جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ
پارتىيە 21 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە 21 - قۇرۇلتىيىنى 2027 - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى. يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيە 21 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، 21 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى يېقىندا يىغىن ئېچىپ، بۇ خىزمەتنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى.
پارتىيە 21 - قۇرۇلتىيى پارتىيەمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى سەپىرىدە ئاچىدىغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر كاتتا ئىش. 21 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش قۇرۇلتاينى ياخشى ئېچىشنىڭ مۇھىم ئاساسى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 21 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ، بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە نىشان - ۋەزىپىسىنى بېكىتتى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق بېكىتتى: 21 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ سانى جەمئىي 2360 نەپەر بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 38 سايلام ئورنىدا سايلاپ چىقىلىدۇ. 21 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى نېگىز قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئۆلچەمنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆلچەم، شەرتنى چىڭىتىپ، سايلام تەرتىپىنى پۇختىلاپ، سايلام ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، سايلاپ چىقىلغان 21 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ ساپاسىنىڭ ياخشى، قۇرۇلمىسىنىڭ مۇۋاپىق، تارقىلىشىنىڭ كەڭ، پارتىيە ئەزالىرى ھىمايە قىلىدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق ئايدىڭلاشتۇردى: 21 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدىكى مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇشى، پارتىيە نىزامنامىسىگە نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىشى، ئۆزىگە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە قاتتىق تەلەپ قويۇشى، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. نامزاتلارنىڭ سىياسىي ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، سىياسىي ساپانى تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيەۋىلىكنى ئىنچىكە پەرقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نامزاتلارنىڭ سىياسىي مەيدانى، سىياسىي پوزىتسىيەسى، سىياسىي ئېڭى ۋە سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىپادىسى، ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ سىياسىيدا لاياقەتسىز بولغانلارنى بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش كېرەك. نامزاتلارنىڭ پاكلىق ئۆتكىلى، ئىستىل ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، پاكلىق ئۆتكىلىنى ئىگىلەشكە دائىر تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەرقلەندۈرۈپ تەكشۈرۈشنى چىڭىتىپ، ئەخلاق - پەزىلەت، ئىستىل - ئوبراز قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، «چاتىقى بارلارنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش»، «چاتىقى بارلارنى سايلاش»تىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. ۋەكىللەر قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق ئىگىلەپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ۋەكىللەرنىڭ نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىشچىلار، دېھقانلار ۋە كەسپىي تېخنىك خادىملاردىن بولغان پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىكى ئىلغار، نەمۇنىچى شەخسلەرنى ۋەكىل نامزاتىغا كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؛ ئايال پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى بەلگىلىك نىسبەتنى ئىگىلىشى كېرەك. ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا، دۆلەت مۇداپىئەسى، سىياسىي قانۇن، مائارىپ، تەشۋىقات، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە، جەمئىيەت باشقۇرۇش ۋە يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلاشقان توپلار قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى بولۇشى كېرەك.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق تەلەپ قىلدى: 21 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىقىشتا، تۆۋەندىن يۇقىرىغا تاللاش، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىرلەشتۈرۈش، قايتا - قايتا كېڭىشىش، دەرىجىمۇدەرىجە تاللاش چارىسىنى قوللىنىپ ئېلىپ بېرىش كېرەك. تەشۋىقات - تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى ۋەكىللەر نامزاتىنى كۆرسىتىشكە پائال قاتنىشىشقا كەڭ سەپەرۋەر قىلىش، كۆپ ساندىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، دەرىجىمۇدەرىجە تاللاش، ئەلالىرىنى تاللاش كېرەك. تەشكىلىي تەكشۈرۈشنى چىڭىتىپ، ئارتۇق نامزاتلىق تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈشنى ئالدىن ئۇقتۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلاش كېرەك. قۇرۇلتاي سايلىمىنى ئەستايىدىل ياخشى ئېلىپ بېرىش، ۋەكىللەرگە قارىتا ئارتۇق نامزاتلىق سايلامنى يولغا قويۇش كېرەك، ئارتۇق نامزاتلىق سايلامنىڭ نىسبىتى %15تىن كۆپ بولۇش كېرەك.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ئەستايىدىل، ئىنچىكە بولۇش خىزمەت ئىستىلى بىلەن 21 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام ۋە سايلام ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق بولۇش تەدبىرى، قاتتىق بولۇش كەيپىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، خۇنەن خېڭياڭ، سىچۇەن نەنچۇڭ، لياۋنىڭ قاتارلىق جايلاردىكى پارا بېرىپ سايلىنىش، سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلولىرىنى تەتبىقلىغان ھالدا ئىبرەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىش، ئىبرەت ئېلىش كېرەك. ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتىنى پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرگە «قەتئىي يول قويماسلىق»، بايقالغان ھامان قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنى سايلاپ چىقىش جەريانىنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ، پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامى، پارتىيە تارىخى تەربىيەسى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى جانلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشكە تۈرتكە بولۇش، ئىش قىلىش - نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەممە بىر مەقسەتتە بولۇپ، تەڭ كۈچ چىقىرىپ ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.
21 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى ھازىردىن باشلىنىپ، كېلەر يىلى 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاياغلىشىدۇ.