يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، سودا ۋە سېلىنما، پەن تەتقىقات ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمگەك ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەدە مول ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ يىل شىۋېيتسارىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، ئىككى تەرەپ ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سۆھبىتىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، ئىككى تەرەپنىڭ يۈكسەك ئۆزئارا ئىشىنىشىنى نامايان قىلدى، بۇ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرى ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولۇپ، شىۋېيتسارىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. شىۋېيتسارىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان سۆھبەتلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شىۋېيتسارىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا جارى قىلدۇرغان ئاكتىپ رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ماسلىشىپ، كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئەركىن سودىنى قوغداپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ۋە تىنچلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - شىۋېيتسارىيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېلىشىمنامىسى ۋە پەن تەتقىقات، ئەمگەك - ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.
ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.