شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى

  • شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قىسقىچە ئاتىلىشى:شىن. جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا، ئاسىيا- ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان،ئومومىي كۆلىمى 1مىليون 664مىڭ 900كۋادىرات كىلومېتىر، دۆلىتىمىز ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. دۆلىتىمىز ئىچىدە شىزاڭ، چىڭخەي، گەنسۇ بىلەن قوشنا. ئەتراپتا موڭغۇلىيە، روسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان قاتارلىق 8 دۆلەت بىلەن چېگرىداش. قۇرۇقلۇق چېگراسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5700 كىلومېتىردىن ئارتۇق، دۆلىتىمىز قۇرۇقلۇق چېگراسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭ جۇڭگودىكى قۇرۇقلۇق كۆلۈمى ئەڭ چوڭ، چېگرىداش دۆلىتى ئەڭ كۆپ، قۇرۇقلۇق چېگراسى ئەڭ ئۇزۇن ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون. شىنجاڭ قەدىمدە «غەربىي يۇرت» دەپ ئاتالغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ غەربىدىكى چېگرا رايون دېگەن مەنىدە، قەدىمدىن تارتىپلا ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ كەلگەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى 138- يىلى بۇرۇنلا خەن ۋۇدى جاڭ چيەننى غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە ئەۋەتىپ، غەربىي خەن سۇلالىسى بىلەن غەربىي يۇرتتىكى شەھەرلەر ئارىسىدا مۇناسىۋەت ئورناتقان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 60-يىلى غەربىي خەن ھاكىمىيىتى ۋولىيىدە (بۈگۈنكى بۈگۈر دائىرىسىدە) غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلغان. بۇ شىنجاڭ رايونىنىڭ جۇڭگو تېررىتورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. 1884- يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا رەسمىي ئۆلكە تەسىس قىلىپ، «قەدىمىي ماكاننىڭ يېڭىدىن قايتىپ كېلىشى» دېگەن مەنىدە غەربىي دىيارنىڭ نامىنى «شىنجاڭ» دەپ ئۆزگەرتكەن. 1949- يىلى 9- ئايدا شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىنىپ،شنجاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى بارلىققا كەلتۈردى. 1955- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى (موڭغۇل تىلىدا گۈزەل يايلاق دېگەن مەنىدە) قىلىپ بېكىتىلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، گۈللىنىپ راۋاجلىنىش، ئىتتىپاقلىشىپ يۈكسىلىشنىڭ شانلىق تارىخىنى بىرلىكتە يېزىپ چىقتى. شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايون، ھازىر 56 مىللەت ئورتاق ياشاۋاتقان بولۇپ، جۇڭگودىكى مىللەت تەركىبى ئەڭ تولۇق ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايوننىڭ بىرى، ئاساسلىق ئولتۇراقلاشقانلاردىن ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، موڭغۇل، خۇيزۇ، قىرغىز، مانجۇ، شىبە، تاجىك، داغۇر، ئۆزبېك، تاتار، رۇس قاتارلىق مىللەت بار. 2020- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭنىڭ دائىم تۇرۇشلۇق ئومومىي نوپۇسى 25 مىليون 852مىڭ 300 ئادەم بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى تەخمىنەن %57.76 نى تەشكىل قىلىدۇ. شىنجاڭدا ھازىر 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر ) بار، بۇ 5 ئاپتونوم ئوبلاست، 5 ۋىلايەت ۋە ئۈرۈمچى، قاراماي، تۇرپان، قۇمۇلدىن ئىبارەت 4 ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جەمئىي 107 ناھىيە (شەھەر، رايون) بار، بۇ 66 ناھىيە، 28 ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، 13 شەھەر قارمىقىدىكى رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە 6 ئاپتونوم ناھىيە، 34 چىگرا ناھىيە (شەھەر) بار؛ 1127 يېزا – بازار (كوچا باشقارمىسى) بار، بۇ 478 يېزا، 444 بازار، 205 كوچا باشقارمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 42 مىللىي يېزا بار؛ 11 مىڭ 777 كەنت (مەھەللە) بار بولۇپ، 8891 مەمۇرىي كەنت، 2886 مەھەللىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ھازىر 14 شى، بىڭتۇەن باشقۇرۇشىدىكى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق 11 ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، 56 ئىشتاتلىق بازار، 179 تۇەن- مەيدان بار بولۇپ، شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت (شەھەر، ئوبلاست) كە گىرەلەشمە شەكىلدە تارقالغان، تەۋەلىك كۆلىمى تەخمىنەن 70 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ. شىنجاڭنى يەر تۈزۈلۈشىنى «ئۈچ تاغ ئارىسىدىكى ئىككى ئويم...