شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋېن شىن) 11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئاۋسترىيە زۇڭلىسى سىتوككېل بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئاۋسترىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش روھىغا ئەمەل قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي بەخت ـ سائادەت ئېلىپ كەلدى. ئىشەنچ ۋە دوستلۇق جۇڭگو ـ ئاۋسترىيە مۇناسىۋىتىنىڭ قىممەتلىك ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئىجتىمائىي تۈزۈم، تارىخىي مەدەنىيەت، تەرەققىيات باسقۇچىدىكى پەرقلەردىن ھالقىغان. ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىدە ئاكتىپ ۋەزىيەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ گۇماننى تۈگىتىپ، كەلگۈسى ھەمكارلىق ئۈچۈن پۇختا سىياسىي ئاساس سېلىشى كېرەك. جۇڭگو «15 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ، يەنە مۇلازىمەت كەسپىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىدۇ. «جۇڭگو پۇرسىتى 2.0» بازار پايدىسىنى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە يېڭىلىق يارىتىش پايدىسى ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئاۋسترىيە تەرەپ بىلەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىقتىساد ـ سودىنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى موتورنى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو ـ ئاۋسترىيە دوستلۇقى كەڭ ئىجتىمائىي ئاساسقا ئىگە، ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، خادىملارنىڭ بېرىش ـ كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بارغانسېرى يېقىن ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت قىلماقتا. جۇڭگو ـ ئاۋسترىيە ئىككى دۆلەت ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەركىن سودىنى قوللاپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىۋاتقان جۇڭگو ياۋروپا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ مەنبەسى ئەمەس، بەلكى ياۋروپانىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدىغان ھەمراھ ۋە سەپەرداش. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا دىققەتنى ھەمكارلىق ساھەلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سۆھبەتلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق ئىقتىساد ـ سودا سۈركىلىشىنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
سىتوككېل مۇنداق بىلدۈردى: ئاۋسترىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 55 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن ـ ئاخىر بىر ـ بىرىگە ئىشىنىپ، بىر ـ بىرىنى قوللاپ كەلدى. ئاۋسترىيە تەرەپ ئاۋسترىيە ـ جۇڭگو دوستانە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ يىللاردىن بۇيان ئورناتقان ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ ئاساسىدا، سودا، مەبلەغ سېلىش، پەن ـ تېخنىكا، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئاۋسترىيە تەرەپ ياۋروپا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال قوللايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ سەمىمىي سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئىقتىساد ـ سودا ئىختىلاپىنى ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاۋسترىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپچىلىكتە ئورتاق چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.