شى جىنپىڭ ئاۋسترالىيەلىك ياش ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇردى

2026-11-08 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 10 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاۋسترالىيەلىك 110 ياش ئوقۇغۇچىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى جۇڭگو ـ ئاۋسترالىيە دوستلۇق ئىشلىرىغا داۋاملىق پائال قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: سىلەرنىڭ يېقىندا جۇڭگوغا كېلىپ «جۇڭگو ـ ئاۋسترالىيە ياشلار (داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى) قولۋاق مۇسابىقىسى ھەم لۇڭجوۋ قولۋىقى دوستلۇق مۇسابىقىسى»گە قاتنىشىپ، جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىر مەيداندا مۇسابىقىلىشىپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىغان دوستلۇق ئورنىتىپ، گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغانلىقىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ، ناھايىتى سۆيۈندۈم.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ دوستلۇق ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كېلەچىكى ياشلاردا. سىلەرنىڭ جۇڭگو ـ ئاۋسترالىيە دوستلۇق ئىشلىرىغا داۋاملىق پائال قاتنىشىپ، جۇڭگو ـ ئاۋسترالىيە دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ ۋارىسلىرىدىن بولۇپ، جۇڭگو ـ ئاۋسترالىيە دوستلۇقىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشىڭلارنى، ئۈزۈلدۈرمەي يەتكۈزۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

يېقىندا، سىدنېي داشۆ قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن ئاۋسترالىيەلىك 110 ياش ئوقۇغۇچى بىرلىكتە رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى ئالبانېسقا خەت يېزىپ، جۇڭگوغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەتتە بولۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش كەچۈرمىشىنى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيىتى، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا بولغان قايىللىقىنى ۋە جۇڭگو ـ ئاۋسترالىيە دوستلۇقىنى يەتكۈزۈش، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاكتىپ ئارزۇسىنى بىلدۈردى.