شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىدا بېلەت تاشلاشقا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى
پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان ۋەكىللەرنى سايلاپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ، خۇ جىنتاۋ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق سايلام رايونىدا بېلەت تاشلاشقا قاتناشتى ياكى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ بېلەت تاشلىدى

11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىچېڭ رايونى جۇڭنەنخەي سايلام رايونىدىكى خۇەيرېنتاڭ بېلەت تاشلاش پونكىتىدا رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سايلىمىدا بېلەت تاشلاشقا قاتناشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ رايون ۋە يېزا - بازار ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىنىڭ بېلەت تاشلاش كۈنى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىچېڭ رايونى جۇڭنەنخەي سايلام رايونىدىكى خۇەيرېنتاڭ بېلەت تاشلاش پونكىتىدا رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سايلىمىدا بېلەت تاشلاشقا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇش، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياخشى يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئاساسى، دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر كاتتا ئىش. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قەتئىي تۈردە قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىپ، سايلامنى پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، سايلام خىزمىتىدە يۆنىلىشنىڭ توغرا، ئىستىلنىڭ دۇرۇس، كەيپىياتنىڭ توغرا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، خەلق رازى بولىدىغان ۋەكىللەرنى سايلاپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
خۇەيرېنتاڭ بېلەت تاشلاش پونكىتىدا، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى، دۆلەت گېربى چۈشۈرۈلگەن قىزىل رەڭلىك بېلەت تاشلاش ساندۇقى دەل ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بېلەت تاشلاش خىزمىتى ئۆلچەملىك، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى، نەق مەيدان كەيپىياتى تەنتەنىلىك ھەم قىزغىن ئىدى.
چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ خۇەيرېنتاڭ بېلەت تاشلاش پونكىتىغا كېلىپ، سايلام ئىشلىرىغا ئالاقىدار چۈشەندۈرۈشنى تەپسىلىي ئاڭلاپ، سايلىغۇچىلىق گۇۋاھنامىسىنى خىزمەتچى خادىملارنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرۇپ، بىر ۋاراق سايلام بېلىتىنى ئېلىپ، سايلام بېلىتى تولدۇرۇش ئورنىدا سايلام بېلىتىنى ئەستايىدىل تولدۇرغاندىن كېيىن، بېلەت تاشلاش ساندۇقى ئالدىغا كېلىپ تەنتەنىلىك ھالدا ئۆزىنىڭ بىر بېلىتىنى تاشلىدى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، لى چياڭ شىچېڭ رايونى ۋېنجىن كوچىسى سايلام رايونىدىكى زىگۇاڭگې بېلەت تاشلاش پونكىتىدا بېلەت تاشلىدى، جاۋ لېجى شىچېڭ رايونى جۇڭنەنخەي سايلام رايونىدىكى خەلق سارىيى بېلەت تاشلاش پونكىتىدا بېلەت تاشلىدى، ۋاڭ خۇنىڭ جۇڭنەنخەي سايلام رايونىدىكى خۇەيرېنتاڭ بېلەت تاشلاش پونكىتىدا بېلەت تاشلىدى، سەي چى جۇڭنەنخەي سايلام رايونىدىكى خۇەيرېنتاڭ بېلەت تاشلاش پونكىتىدا بېلەت تاشلىدى، دىڭ شۆشياڭ ۋېنجىن كوچىسى سايلام رايونىدىكى زىگۇاڭگې بېلەت تاشلاش پونكىتىدا بېلەت تاشلىدى، لى شى دۇڭچېڭ رايونى تەيجىچاڭ سايلام رايونىدىكى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنى بېلەت تاشلاش پونكىتىدا بېلەت تاشلىدى. خەن جېڭ خىزمەتچى خادىملارغا ھاۋالە قىلىپ جۇڭنەنخەي سايلام رايونىدىكى خۇەيرېنتاڭ بېلەت تاشلاش پونكىتىدا بېلەت تاشلىدى.
خۇ جىنتاۋ خىزمەتچى خادىملارغا ھاۋالە قىلىپ جۇڭنەنخەي سايلام رايونىدىكى خۇەيرېنتاڭ بېلەت تاشلاش پونكىتىدا بېلەت تاشلىدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار ۋە رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن يولداشلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق سايلام رايونىدا بېلەت تاشلىدى ياكى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ بېلەت تاشلىدى.
11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، بېيجىڭ شەھىرىدە جەمئىي 13 مىڭ 54 بېلەت تاشلاش پونكىتى تەسىس قىلىندى، ئارتۇق نامزاتلىق سايلام ئارقىلىق، يېڭى بىر نۆۋەتلىك رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4898 ۋەكىلى، يېزا ـ بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 11 مىڭ 137 ۋەكىلى سايلاپ چىقىلىدۇ.